تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئۈرۈمچى جەنۇبىي ۋوگزال-داۋانچىڭ شەھەر ئارا نۆۋەتچى پويىزى قاتناشقا باشلىدى

   تۇنجى نۆۋەتلىك ئۈرۈمچى جەنۇبىي ۋوگزال-داۋانچىڭ شەھەر ئارا نۆۋەتچى پويىزى 11-ئاينىڭ 25-كۈنى سائەت 09:10 ئۆتكەندە يولغا چىقتى.

  مۇخبىرىمىز فەن گوبىن خەۋىرى، فوتوسى: K9742-قېتىملىق يولۇچىلار پويىزى 11-ئاينىڭ 25-كۈنى سائەت 09:10 ئۆتكەندە ئۈرۈمچى جەنۇبىي ۋوگزالىدىن قوزغالدى، بۇ شىنجاڭ تۆمۈريولىدا قاتنىغان تۇنجى نۆۋەتلىك ئۈرۈمچى جەنۇبىي ۋوگزال-داۋانچىڭ شەھەر ئارا نۆۋەتچى پويىزىدۇر.

  ئىگىلىنىشىچە، بۇ شەھەر ئارا نۆۋەتچى پويىزى ئۈرۈمچى جەنۇبىي ۋوگزالىدىن يولغا چىقىپ 59 مىنۇتتا داۋانچىڭغا يېتىپ بارىدىكەن، ئۈرۈمچى-داۋانچىڭ ئارىسدا ھەر كۈنى تۆت نۆۋەتچى پويىز بېرىپ-كېلىپ قاتنايدىكەن. يەككە مۇساپىلىق بېلەت باھاسى 14.5 يۈەن ئىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • نىڭبو-كۇچا ئىتتىپاقلىق كەنتىدىكى تۆت ئەۋلاد كىشىلەرنىڭ دەۋر ئەسلىمىسى
  • باھاردا كۆكلەم سەيلىسى قىلىش
  • نەشپۈت چېچىكى ساياھەتچىلەرنى مەستخۇش قىلدى
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى