تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   خەلقئارا

كارتون فىلىم «شىر پادىشاھ»نىڭ ھەقىقىي ھايۋانلار رول ئالغان فىلىمى سۈرەتكە ئېلىندى

    «كۈل قىز»، «ساھىبجامال ۋە مەخلۇق»، «خۇا مۇلەن» قاتارلىق كارتون فىلىملەرنىڭ ھەقىقىي كىشىلەر رول ئالغان نۇسخىسى ئاللىقاچان كۆرۈرمەنلەر بىلەن يۈز كۆرۈشتى ۋە ناھايىتى ياخشى باھالارغا ئېرىشتى، «دىسنېي» فىلىم ئىشلەش شىركىتى ئەمدى نادىر كارتون فىلىمى «شىر پادىشاھ»نىڭمۇ ھەقىقىي ھايۋانلار رول ئالغان نۇسخىسىنى سۈرەتكە ئالدى، ئۇنىڭ مۇقەددىمە فىلىمى 11-ئاينىڭ 23-كۈنى ئېلان قىلىنىپ، كىشىلەرگە بالىلىق ئەسلىمىلىرىنى ئەسلەتكەن.
    «شىر پادىشاھ» 1994-يىلى 6-ئاينىڭ 24-كۈنى ئامېرىكىدا قويۇلغان بولۇپ، 1995-يىلى 7-ئاينىڭ 15-كۈنى جۇڭگودا قويۇلغان. ئەمدى بۇ يېڭى فىلىمى 2019-يىل 7-ئاينىڭ 15-كۈنى شىمالى ئامېرىكىدا قويۇلىدىكەن.
مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • يېڭىسارنىڭ تونۇر كاۋىپى
  • ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان چوڭ جىلغىسى ساياھەت مەخسۇس لىنىيەسىنى ئاچتى
  • سايرام كۆلىنىڭ قىش مەنزىرىسى
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى