تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   يېزا ئىگىلىكى

چۈجە ئاق ماياقلىسا ئۈچ خىل كېسەلنىڭ بېشارىتى بولۇشى مۇمكىن

ماتېرىيال سۈرەت

    چۈچە ئاق تولغىقى

  چۈجىنىڭ 7-14 كۈنلۈك مەزگىلى كېسەللىنىشنىڭ يۇقىرى باسقۇچى ھېسابلىنىدۇ. كېسەللەنگەن چۈجە جىمغۇرلىشىدۇ، سوغۇقتىن قورقىدۇ، پەيلىرى بوشاپ، پاخپىيىپ، قانىتى ساڭگىلايدۇ. ئىشتىھاسى تۇتۇلىدۇ، سۇ ئىچىشمۇ ئازىيىدۇ. ئەڭ تىپىك ئالامىتى: كېسەللەنگەن توخۇ ئاق رەڭدە ئۇماچتەك ياكى قويۇق ھاك ئىمۇلسىيەسىدەك(ئاق تولغاق)، مايىقى شۇ ھامان ھاك تېشىسىمان قاتىدۇ، مەقئىتى توسۇلۇپ قالىدۇ، چۈجىدە پۈتۈن تەنلىك قان چىرىش كېسىلى كۆرۈلۈپ، تۈركۈملەپ ئۆلۈپ قالىدۇ.

  چوڭ ئۈچەي تاياقچە باكتېرىيەسى كېسىلى

  جىددىي خاراكتېرلىك كېسەللەنگەن چۈجە تۇخۇمدىن چىقىپ نەچچە كۈندىن كېيىنلا تۈركۈملەپ ئۆلۈپ قالىدۇ، سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەللەنگەنلىرىدە بولسا قاتتىق ئىچى سۈرۈش، كۈلرەڭ ئاقۇچ ماياقلاش، ئۆلۈشتىن بۇرۇن تارتىشىپ قېلىش ۋە چۆرگىلەش ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدۇ. يېرىپ تەكشۈرگەندە تۇخۇم سېرىقىنىڭ يوغىناپ كەتكەنلىكى، يېشى چوڭراق چۈجىنىڭ جىگەر، يۈرىكىنى ئاق رەڭلىك سېللۇلوزا ھاسىلاتى قاپلىۋالغانلىقىنى بايقىغىلى بولىدۇ، بۇلارنىڭ ھەممىسى چوڭ ئۈچەي تاياقچە باكتېرىيىسى كېسىلىنىڭ تىپىك ئالامىتىدۇر.

  يۇقۇملۇق فابرىتسىي خالتىسى كېسىلى

  چۈجە 3 كۈنلۈكتىن 2 ھەپتىلىك بولغىچە يۇقۇملۇق فابرىتسىي خالتىسى ياللۇغى بىلەن ئاسان يۇقۇملىنىدىغان بولۇپ، كېسەللەنگەن چۈجە سوغۇقتىن قورقىدۇ، تۈگۈلىۋالىدۇ، ئاق رەڭدە شىلىمشىق ئۇماچتەك ماياقلايدۇ ياكى سۇدەك شاتراقلايدۇ. يېرىپ تەكشۈرگەندە پۇت ۋە كۆكرەك قىسمىدىكى مۇسكۇللار قانىغان، فابرىتسىي خالتىسى سۇلۇق ئىششىغان ۋە قانىغانلىقى، بەزلىك قېرىنى بىلەن تاشلىقى كېسىشكەن ئورۇندا سىزىقسىمان قاناش نۇقتىسى بارلىقىنى بايقىغىلى بولىدۇ.

پەن-تېخنىكا گېزىتىدىن ئېلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى