تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   يېزا ئىگىلىك ساۋاتلىرى

ئۆي قۇشلىرىغا ئوكۇل ئۇرغاندا ئۇسۇلغا دىققەت قىلىش كېرەك

  ئۆي قۇشلىرىغا ئوكۇل ئۇرغاندا چوقۇم ئۇسۇلغا دىققەت قىلىش كېرەك.

  پۇت قىسمىغا ئوكۇل ئۇرغاندا ئىچى تەرىپىگە ئۇرماسلىق كېرەك. چۈنكى، قۇشلارنىڭ پۇت قىسمىدىكى ئاساسلىق قان تومۇر، نېرۋىلار زەخىملىنىپ، يىڭنە سانجىغان ئورۇن قاناش، پۇتى سېسىش، پالەچلىنىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدۇ.

  تېرە ئاستىغا ئوكۇل ئۇرغاندا توم يىڭنە ئىشلەتمەسلىك كېرەك. توم يىڭنىنىڭ ئۇرۇش چوڭقۇرلۇقى تېيىز، يىڭنە كۆزى چوڭ بولغاچقا، ئوكۇل ئۇرۇپ بولغاندىن كېيىن، دورا سۇيۇقلۇقى ئاسان ئېقىپ چىقىپ كېتىدۇ ھەم جايلىق ئورۇن ئاسان ياللۇغلىنىپ قانايدۇ.

  كۆكرەك قىسمىغا ئوكۇل ئۇرغاندا يىڭنىنى تىك سانجىماسلىق كېرەك. قۇش چۈجىلىرىنىڭ مۇسكۇلى نېپىز بولغاچقا، كۆكرەك قىسمىغا ئوكۇل ئۇرغاندا يىڭنىنى تىك سانجىسا، ئاسانلا كۆكرىكىنى تېشىپ ئۆتۈپ، دورا سۇيۇقلۇقى كۆكرەك بوشلۇقىغا كىرىپ كېتىپ، چۈجە ئۆلۈپ قالىدۇ.

  ئوكۇل سۇيۇقلۇقىنى بىراقلا كۆپ ئۇرۇۋەتمەسلىك كېرەك. چۈنكى، قۇشلارنىڭ مۇسكۇلى چارۋىلارغا قارىغاندا نېپىز بولىدۇ، ئەگەر بىراقلا كۆپ ئۇرۇۋەتسە، قىسمەن ئورۇندىكى مۇسكۇل ئاسان زەخىملىنىدۇ ھەم دورىنىڭ قۇش تېنىگە تېز قوبۇل قىلىنىشىغا پايدىسىز.

  كۈچلۈك غىدىقلىغۇچى دورا سۇيۇقلۇقىنى پۇت قىسمىغا ئۇرماسلىق كېرەك. قۇشلارنىڭ ئاساسلىق ھەرىكەتلىنىدىغان ئەزاسى پۇت قىسمىدۇر. قىسمەن دورىلارنىڭ غىدىقلاش خۇسۇسىيىتى كۈچلۈك، سۈمۈرۈلۈشى ئاستا بولىدۇ.

پەن-تېخنىكا گېزىتىدىن ئېلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • يېڭىسارنىڭ تونۇر كاۋىپى
  • ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان چوڭ جىلغىسى ساياھەت مەخسۇس لىنىيەسىنى ئاچتى
  • سايرام كۆلىنىڭ قىش مەنزىرىسى
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى