تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭ نېنىنىڭ خۇش ھىدى تەرەپ-تەرەپكە تارالدى

  كۆلەم كېڭەيتىلدى، بازار ئۇزارتىلدى، داڭلىق ماركا دەرىجىسى ئۆستۈرۈلدى

  مۇخبىرىمىز شى شىن

  شىنجاڭ نېنىنىڭ «قىزىق» تەرەققىيات ۋەزىيىتى داۋاملاشماقتا.

  تۇنجى ئۇنىۋېرسال ناۋايخانا ئۈرۈمچى شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازار پىيادىلەر كوچىسىغا ماكانلاشتى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك نان كەسپى تەرەققىيات جەمئىيىتى قۇرۇلدى، «شىنجاڭ ياخشى نېنى» دۇڭگۇەن ئۈلگە دۇكىنى تىجارەت باشلىدى، شىنجاڭنىڭ نان كەسپى بويىچە نامراتلارنى يۆلەش تۈرى ئەنخۇينىڭ ۋۇخۇغا ماكانلاشتى دېگەندەك خەۋەرلەر ئىلگىرى- كېيىن گېزىتلەردە ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، بۇ بىر نەچچە كۈندە يەنە ئۈرۈمچى شەھەرلىك نان مەدەنىيىتى كەسىپلەر رايونىنىڭ 2- قارارلىق لايىھەسىگە ئاشكارا خېرىدار چاقىرىلغانلىقى توغرىسىدا خەۋەر تارقالدى.

  نان ھەم شىنجاڭلىقلارنىڭ ئاساسىي يېمەكلىكلىرىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، ھەم شىنجاڭنىڭ ئەنئەنىۋى يېمەك- ئىچمەك مەدەنىيىتىنىڭ مۇھىم نامايەندىسى. شىنجاڭ بۇ غايەت زور بازارنى كۆزلەپ، ئالاھىدىلىكنى مەۋقە قىلىپ، پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسى ئارقىلىق نان كەسپىنىڭ دەرىجىسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولدى.

  يەككە تىجارەتتىن جۇغلانما تىجارەتكە قاراپ تەرەققىي قىلدى

  11- ئاينىڭ 20- كۈنى، كۇچا چوڭ نېنى شەھەرچىسى.

  «بىر ئۆمۈر ناۋايلىق قىلىپ، ناننىڭ بۇنچىۋالا ئالقىشلىنىدىغانلىقىنى ئويلىمىغانىدىم، شۇنچىۋالا كۆپ ناۋايخانىنىڭ بىر يەرگە توپلاشتۇرۇلۇپ نان شەھەرچىسى شەكىللەندۈرىدىغانلىقىنى تېخىمۇ ئويلىمىغانىدىم». رېشىت ھىمىت سۆزلىگەچ، چەبدەسلىك بىلەن خېمىر يۇغۇرۇپ، نان راسلاپ، دورا- دەرمەك چېچىپ، چەككۈچ چېكىپ، ئاخىرىدا تونۇرغا نان يېقىشقا باشلىدى.

  ئۇ بۇنداق ئىش تەرتىپىنى كۆپ يىل داۋاملاشتۇرۇپ كەلدى.

  بۇ يىل 58 ياشقا كىرگەن رېشىت ھىمىت جەمەتىدىكى بەشىنچى ئەۋلاد ناۋاي ۋارىسى. ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى تىزىملىكى تۈرىدىكى «ئۇيغۇر كۇچا نېنى يېقىش ھۈنىرى»نىڭ ۋەكىللىك ۋارىسى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، يەنە كۇچا چوڭ نېنى شەھەرچىسىنىڭ تېخنىكا مەسلىھەتچىسى.

  2014- يىلى قۇرۇلغان بۇ نان شەھەرچىسى ناۋايخانا رايونى، تېتىپ بېقىش رايونى، ئۆزگىچە يېمەكلىكلەر رايونى، قول ھۈنەر بۇيۇملىرىنى كۆرگەزمە قىلىپ سېتىش رايونى، نان مەدەنىيىتى كۆرگەزمە سارىيىدىن تەشكىللەنگەن، جەمئىي 72 دۇكان بار، بارلىق نانغا «كۇچا چوڭ نېنى» دېگەن ماركا چاپلىنىپ، بىر تۇتاش ئورىلىدۇ، تەشۋىق قىلىنىدۇ ۋە سېتىلىدۇ.

  كۇچا چوڭ نېنى ۋەكىللىكىدە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ نېنى توپلاشتۇرۇلۇپ، كۆلەملىك تەرەققىي قىلىشتەك يېپيېڭى باسقۇچقا كىردى.

  كەلپىن ناھىيەسى يۈرچى يېزىسىنىڭ تومئېرىق كەنتى ناۋايلىق ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇردى، لوپنۇر ناھىيەسى نان جەمئىيىتى قۇردى، تۇرپان شەھىرى ئۆزگىچە يېمەك- ئىچمەك ۋە نان كەسپى تەرەققىياتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى قۇردى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك نان مەدەنىيىتى كەسىپلەر رايونىغا توققۇز كارخانا ماكانلاشتى...

  كەسىپلەرنىڭ توپلىنىشى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، نامرات ئائىلىلەرنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپلا قالماي، يەنە ئەتراپتىكى ھۈنەرۋەنچىلىك دۇكىنى، يەككە تىجارەتچىلەرنى بىر تۇتاش ئىشلەپچىقىرىشقا قاتناشتۇرۇپ، توپلاش ئېففېكتىنى گەۋدىلەندۈردى. ئاپتونوم رايوندىكى ئالاقىدار تارماقلارنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، نۆۋەتتە پۈتۈن شىنجاڭ بويىچە تونۇرنىڭ سانى 10 مىڭدىن ئاشقان، كۈنىگە 2 مىليون 750 مىڭ نان تەمىنلىنىدىكەن، نانلارنىڭ ئېغىرلىقى 550 توننا كېلىدىكەن.

  مەھسۇلاتتىن داڭلىق ماركىلىق مەھسۇلاتقا ئايلاندى

  غايەت زور ئىستېمال بازىرى غايەت زور بوشلۇق ۋە پۇرسەتتىن دېرەك بېرىدۇ. بىردىنلا، ئەنئەنىۋى شىنجاڭ نېنى سۈپەت ئۆستۈرۈشتەك تەرەققىيات پۇرسىتىنى كۈتۈۋالدى.

  بۇ يىل 5- ئايدا، ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتىنىڭ ئايروپىلان كۈتۈش زالىغا «تيەنيۈەن ياخشى نېنى» يۈرۈشلۈك مەھسۇلاتى قويۇلدى، نۇرغۇن ساياھەتچى بۇ نانلارنى «شىنجاڭ سوۋغىتى» سۈپىتىدە ئائىلىسىگە ئېلىپ قايتتى. بۇ شىركەتنىڭ سېتىش بۆلۈمى دىرېكتورى دۇڭ زېكۈي مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: ھازىر «تيەنيۈەن ياخشى نېنى»نىڭ ئايروپىلان كۈتۈش زالىدا بەش سېتىش نۇقتىسى بار، كۈندىلىك سېتىش سوممىسى 40 مىڭ يۈەن ئەتراپىدا بولۇۋاتىدۇ. ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: «نانلىرىمىزنىڭ ھەممىسى ئۆلچەملەشتۈرۈلگەن <مەركىزىي ناۋايخانا>دا ئىشلەپچىقىرىلىدۇ، قولدا راسلىنىپ، توكتا پىشۇرۇلىدۇ، نېنىمىزنىڭ بەش تۈرى بار، مەھسۇلاتلار بىرتۇتاش سوۋغاتلىق قاپقا قاچىلىنىپ، شىنجاڭ سوقمىقى، يايما قاق قاتارلىق ئالاھىدە مەھسۇلاتلار بىلەن قوشۇپ سېتىلىدۇ».

  شۇنىڭ بىلەن بىللە، شىنجاڭ نېنىنىڭ تۈرىمۇ ئۈزلۈكسىز يېڭىلىنىپ، ئادەتتىكى نان، قىيمىلىق نان، شەكىل چىقىرىلغان نان تۈرىدىكى 300 نەچچە خىل نان بارلىققا كەلدى.

  زامان- ماكاندىن ھالقىغان بولسىمۇ، نان يەنىلا شۇ نان، لېكىن، ئېنىقكى يەنىلا پەرقلىنىدۇ. «ئابلاجان نانلىرى»، «سۇلايمان ئەلرازى نانلىرى»، «نان بەگ»، «شىنجاڭ توقىچى» ... شىنجاڭ نېنى مەھسۇلات دەۋرىدىن كۇرسلۇق مەھسۇلات دەۋرىگە كىردى.

  كەسىپنىڭ كۆلەملىشىشى، دەرىجىسىنىڭ ئۆسۈشى، سەۋىيەسىنىڭ ئۆسۈشى يۇقىرى قاتلاملىق لايىھەدىن ئايرىلالمايدۇ. ئۈرۈمچى شەھىرىنى مىسالغا ئالساق، مەخسۇس مەبلەغ ئاجرىتىپ مۇھىت بۇلغىمايدىغان تونۇرغا ياردەم پۇلى بەردى، شىنجاڭنىڭ ئۆزگىچە يېمەكلىك ئۆلچىمىگە ناننىڭ ئۆلچىمىمۇ كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، نان يېقىش قېلىپلاشتۇرۇلدى.

  بۇ يىل، ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى يەنە مەخسۇس ناننى كەسىپلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە نان ئۇنىنى ئۆلچەملەشتۈرۈپ، كەسىپلەشتۈرۈپ ئىشلەپچىقىرىشنى ئىلگىرى سۈرۈش يىغىنى ئېچىپ، شىنجاڭ نېنىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ئاساسىنى پۇختىلىدى.

  رايون ئىچىدىن رايون سىرتىغا ئۇزاردى

  مەن شىنجاڭدا بولساممۇ، پۈتۈن دۇنيادىكى كىشىلەرگە تېتىتقۇزغۇم بار − بۇ «شىنجاڭ توقىچى»نىڭ ئارزۇسى.

  تېخى بۇ يىل 4- ئايدا ئۈندىدار دۇكىنىنى رويخەتكە ئالدۇرغان بولسىمۇ، شىنجاڭ توقىچى يېمەكلىك چەكلىك شىركىتىنىڭ توردا نان مەھسۇلاتلىرىنى سېتىشى ئىزىغا چۈشۈپ بولدى، كۈندە تۈرلۈك نان مەھسۇلاتلىرىنىڭ سېتىلىش مىقدارى 300 زاكازدىن ئېشىپ كەتتى. كۇچا چوڭ نېنى شەھەرچىسى تور ۋە تور سىرتىدا كۈنىگە 10 مىڭ نان ساتىدۇ.

  تۈرى كۆپەيتىلىپ سۈپىتى ئۆستۈرۈلۈپ، كۇرسلۇق مەھسۇلات يارىتىلدى، زامانىۋى ماركېتىڭ ئەندىزىسىنىڭ ياردىمىدە، شىنجاڭ نېنى ئەمدى نوقۇل يەرلىك يېمەكلىك بولۇپلا قالماي، شىنجاڭنىڭ «مەززىلىك تائام نام كارتىسى»غا ئايلىنىپ، ئىچكىرى جايلارغا يۈزلەندى، خەلقئاراغا يۈزلەندى.

  10- ئاينىڭ 12- كۈنى، «شىنجاڭ ياخشى نېنى» دۇڭگۈەن ئۈلگە دۇكىنى رەسمىي تىجارەت باشلىدى. بۇ شىنجاڭنىڭ گۇاڭدۇڭ بىلەن قول تۇتۇشۇپ، نان كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، ئىچكىرىدە قۇرغان تۇنجى شىنجاڭ نېنى زەنجىرسىمان ئۈلگە دۇكىنى. ئارقىدىن شىنجاڭ مېھىر- شەپقەت نېنى خۇەنچيۇگاڭ دۇكىنى ئەنخۈي ئۆلكىسىنىڭ خۇەينەن شەھىرىگە ماكانلاشتى؛ ۋۇخۇ شەھىرىدىكى «شىنجاڭ نېنى ۋە خوتەن ئۆزگىچە مەھسۇلاتلىرى دۇكىنى» تىجارەت باشلىدى...

  10- ئايدىن بۇيان، يەتتە نامراتلارنى يۆلەش ناۋايخانىسى ئەنخۈي ئۆلكىسىدە كەينى- كەينىدىن تىجارەت باشلىدى، ناۋايلارنىڭ ھەممىسى خوتەن ۋىلايىتىدىكى نامرات ئائىلىلەردىن تاللانغان، كۆپ يىللىق ناۋايلىق ھۈنىرىگە ئىگە كىشىلەر بولۇپ، نان ياقىدىغان ئۇن قاتارلىق خام ماتېرىياللارمۇ پۈتۈنلەي شىنجاڭدىن كەلتۈرۈلىدۇ.

  «نۆۋەتتىكى ئەھۋالدىن قارىغاندا، شىنجاڭنىڭ نان كەسپى بەلگىلىك تەرەققىي قىلدى. لېكىن، كەلگۈسىدىكى يول يەنىلا ناھايىتى ئۇزۇن، يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش، ساياھەت كەسپى بىلەن تولۇق بىرلەشتۈرۈلۈپ، نان كەسپىنى كۆپ كەسىپ يۇغۇرۇلغان مۇھىتتا تەرەققىي قىلدۇرۇش، زورايتىش كېرەك» دېدى ئاپتونوم رايونلۇق ئاشپەزلىك جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى يۈ گۈيتاۋ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • يېڭىسارنىڭ تونۇر كاۋىپى
  • ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان چوڭ جىلغىسى ساياھەت مەخسۇس لىنىيەسىنى ئاچتى
  • سايرام كۆلىنىڭ قىش مەنزىرىسى
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى