«ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەزاسى تۇغقىنى بىلەن شارپا تاللىماقتا.
شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (ئىختىيارى مۇخبىر سۈن جېنسۇڭ خەۋىرى، فوتوسى): ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونلۇق ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ دۇڭمېن تارماق رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى ئالغا غەربىي يولى مەھەللە كومىتېتىدا تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى 11-ئاينىڭ 24-كۈنى مەھەللە كومىتېتى بىلەن بىرلىكتە پارتىيەلىك كادىرلار، خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى، قوشماقلىشىپ تۇغقانلاشقانلار، تەۋەلىكتىكى ئاھالىلەرنى شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازارنى بىرلىكتە ئايلىنىشقا تەشكىللىدى، كۆپچىلىك خۇشال ھالدا مال سېتىۋالدى، مەززىلىك تاماقلارغا ئېغىز تەگدى، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ تەرەققىيات ئۆزگىرىشلىرىنى ھېس قىلدى.