تېرىسىگە قورۇق چۈشكەنلەر: گىئالۇرونىك كىسلاتا ھۈجەيرىنىڭ سۇ تەركىبىنى ساقلىشىغا ياردەم بېرىپ تېرىنى تېخىمۇ نەمخۇش، پارقىراق قىلىدۇ. گىئالۇرونىك كىسلاتانى ۋىتامىن C، كوللاگېن ئاقسىلى ياكى تەركىبىدە ئومېگا-3 مول بولغان فوسفورلۇق راك مېيى بىلەن قوشۇپ ئىستېمال قىلىنسا ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ.
تېرىسىنىڭ ئېلاستىكىلىقى ناچارلار: كارنوزىن تالانىڭ بەدەندىكى قەنتنىڭ ئايلىنىش رولى بىلەن قاتتىقلىشىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. كارنوزىن روزېمارىيە كىسلاتاسى ياكى ھەزىم قىلىشقا ياردەم بېرىدىغان -Lگىستىدىن بىلەن قوشۇپ ئىستېمال قىلىنسا تېخىمۇ ياخشى بولغان ئۈنۈمگە ئېرىشكىلى بولىدۇ.
تېرىسى قۇرغاقلار: زۆرۈر ياغ كىسلاتاسى ئادەم بەدىنى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم، ئەمما ئورگانىزم ئۆزلۈكىدىن بىرىكەلمىگەچكە، يېمەكلىك ئارقىلىق تەمىنلەشكە توغرا كېلىدۇ. زۆرۈر ياغ كىسلاتاسى ۋە بۇراگۇ ئوتى مېيى بىللە قوشۇپ ئىستېمال قىلىنسا ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ.
تېرىسى خۇنۈكلەر: ئەگەر تېرە خۇنۈك بولسا سېلېن ئېلېمېنتى، ۋىتامىن E ۋە β-كاروتىن بىللە ئىستېمال قىلىنسا بولىدۇ.
دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى شۇكى، خالىغانچە ئارىلاشتۇرۇپ ئىستېمال قىلىشتىن ساقلىنىش، چوقۇم تېببىي خادىملارنىڭ مەسلىھەتى بويىچە ئىش كۆرۈش لازىم.
(شىنخۇا تورىدىن تەرجىمە قىلىندى)