
شەھەر ئىستېمالى سەھەر گېزىتى خەۋىرى: ھاۋانىڭ سوۋۇشىغا ئەگىشىپ، باغراش كۆلى نەچچە ئون مىڭلىغان سۇ قۇشلىرىنىڭ قىشلايدىغان كۆڭۈلدىكىدەك ماكانىغا ئايلاندى. بۇ سۇ قۇشلىرى بەزىدە ئوزۇق ئىزدىسە، بەزى قانات قېقىپ پەرۋاز قىلاتتى، يەنە بەزىدە بىر-بىرىنى قوغلىشىپ، تولىمۇ گۈزەل مەنزىرىنى ھاسىل قىلغانىدى.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، باغراش كۆلى مۇھىتىنى قوغداش سالمىقىنى ئۈزلۈكسىز زورايتىش ئارقىلىق، باغراش كۆلىنىڭ سۇ سۈپىتى ئىزچىل ياخشىلاندى.
باغراش كۆلى مەملىكىتىمىزدىكى ئەڭ چوڭ ئىچكى قۇرۇقلۇق تاتلىق سۇ كۆلى بولۇپ، سۇ يۈزى كۆلىمى 1646 كىۋادرات كىلومېتىرغا يېتىدۇ، بۇ يەردە 120 خىلدىن ئارتۇق ياۋا قۇش بولۇپ، ئېلىمىزدىكى ياۋا قۇشلار ماكانلىشىدىغان مۇھىم جايلارنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ.