تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان چوڭ جىلغىسى ساياھەت مەخسۇس لىنىيەسىنى ئاچتى

    شەھەر ئىستېمالى سەھەر گېزىتى خەۋىرى. 11-ئاينىڭ 24-كۈنىدىن باشلاپ، نەنسەنگە بېرىپ ساياھەت قىلماقچى بولغانلار ئۇزۇن يوللۇق ئاپتوبۇس بېكىتىدىن تىيانشان چوڭ جىلغىسى مەنزىرە رايونى ساياھەتچىلەر مۇلازىمەت مەركىزىگە بارىدىغان شەھەر-يېزا ساياھەت مەخسۇس لىنىيە ئاپتوموبىلىغا ئولتۇرسا بولىدۇ.

    ئىگىلىنىشىچە، بۇ لىنىيەنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 80 كىلومېتىر بولۇپ، ئۈرۈمچى ئۇزۇن يوللۇق ئاپتوبۇس بېكىتى، شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازار، بەييۈن قار تېيىلىش مەيدانى، يىپەك يولى خەلقئارا قار تېيىلىش مەيدانى،  تىيانشان چوڭ جىلغىسى مەنزىرە رايونى ساياھەتچىلەر مۇلازىمەت مەركىزى قاتارلىق جايلارنى بېسىپ ئۆتىدىكەن. 

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • رەڭگارەڭ گۈل كۆرگەزمىسىدە دۆلەت بايرىمى تەبرىكلەندى
  • يېڭى ئۆيدە ئولتۇرۇپ يېڭى تۇرمۇش كەچۈرۈش
  • قاناس مەنزىرە رايونى ئاۋاتلاشتى