تويدىن كېيىن مەن بەخت دەملىرىگە چۆمۈۋاتقان چاغلىرىمدا زىيەننىڭ تۇرمۇشىدىن ئاز-تولا ئەنسىرەپمۇ قالاتتىم، ئەمما ئۇنىڭدىن ئەھۋال سوراشتىن، ئۇنىڭ يارىسىنى تاتىلاپ قويۇشتىن قورقاتتىم.
نەچچە يىلدىن كېيىن مەن ئەنسىرىگەن ئىش يۈز بەرمىدى، زىيەن ناھايىتى بەختلىك ياشاۋاتاتتى. ئەكسىچە مەن ئۆزۈمنىڭ تويدىن كېيىنكى تۇرمۇشىدىن نارازى بولۇشقا باشلىغانىدىم، تۇرمۇشۇمنىڭ ھېچقانداق مەنىسى يوقتەك، مۇھەببەت ۋە بەختنى تۇرمۇشۇمدىن يىراقلاپ كېتىۋاتقاندەك ھېس قىلاتتىم.
بىر كۈنى زىيەن بىلەن كۆرۈشۈپ قالدىم، ئۇ مېنى ئۆيىگە مېھمان بولۇپ كېتىشكە تەكلىپ قىلدى. مەن ماقۇل بولدۇم.
زىيەننىڭ ئۆيىگە كىرىپلا تامدىكى قىزىل ياغاچتا رامكا چىقىرىلغان تاختىغا كۆزۈم چۈشتى، بۇ تاختا ئىدارە-ئورۇنلارنىڭ «تەشۋىقات تاختىسى» ياكى «شەرەپ تاختىسى» غا ئوخشاپ كېتەتتى. تاختىنىڭ ئۈستىگە «بەخت تاختىسى» دەپ يېزىلغان بولۇپ، ئۈستىگە زىيەن ۋە ئۇنىڭ ئېرىنىڭ سۈرەتلىرى چاپلانغان، ئۇلارنىڭ شۇ چاغدىكى تۇرقىدىن ئىنتايىن خۇش بولغانلىقى كۆرۈنۈپ تۇراتتى. ئەمەلىيەتتە ئېرىم ئىككىمىزنىڭمۇ بۇنداق خۇشال بولغان ۋاقىتلىرىمىز بولغان، ئەمما بىز ئۇ ئىشلارنى قايتا تىلغا ئېلىپ ئەسلەپ يۈرمەيتتۇق، خالاس.
زىيەن بىر چەتتە تۇرۇپ مەمنۇن بولغان ھالدا مۇنداق دېدى :«ھەممىسى ئېرىمنىڭ تاپقان ئىشى بولمامدۇ، ئۇ ئىككىمىزنىڭ بەختلىك پەيتلىرىنى سۈرەتكە تارتىۋېلىپ بۇ تاختىغا چاپلاپ قويىدۇ. قارىماققا سەل گۆدەكلىك قىلغاندەك كۆرۈنسمۇ، ئەمما كىشى كۈندە بۇ سۈرەتلەرگە قاراپ تۇرسا، ئۆزىنى ناھايىتى خۇشال تۇتالايدىكەن. ئاچچىقلىنىپ قالساقمۇ، بۇ سۈرەتلەرنى كۆرۈپ، كەيپىياتىمىزنى دەرھال ئوڭشىيالايمىز. ئۇ خۇشال بولغان ۋاقىتلىرىمىزنى ھەمىشە ئېسىمىزگە سېلىپ تۇرىدۇ، قەلبىمىز بەختلىك ھېسلارغا چۆمىدۇ».
ئەمەلىيەتتە، ھەممە ئادەمنىڭ بەختلىك كەچۈرمىشى بولىدۇ، ئەمما بىز ئۇنى ھەمىشە كۆرۈنمەيدىغان جايلارغا قويۇپ قويىمىز، ۋاقىت ئۆتكەنچە، بەختمۇ ئۇنتۇلۇپ كېتىدۇ. سىز بەختىڭىزنى ئۇنتۇپ قالغان شۇ پەيتتە، بەختمۇ سىزنى تاشلاپ قويۇپ كېتىدۇ. شۇڭا بەختىڭىزنى كۆزگە چېلىقىدىغان جايغا قويۇپ قويۇڭ، ئۇنى نەزەرىڭىزدىن ساقىت قىلىۋەتمەڭ، شۇندىلا ئۇ سىزگە سايىڭىزدەك ئەگىشىپ تۇرىدۇ. قەلبىڭىز بەختكە تولسا، كۆڭۈلسىزلىكنى سىغدۇرغۇدەك جاي قالمايدۇ.