تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

قەشقەردە 2000 نامرات ئائىلە ئايالى «ئوچاق بېشىدىن ماشىنا ئالدىغا يۆتكەلدى»

  مۇخبىرىمىز خەن چىنيەن خەۋەر قىلىدۇ: ئوچاق بېشىدىن ئايرىلىپ، زامانىۋىلاشقان كىيىم- كېچەك ئىشلەپچىقىرىش سېخىغا كىرگەن ئائىلە ئايالى تاجىگۈل تۇراق 35 يېشىدا ئۆزىنىڭ كىشىلىك ھايات قىممىتىنى تاپتى. «مەن ھازىر ئۇستام بولدۇم، ئايلىق مائاشىم 5800 يۈەنگە يەتتى» دېدى شىنجاڭ مېيلىئو كىيىم- كېچەك چەكلىك شىركىتىنىڭ ئىشچىسى تاجىگۈل ئىپتىخارلانغان ھالدا.

  بىر نامرات ئائىلە ئايالىدىن ئۆسۈپ يېتىلىپ كارخانىنىڭ تايانچىغا ئايلانغان تاجىگۈل ئائىلىسىدىكىلەرگە بىر شىنجاڭلىق ئايالنىڭ يېڭى ئوبرازىنى نامايان قىلىپ بەردى. تاجىگۈلگە ئوخشاش مۇشۇنداق كىشىلىك ھاياتىنى ئۆزگەرتكەن نامرات ئائىلە ئاياللىرى ئۇ ئىشلەۋاتقان شىركەتتە 2000 دىن ئاشىدۇ.

  2016- يىلىنىڭ بېشىدا، شېنجېن شەھىرىدىكى مېيلىئو كىيىم- كېچەك چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى لى خۇيجۈن قەشقەرگە كېلىپ، قەشقەر ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونى شېنجېن كەسىپلەر رايونىدا شىنجاڭ مېيلىئو كىيىم- كېچەك چەكلىك شىركىتىنى قۇردى.

  ھازىر، مېيلىئو شىركىتى 93 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ قەشقەر شەھىرى، يەكەن ناھىيەسى ۋە تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسىدە يېڭىدىن بەش كىيىم- كېچەك زاۋۇتى قۇرۇپ، 3000 دىن ئارتۇق كىشىنى قوبۇل قىلىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇردى، ئۇلارنىڭ ئىچىدە نامرات ئائىلە ئاياللىرى 2000 دىن ئاشىدۇ.

  11- ئاينىڭ 14- كۈنى، مۇخبىر قەشقەر ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونى شېنجېن كەسىپلەر رايونىدىكى شىنجاڭ مېيلىئو كىيىم- كېچەك چەكلىك شىركىتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش سېخىغا كىردى، ئوخشاش قىزغۇچ سېرىق رەڭلىك خىزمەت فورمىسى كىيگەن، بېشىغا ئەتلەس ياغلىق چىگكەن ئامىنە ئۆمەر ھېلىلا تىكىلگەن مەكتەپ فورمىسىنى بىرمۇبىر تەكشۈرۈپ، ئېھتىياتچانلىق بىلەن ئارتۇقچە يىپ ئۇچىلىرىنى كېسىۋاتاتتى.

  28 ياشلىق ئامىنەنىڭ ئۆيى قەشقەر شەھىرىنىڭ پاختەكلى يېزىسىدا بولۇپ، ئۇ ئەسلىدە بىر ئائىلە ئايالى ئىدى. ئىككى يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇرۇن، يېزىلىق ھۆكۈمەتنىڭ سەپەرۋەر قىلىشى بىلەن، ئامىنە شىنجاڭ مېيلىئو كىيىم- كېچەك چەكلىك شىركىتىگە كىرىپ، بىر سېخ ئىشچىسىغا ئايلانغانىدى.

  ئامىنە زاۋۇتتىكى دۆلەت ئورتاق تىل- يېزىقىنى پىششىق ئىگىلىگەن ساناقلىقلا ئىشچىنىڭ بىرى ئىدى، ئۇ ناھايىتى تېزلا سېخنىڭ گۇرۇپپا باشلىقلىقىغا سايلىنىپ، مەھسۇلاتنىڭ سۈپىتىنى تەكشۈرۈش خىزمىتىنى ئۈستىگە ئالدى. ھازىر ئامىنە ھەر ئايدا 2500 يۈەندىن ئارتۇق مائاش ئالالايدۇ. ھالبۇكى بۇنىڭدىن ئىلگىرى، ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر پەقەت تۆۋەن كاپالەت پۇلىغا تايىنىپ تۇرمۇشىنى قامدايتتى.

  بۇ 1500 ئىشچىسى بار كىيىم- كېچەك زاۋۇتى ھەر يىلى 2 مىليون 500 مىڭ يۈرۈش كىيىم- كېچەك ئىشلەپچىقىرىدۇ، لايىھەلەش، تەتقىق قىلىپ ئېچىش، زاكاز قوبۇل قىلىش شېنجېندىكى باش ئىشتابتا ئىشلىنىدۇ. بىر ھەپتىدىن كېيىن، ئىشچىلارنىڭ قولىدىن چىققان كىيىم- كېچەكلەر نەچچە مىڭ كىلومېتىر يىراقلىقتىكى شېنجېنغا يەتكۈزۈلىدۇ.

  مېيلىئو شىركىتى «بىر ئادەمنى قوبۇل قىلىپ، بىر ئائىلىنى ئۆزگەرتىش، بىر دائىرىگە تەسىر كۆرسىتىش»تەك مەبلەغ سېلىپ زاۋۇت قۇرۇش ئىدىيەسىدە چىڭ تۇردى، قوبۇل قىلغان ئىشچىلارنىڭ % 60تىن كۆپرەكى يەرلىكتىكى نامرات ئائىلىلەردىن كەلگەن، ئىشچىلارنىڭ ئوتتۇرىچە ئايلىق كىرىمى 2500 يۈەن ئەتراپىدا. «قىسقىغىنا ئىككى يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتا، ئىشچىلارنىڭ روھىي قىياپىتى ۋە ئىدىيە قارىشىدا ئىنتايىن چوڭ ئۆزگىرىش بولۇپ، ياسىنىشقا ئىنتىلىدىغان بولدى، يۈرۈش- تۇرۇشتا ئۆزىگە تېخىمۇ ئىشىنىدىغان بولدى» دېدى لى خۇيجۈن كۈلۈپ تۇرۇپ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى