تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ساياھەت

ئالتايدىكى جياڭجۈنشەن قار تېيىلىش مەيدانى نۇرغۇن ساياھەتچىنى جەلپ قىلدى

    ئۆز خەۋىرىمىز (مۇخبىر لى چاڭدا خەۋىرى، فوتوسى): نەچچە كۈندىن بۇيان، «جۇڭگودىكى قار ماكانى» ئالتايدىكى جياڭجۈنشەن قار تېيىلىش مەيدانى رەسمىي تىجارەت باشلىدى، گۈزەل تەبىئىي مەنزىرىسى ۋە قار تېيىلىش شارائىتى ھازىرلانغان بۇ قار تېيىلىش مەيدانى شەھەر ئاھالىلىرى ۋە جاي-جايلاردىن كەلگەن نۇرغۇن قار تېيىلىش ھەۋەسكارلىرىنى بۇ جايغا كېلىپ قار تېيىلىشقا جەلپ قىلدى.
    جياڭجۈنشەن قار تېيىلىش مەيدانى مەملىكىتىمىز ۋە ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئېگىز تاغدا قار تېيىلىش مەشىق بازىسى، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 5S دەرىجىلىك قار تېيىلىش مەيدانى شۇنداقلا مەملىكىتىمىزدىكى بىردىنبىر شەھەر بىلەن تۇتاشقان ئېگىز تاغ قار تېيىلىش مەيدانى ھېسابلىنىدۇ. قار تېيىلىش مەيدانىنىڭ ئۈنۈملۈك قار تېيىلىش ۋاقتى 150 كۈن، ئۈنۈملۈك ئېگىزلىك پەرقى 405 مېتىر. نۆۋەتتە، 27 قار تېيىلىش يولى ياسالغان بولۇپ، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 21 كىلومېتىر كېلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • يېڭىسارنىڭ تونۇر كاۋىپى
  • ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان چوڭ جىلغىسى ساياھەت مەخسۇس لىنىيەسىنى ئاچتى
  • سايرام كۆلىنىڭ قىش مەنزىرىسى
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى