تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت مىراسلىرى قوغدالدى ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىندى

  «شىنجاڭنىڭ مەدەنىيىتىنى قوغداش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش» ناملىق ئاق تاشلىق كىتابنىڭ يەشمىسى (4)

شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسىدىن دىدارگۈل

  مەدەنىيەت مىراسلىرى ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكىنىڭ خاتىرە ۋاسىتىسى، ئۇزاق تارىخنىڭ قىممەتلىك داۋامى، قەدىمكى ئاقىللار كېيىنكىلەرگە قالدۇرغان مەنىۋى مىراس. شىنجاڭ تارىخىدا ساقلىنىپ قالغان ھەربىر خىش، ھەربىر كاھىش، ھەربىر شەھەر، ھەربىر كوچا، ھەربىر كىتاب، ھەربىر رەسىم قاتارلىق مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ ھەممىسى جۇڭخۇا مىللىتى مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، ئۇلار خۇددى جۇلالىنىپ تۇرغان «قىزىل ياقۇت»تەك ئۇزاق تارىخىي يىللاردىن ھالقىپ، جۇڭگونىڭ بىپايان زېمىنىدا پارلاق نۇر چاچتى، ئۇلار مۆلچەرلىگۈسىز تارىخىي، ئىلمىي، ئەدەبىي، سەنئەت قىممىتىگە ئىگە. گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى ئېلان قىلغان «شىنجاڭنىڭ مەدەنىيىتىنى قوغداش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش» توغرىسىدىكى ئاق تاشلىق كىتابتا (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ ئاق تاشلىق كىتاب دېيىلىدۇ)، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن بۇيان، جۇڭگو ھۆكۈمىتى شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىش توغرىسىدا ئوتتۇرىغا قويغان بىرقاتار يېڭى ئىدىيە، يېڭى قاراش، يېڭى تەلەپلەر، قوللانغان بىرقاتار تەدبىرلەر، ئېرىشكەن كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەر ئوبيېكتىپ نامايان قىلىندى.

  مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش خىزمىتىدە ماھىيەتلىك ئىلگىرىلەش قولغا كەلتۈرۈلدى. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن بۇيان ئېلان قىلىنغان «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش قانۇنى» «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش، باشقۇرۇش بەلگىلىمىسى» قاتارلىق قانۇن- نىزاملار قانۇن جەھەتتىن، تۈزۈم جەھەتتىن شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش خىزمىتىنى مۇھىم كاپالەت بىلەن تەمىنلىدى. مەملىكەت بويىچە يۆتكىگىلى بولمايدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى ئۈچىنچى قېتىم ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش ۋە مەملىكەت بويىچە يۆتكىگىلى بولىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى بىرىنچى قېتىم ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش خىزمىتى ئومۇميۈزلۈك تاماملىنىپ، مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ تەكتى يەنىمۇ ئېنىقلاندى. 2017- يىلىغا قەدەر، شىنجاڭدىكى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى نۇقتىسى 9542 بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە قوچۇ قەدىمىي شەھىرى، يارغول قەدىمىي شەھىرى، بېشبالىق قەدىمىي شەھىرى، قىزىلقاغا تۇراسى، قىزىل مىڭئۆي، سۇبېشى بۇددا ئىبادەتخانىسى خارابىسى قاتارلىق ئالتە مىراس ئورنى شىنجاڭنىڭ تۇنجى تۈركۈمدىكى دۇنيا مەدەنىيەت مىراسىغا ئايلاندى. تارىختا كۆرۈپ تۈگەتكۈسىز، سان- ساناقسىز قىممەتلىك قەدىمىي يادىكارلىقلار ساقلىنىپ قالغان. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، دۆلىتىمىز قوچۇ قەدىمىي شەھەر خارابىسى، بېشبالىق قەدىمىي شەھەر خارابىسى، كۈرە يېڭى- كونا قەدىمىي شەھەر خارابىسى قاتارلىق زور بىر تۈركۈم مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى رېمونت قىلدۇردى، يېڭىلىدى، قوغدىدى، 3000 دىن ئارتۇق قىممەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقىنى قۇتقۇزۇۋېلىش خاراكتېرلىك قوغدىدى ۋە رېمونت قىلىپ ئەسلىگە كەلتۈردى. غۇلجا شەھىرى، قەشقەر شەھىرى، تۇرپان شەھىرى (ھازىرقى تۇرپان شەھىرىنىڭ ئىدىقۇت رايونى)، تېكەس ناھىيەسى، كۇچا ناھىيەسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دۆلەت دەرىجىلىك بەش تارىخىي مەدەنىيەت داڭلىق شەھىرىنى بېكىتتى. شىنجاڭدىكى نۇرغۇن مۇھىم، زور ئارخېئولوگىيەلىك بايقاش جۇڭگو ۋە چەت ئەلنىڭ دىققىتىنى تارتتى، مەسىلەن، كىروراننى ئارخېئولوگىيەلىك قېزىش، نىيەنى ئارخېئولوگىيەلىك قېزىش، تۇرپاننى ئارخېئولوگىيەلىك قېزىش قاتارلىقلار، بۇنىڭ ئىچىدە شىنجاڭ نىيە ناھىيەسىدىكى نىيە خارابىسى، چاقىلىق كىچىك مىرەن قەبرىستانلىقى، كۇچا دوستلۇق يولىدىكى جىن سۇلالىسى 16 بەگلىك دەۋرىگە مەنسۇپ خىش قەبرىستانلىقى، جېمىنەي تۇڭتيەندۇڭ خارابىسى قاتارلىق سەككىز تۈرلۈك ئارخېئولوگىيەلىك قېزىش تۈرى ئىلگىرى- ئاخىر مەملىكەت بويىچە شۇ يىللىق ئون چوڭ ئارخېئولوگىيەلىك يېڭى بايقاش قاتارىغا كىرگۈزۈلدى. دۇنيادا ئاز ئۇچرايدىغان، مۇھىم، زور ئەھمىيەتكە ئىگە دۆلەت گۆھىرى دەرىجىلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى قېزىپ چىقىلدى، مەسىلەن، خەن سۇلالىسى چياڭلار ئاقساقىلىغا بەرگەن مۆھۈر، «شەرقتىن كۆتۈرۈلسە بەش ئەختەر، ئوتتۇرا ئىقلىمغا نەپ يېتەر» دېگەن خەت چۈشۈرۈلگەن كىمخاب يەڭلىك قاتارلىقلار غەربىي يۇرت بىلەن بىپايان جۇڭخۇانىڭ باشتىن- ئاخىر تارىخىنىڭ ئۆزئارا باغلانغانلىقى، ئادىمىيەت جەھەتتىن ئۆزئارا گىرەلەشكەنلىكى، يىلتىزىنىڭ بىر- بىرىگە تۇتىشىپ كەتكەنلىكىدەك قويۇق مۇناسىۋىتىنى تولۇق نامايان قىلىپ بەردى.

  قەدىمكى ئەسەرلەرنى قوغداش خىزمىتىنىڭ نەتىجىسى كۆرۈنەرلىك بولدى. قەدىمكى ئەسەرلەر بىزنىڭ نەچچە مىڭ يىللىق تارىخىي تەرەققىيات داۋامىدا ئىجاد قىلغان مۇھىم مەدەنىيەت نەتىجىمىز بولۇپ، چاقناپ نۇر چېچىپ تۇرغان تارىخ گۇۋاھچىسى، شۇڭا قەدىمكى ئەسەرلەرنى قوغداشقا چوقۇم يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىشىمىز كېرەك. ئاق تاشلىق كىتابتا بۇلار تەپسىلىي تونۇشتۇرۇلدى. ئاپتونوم رايون ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ قەدىمكى ئەسەرلىرىنى رەتلەش، نەشر قىلىش، پىلانلاش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ۋە ئىشخانىسى، قەدىمكى ئەسەرلەرنى قوغداش مەركىزى، قەدىمكى ئەسەرلەرنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەركىزى قۇردى، ئاز سانلىق مىللەت قەدىمكى ئەسەرلىرىنى ئالاھىدە ساقلاش ئامبىرى قۇردى. شىنجاڭ قەدىمكى ئەسەرلەرنى قوغداش مەركىزى قەدىمكى ئەسەرلەرنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش، تەتقىق قىلىش، تېگى- تەكتىنى بىلىش خىزمىتىنى كۆپ قېتىم قانات يايدۇرۇپ، نۇقتىلىق، قىممەتلىك قەدىمكى ئەسەرلەرنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى، زىيانغا ئۇچراش ئەھۋالى ۋە ساقلىنىش ئەھۋالىنى تىزىملاپ خاتىرە تۇرغۇزدى. ساقلىنىۋاتقان قەدىمكى كىتابلار خەنزۇ يېزىقى، ئارامى يېزىقى ۋە بىراخما يېزىقىدىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ سىستېمىدىكى جەمئىي 19 خىل تىل، 28 خىل يېزىقنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، مەزمۇنى سىياسىي، ئىقتىساد، جەمئىيەت، دىن، ئاسترونومىيە، ماتېماتىكا، تېبابەت، سەنئەت قاتارلىق ساھەلەرگە چېتىلىدۇ. قەدىمكى ئەسەرلەر توغرىسىدىكى ئىلمىي تەتقىقات خىزمىتى پائال قانات يايدۇرۇلدى، 1990- يىلىدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق قەدىمكى ئەسەرلەر ئىشخانىسى ئالاقىدار ئورۇنلار بىلەن كۆپ قېتىم قەدىمكى ئەسەرلەر ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئاچتى، بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ «قۇتادغۇبىلىك»، موڭغۇللارنىڭ «جاڭغىر» ھەم قىرغىزلارنىڭ «ماناس» قاتارلىق ئەسەرلىرىگە قارىتا قانات يايدۇرۇلغان خەلقئارا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. 2011- يىلى، «غەربىي يۇرتتىكى قىممەتلىك ئەسەرلەر ــــ شىنجاڭدىكى تارىخىي ھۆججەتلەر ۋە قەدىمكى ئەسەرلەرنى قوغداش نەتىجىلىرى كۆرگەزمىسى» دۆلەتلىك كۇتۇپخانىنىڭ كۆرگەزمە مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلدى. بۇ قېتىمقى كۆرگەزمە جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ قىممەتلىك تارىخىي ھۆججەتلىرى، بولۇپمۇ «دۆلەتنىڭ قىممەتلىك قەدىمكى ئەسەرلەر تىزىملىكى»گە كىرگۈزۈلگەن شىنجاڭنىڭ 21 قىممەتلىك ئەسىرىنى تۇنجى قېتىم مەركەزلىك ئاشكارا نامايان قىلدى، بۇلار بىزنىڭ شىنجاڭ تارىخىنى ئومۇميۈزلۈك، سىستېمىلىق چۈشىنىشىمىزدىكى قىممەتلىك ماتېرىيال ھېسابلىنىدۇ.

  غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ئۈنۈملۈك قوغدالدى. شىنجاڭنىڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش، ۋارىسلىق قىلىش، مۇۋاپىق پايدىلىنىش قانۇنچىللىق ئىزىغا سېلىندى. «قوغداشنى ئاساس قىلىش، قۇتقۇزۇشنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇش، مۇۋاپىق پايدىلىنىش، ۋارىسلىق قىلىپ تەرەققىي قىلدۇرۇش» خىزمەت پىرىنسىپى بويىچە، شىنجاڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش بويىچە بىر قاتار تۈزۈم چىقىرىپ، ئايرىم- ئايرىم 2008- يىلى ۋە 2010- يىلى «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش نىزامى» «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئۇيغۇر مۇقام سەنئىتىنى قوغداش نىزامى»نى ئېلان قىلىپ يولغا قويۇپ، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى ئىلمىي، سىستېمىلىق قۇتقۇزۇش، قوغداشنى تۈزۈم كاپالىتىگە ئىگە قىلدى. 20- ئەسىرنىڭ 50- يىللىرىنىڭ باشلىرى، دۆلەت «يىپەك يولىدىكى مەرۋايىت» دەپ نام بېرىلگەن ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقام سەنئىتىنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن، ئۇنى ئەتراپلىق، ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش، يىغىپ توپلاش خىزمىتىنى يولغا قويدى ھەم مۇكەممەل بولغان بىر يۈرۈش مۇزىكا نوتىسىنى رەتلەپ چىقتى. ئاپتونوم رايون كۆپلەپ مەبلەغ، ئادەم كۈچى ئاجرىتىپ، موڭغۇللارنىڭ تارىخىي داستانى «جاڭغىر»، قىرغىزلارنىڭ تارىخىي داستانى «ماناس» قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كۆپلىگەن خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى ئەسەرلىرىنى رەتلەپ نەشر قىلدى؛ «جۇڭگو مىللەتلەر ئەل ئىچى ئۇسسۇللار توپلىمى. شىنجاڭ تومى»، «جۇڭگو ئەل ئىچى ناخشىلار توپلىمى. شىنجاڭ تومى»، «جۇڭگو ئەل ئىچى ھېكايىلەر توپلىمى. شىنجاڭ تومى» قاتارلىق ئون چوڭ سەنئەت توپلىمىنى تۈزۈپ نەشردىن چىقىرىپ، شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ ئەل ئىچى ئۇسسۇللىرى، مۇزىكىلىرى ۋە ئەدەبىياتى قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئاساسىي ماتېرىياللىرىنى ئومۇميۈزلۈك، سىستېمىلىق ئىگىلەپ، شىنجاڭنىڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش ئۈچۈن پۇختا ئاساس سالدى. شىنجاڭ ۋەكىللىك تۈر تىزىملىكى قۇرۇلۇشى، ۋەكىللىك ۋارىسلار تىزىملىكى قۇرۇلۇشى قاتارلىق جەھەتلەردە بىرقاتار قوغداش، ۋارىسلىق قىلىش خىزمىتىنى قانات يايدۇردى. ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر 4000 تۈردىن ئارتۇق غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ ۋەكىللىك تۈرلىرىنى ئېلان قىلدى، بۇنىڭ ئىچىدە 83 تۈر دۆلەت دەرىجىلىك تىزىملىككە كىردى، 294 تۈر ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك تىزىملىككە كىردى، 112 كىشى دۆلەت دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ ۋەكىللىك ۋارىسى بولۇپ بېكىتىلدى، 403 كىشى ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ ۋەكىللىك ۋارىسى بولۇپ بېكىتىلدى. شىنجاڭنىڭ ئۇيغۇر مۇقام سەنئىتى، قىرغىزلارنىڭ تارىخىي داستانى «ماناس» بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ- پەن- مەدەنىيەت تەشكىلاتىنىڭ «ئىنسانىيەت غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ۋەكىللىك ئەسەرلىرى تىزىملىكى»گە كىرگۈزۈلدى، مەشرەپ «قوغداش جىددىي زۆرۈر بولغان ئىنسانىيەت غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى تىزىملىكى»گە كىرگۈزۈلدى. غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش، پايدىلىنىش ئەسلىھەلىرى پائال قۇرۇلۇپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش، ۋارىسلىق قىلىش بازىسىدىن 91 گە نام بېرىلدى. ئۇيغۇر چالغۇلىرى، گىلەم ۋە ئەتلەس توقۇش قاتارلىق غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراس تۈرلىرى بويىچە دۆلەت دەرىجىلىك ئىشلەپچىقىرىش خاراكتېرىدە قوغداش ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسى بەرپا قىلىندى.

  مىللىي ئۆرپ- ئادەت مەدەنىيىتى ھۆرمەتلەندى ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىندى. شىنجاڭدىكى مىللەتلەر ئۇزاق ۋاقىت بىللە ياشاپ، مول، رەڭدار، ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە ئۆرپ- ئادەتنى شەكىللەندۈردى. ئاق تاشلىق كىتابتا مۇنداق تەكىتلەندى: شىنجاڭ پەرققە ھۆرمەت قىلىش، كۆپ خىللىقنى سىغدۇرۇش، ئۆزئارا زوقلىنىشتا چىڭ تۇرىدۇ، تۈرلۈك ئۆرپ- ئادەت مەدەنىيىتىگە تولۇق ھۆرمەت قىلىدۇ ۋە ئۇنى قوغدايدۇ، مىللەتلەرنىڭ كىيىم- كېچەك، يېمەك- ئىچمەك، تۇرار جاي، يۈرۈش- تۇرۇش، توي- تۆكۈن، ئۆلۈم- يېتىم، قائىدە- مۇراسىم، ئۆرپ- ئادەت قاتارلىق جەھەتلەردە ئىلمىي، مەدەنىي، ساغلام بولغان كەيپىياتقا ئەھمىيەت بېرىشنى تەشەببۇس قىلىدۇ. مىللىي ئۆرپ- ئادەت مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىنىڭ نۇرغۇن مەزمۇنى غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىغا كىرگۈزۈلدى، چاغان، قۇربان ھېيت قاتارلىق ئەنئەنىۋى بايراملار قانۇندا بەلگىلەنگەن ئومۇم دەم ئېلىش كۈنىگە كىرگۈزۈلدى. بۇ ھۆكۈمەتنىڭ مىللىي ئۆرپ- ئادەت مەدەنىيىتىگە ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى تولۇق چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. ھەر قېتىملىق چاغان، چىڭمىڭ بايرىمى، دۈەنۋۇ بايرىمى، جۇڭچيۇ بايرىمى ھەم روزا ھېيت، قۇربان ھېيت قاتارلىق ئەنئەنىۋى بايراملاردا، جايلاردىكى ئامما مۇزىكا، ناخشا- ئۇسسۇل، ئەنئەنىۋى تەنتەربىيە ماھارىتى قاتارلىق مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزۈپ تەبرىكلەيدۇ. بولۇپمۇ شىنجاڭدا خەنزۇلارنىڭ «يۈەنشياۋ بايرىمىلىق پانۇس سەيلىسى»، ئۇيغۇرلارنىڭ «مەشرىپى»، قازاقلارنىڭ «ئايتىس»ى، قىرغىزلارنىڭ «قومۇز ئېيتىشىشى»، موڭغۇللارنىڭ «نادام يىغىلىشى»، خۇيزۇلارنىڭ «خۇائېر يىغىلىشى» قاتارلىق مىللىي ئۆرپ- ئادەت پائالىيەتلىرى كەڭ قانات يايدۇرۇلۇپ، ئادەم بىلەن ئادەم، ئادەم بىلەن تەبىئەتنىڭ ئىناقلىقىنى نامايان قىلىپ، ئىناق جەمئىيەت قۇرۇشنى كەڭ بوشلۇق ۋە كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئىگە قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى