تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ئائىلە

ئىشىكتىن بەختنى ئېلىپ كىرىڭ

  ئايالىم ئىككىمىز ئىلگىرى شۇنداق ئىناق ئۆتەتتۇق. ئۇ مېنىڭ ئالىي مەكتەپتىكى ساۋاقدىشىم ئىدى، بىز ئۈچ يىل مۇھەببەتلىشىپ توي قىلدۇق.

  توي قىلغان 1-يىلى بىز بىللە ئىشتىن چۈشۈپ، كۆكتات سېتىۋېلىپ بىللە تاماق ئېتەتتۇق، ھەممەيلەن بىزگە ھەۋەس قىلىشاتتى. كېيىن، قەرز ئېلىپ ئۆي سېتىۋالدۇق، شۇنىڭدىن تارتىپ بىز ئىقتىسادىي بېسىم ھېس قىلدۇق. قەرزنى تېزراق قايتۇرۇش ئۈچۈن، ئايالىم خىزمەت ئالماشتۇرۇپ باشقا بىر كارخانىدا ئىشلىدى، مەنمۇ ئىشتىن سىرت خىزمەت تاپتىم.

  بەزىدە بىر كۈنلۈك خىزمىتىمنى تۈگىتىپ ئۆيگە قايتقۇم كەلمەي، كوچىلاردا لاغايلاپ يۈرىدىغان بولۇپ قالدىم، مەن ئائىلە ئىللىقلىقىنى سېغىنغانىدىم. ئىشىكتىن كىرىپ ئوخشىغان تاماق پۇرىقى پۇراشنى ياكى ئايالىمنىڭ مېنى كۈلۈپ تۇرۇپ قارشى ئېلىشىنى تولىمۇ ئۈمىد قىلاتتىم، ھالبۇكى، ھەر قېتىم ئىشىكنى ئاچقىنىمدا مېنى ھەمىشە جېدەل-ماجىرا كۈتۈۋالاتتى.

  بۇنداق ماجىرالار بارغانسېرى كۆپەيدى، بۇنىڭ بەزىلىرىگە مېنىڭ ھارغىن ۋە ئېغىر كەيپىياتتا ئۆيگە قايتىشىم، بەزىدە ئايالىمنىڭ ۋاقتىدا تاماق ئەتمەسلىكى، مېنىڭ قايتىپ كەلگەنلىكىمنى پىسەنتىگە ئېلىپ قويمىغانلىقى سەۋەب بولاتتى. ئىشقىلىپ، ئىشىكتىن كىرگەن شۇ پەيتتە بىز بىر-بىرىمىزدىن ئاغرىنغان ياكى بىر-بىرىمىزنى ئەيىبلىگەن ھالەتتە بولاتتۇق، ھەر خىل سەۋەبلەردىن شەكىللەنگەن ناچار كەيپىياتلىرىمىز بۇنىڭ بىلەن تېخىمۇ كۈچىيىپ كېتەتتى.

  بىر كۈنى، مەن كەسىپ ۋە ئائىلە جەھەتتە ئۇتۇق قازانغان بىر ئايال بىلەن پاراڭلىشىپ قالدىم، ئۇ ماڭا مۇنداق بىر ھېكايىنى ئېيتىپ بەردى:

  توي قىلغىنىغا 20 يىل بولغان بىر ئەر-ئايال بار ئىكەن، ئۇلارنىڭ ھەر كۈنى ئىشىكتىن كىرىپ، تۇنجى قىلىدىغان ئىشى بىر-بىرىنى قۇچاقلاش ئىكەن. ئۇلار بۇ ئادىتىنى 20 يىل داۋاملاشتۇرۇپتۇ. ئادەتتە، ئېرى ئىشتىن كېلىپ ئۆيىگە ئاز قالغاندا «مەن كەلدىم!» دەپ ۋارقىرايدىكەن. ئايالى چىرايلىق كىيىنىپ ئىشىك ئالدىدا ئۇنى كۈتۈۋالىدىكەن. مۇشۇنداق گۈزەل پەيتنى كۈتۈۋېلىش ئۈچۈن، ئايالى ھەر كۈنى ئېرىنىڭ ئىشتىن كېلىشىنى ساقلايدىكەن ھەمدە چىرايلىق ياسىنىپ ئېرىنىڭ ئالدىغا چىقىدىكەن، ئۇ ئېرىگە ھەمىشە يېڭى توي قىلغان ۋاقتىدىكىدەك تەسىر بېرىشنى ئۈمىد قىلىدىكەن.

  ئېرى ۋاپات بولغاندىن كېيىنمۇ، ئايال كۈندە دېگۈدەك شۇ ۋاقىتتا چىرايلىق كىيىنىپ ئىشىك ئالدىدا تۇرىدىغان بوپتۇ، ئۇ ئۆزىنى يېقىملىق تۇيغۇلارغا چۆمدۈرىدىغان ئىشىك قوڭغۇرىقىنىڭ ئاۋازىنى تۆت كۆزى بىلەن كۈتىدىكەن.

  بەلكىم نۇرغۇن ئەرلەر مۇشۇنداق گۈزەل ھېكايىنىڭ ئۆز تۇرمۇشىدىمۇ ئەكس ئېتىشىنى ئۈمىد قىلىشى مۇمكىن. بولۇپمۇ، ھەر ئىككىيلەن خىزمەت قىلىدىغان ئائىلىدىكى كىشىلەر ئىجتىمائىي تۇرمۇش داۋامىدا ئۇچرىغان بەزى كۆڭۈلسىزلىكلەرنى ئائىلىگە ئېلىپ كىرىدۇ-دە، ئىشىكنى ئاچقان شۇ پەيتتە ئاچچىقىنى ئۆزىنىڭ ئەڭ سۆيۈملۈك ئادىمىدىن چىقىرىدۇ.

  ئىشىكنى ئاچقان شۇ پەيت تۇرمۇشنىڭ بەختلىك ياكى بەختلىك بولماسلىقىنى بەلگىلەيدۇ، دېسەك مۇبالىغە قىلغان بولمايمىز. مەيلى سىرتتا قانداقلا ئىشقا يولۇقىشىڭىزدىن قەتئىينەزەر، ئىشىكتىن بەختنى ئېلىپ كىرىڭ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى