جۇڭگو . نارات 2019- يىللىق قار - مۇز ساياھەت ـ مەدەنىيەت بايرىمى 11-ئاينىڭ 17-كۈنى نارات مەنزىرە رايونى دۆلەتلىك ئورمان باغچىسىدا باشلىنىشى بىلەن، بىر مەيدان «قىشتىكى نارات مۇھەببىتى» رەسمىي يوپۇقىنى ئاچتى.
بۇ يىل، نارات مەنزىرە رايونى تۇنجى قېتىم قىشتا ساياھەتچىلەرگە ئېچىۋېتىلدى، ساياھەتچىلەر ياز ۋە كۈزدە ناراتنىڭ گۈزەل مەنزىرىسىدىن ھۇزۇرلىنىپلا قالماي، گۈزەل قىش ئايلىرىدىمۇ قارلىق تاغ، مۇز ئويمىلاردىن ھۇزۇر ئالغاچ، چانا تېيىلىپ، قىشلىق ساياھەتتىن بەھۇزۇر بەھرىمەن بولالايدۇ.
ئىگىلىنىشىچە، كۈنەس ناھىيەسىدە ئۆتكۈزۈلگەن بۇ قېتىملىق قار ـ مۇز مەدەنىيەت ـ ساياھەت بايرىمى ئاپتونوم رايوننىڭ ساياھەتچىلىكنىڭ راۋاجلاندۇرۇش يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇشنىڭ كونكرېت ئىپادىسى، شۇنداقلا ئىلى ئوبلاستىنىڭ 13-نۆۋەتلىك «قار مۇھەببىتى» قار ـ مۇز مەدەنىيەت ـ ساياھەت بايرىمىنىڭ تەركىبىي قىسمى بولۇپ، كۈنەس ناھىيەسىدە قىشلىق ساياھەتنىڭ رەسمىي باشلانغانلىقىدىن دېرەك بېرىدىكەن.
خەلق تورىدىن تەرجىمە قىلىندى