تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ساغلاملىق

كەچلىك تاماقنى ئاز دېگەندە 20 مىنۇت يېيىش كېرەك

  كەچلىك تاماقنى تېز يېگەندە ھەزىم قىلىش سىستېمىسىنىڭ يۈكى ئېغىرلاپ كېتىدۇ ھەمدە سەمرىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بىر ۋاق كەچلىك تاماقنى ئاز دېگەندە 20 مىنۇتتىن كۆپ ۋاقىت سەرپ قىلىش، ئادەتتە 20~30 مىنۇت ئىچىدە كونترول قىلىش كېرەك.

  تاماق يېيىش سۈرئىتىنىڭ بەك تېز بولۇشى ئىنتايىن مۇھىم بىر مەسىلىنى ئاشكارىلايدۇ، يەنى تالا ماددىسى يۇقىرى يېمەكلىكلەرنى ئاز يېيىش، گۈرۈچ، ئۇن تۈرىدىكى يېمەكلىكلەرنى كۆپ يېيىش مەسىلىسى.

  بۇ مەسىلىنى تۈپتىن ھەل قىلىش ئۈچۈن، ئەسلىدىكى بىر قىسىم يېمەكلىكلەرنىڭ ئورنىغا تالا ماددىسى بىرقەدەر يۇقىرى يېمەكلىكلەرنى يېيىشكە بولىدۇ، مەسىلەن: يوپۇرماق تىپىدىكى كۆكتات، قارا ئاشلىق قاتارلىقلار، بۇلارنى يېگەندە چايناش ۋاقتى تەبىئىيلا كۆپىيىپ، يۇمشاق چايناپ ئاستا يۇتۇش ئىشقا ئېشىپ، تاماق يېيىش سۈرئىتىنى ئۈنۈملۈك كونترول قىلغىلى بولىدۇ. ئەمما، مېۋە-چېۋىلەرنى يېگەندە بەك كۆپ يېمەسلىكنى تەۋسىيە قىلىمىز، چۈنكى كۆپ قىسىم مېۋىلەرنىڭ قەنت مىقدارى يۇقىرى بولىدۇ.

خەلق تورىدىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى