تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش

پارنىكتىن باشلانغان ئاكا-سىڭىللىق مېھرى

  ئۆز خەۋىرىمىز (مۇخبىر دۇڭ چېڭجۇڭ خەۋىرى): «تۇڭ مىڭۋۇ مېنىڭ ئاكام، ئۇ مېنى ئىزچىل ئۆز سىڭلىسىدەك كۆرۈپ كەلدى»، 11-ئاينىڭ 7-كۈنى كەنت ئاھالىسى مەريەم ئەخەت باي ناھىيەسى كانچى يېزىسى ئىناق كەنتىدىكى بىر پارنىكتا مۇخبىرغا ئۆز ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن تۇڭ مىڭۋۇ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ئۆزئارا ياردەم بېرىشىپ، بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك يېقىن ئۆتىدىغانلىقىنى ئېيتىپ بەردى.

  ئىلگىرى مەريەم ئەخەت ئائىلىسىدىكىلەر ئاساسلىقى بۇغداي، كۆممىقوناق، ياڭيۇ تېرىش بىلەن تۇرمۇشىنى ئاران قامدايتتى. 2008-يىلى ئەتىيازدا تۇڭ مىڭۋۇ ئائىلىسىدىكىلەر ئىناق كەنتىگە كېلىپ، 10 مو يەرنى ھۆددىگە ئېلىپ، پارنىكتا كۆكتات تېرىپ، يامان ئەمەس كىرىم قىلدى. كەنت ئاھالىلىرى بەس-بەستە كېلىپ تۇڭ مىڭۋۇدىن كۆكتات تېرىش تەجرىبىسىنى سورىدى، مەريەم ئەخەتمۇ شۇلارنىڭ ئارىسىدىكى بىرى ئىدى.

  تۇڭ مىڭۋۇ: «مەريەم ئەخەت تىرىشچان، ئەمگەكچان، دائىم كەمتەرلىك بىلەن مەندىن كۆكتات تېرىش تېخنىكىسىنى ئۆگىنىدۇ، مەن ئۆزۈم بىلىدىغان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى ئۇنىڭغا ئۆگىتىپ قويدۇم، ئويلىمىغان يەردىن ئۇ تېرىغان كۆكتاتلار مېنىڭكىدىنمۇ ياخشى بولۇۋاتىدۇ» دېدى.

  مەريەم ئەخەت: «ئىككى ئائىلىدىكىلەر سېنىڭ-مېنىڭ دېيىشمەيمىز، بىزنىڭ ئورتاق ئارزۇيىمىز يۇرتداشلارنى ئۆز قەرەلىدە نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشقا يېتەكلەش» دېدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • يېڭىسارنىڭ تونۇر كاۋىپى
  • ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان چوڭ جىلغىسى ساياھەت مەخسۇس لىنىيەسىنى ئاچتى
  • سايرام كۆلىنىڭ قىش مەنزىرىسى
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى