ئۆز خەۋىرىمىز: مۇخبىرنىڭ يېقىندا «شىنفۇ» ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ شىنجاڭ سېتىش رايونىدىن ئىگىلىشىچە، «شىنفۇ» ئاۋىياتسىيە شىركىتى بۈگۈن(11–ئاينىڭ 20-كۈنى) قاراماي-ئالتاي ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنى رەسمىي ئەسلىگە كەلتۈرگەن. ئىگىلىنىشىچە، قاراماي-ئالتاي ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنىڭ نۆۋەتچى ئايروپىلان نومۇرى JR1597/98 (ھەر كۈندە بىر نۆۋەت) بولۇپ، سائەت 50 : 11 دە قارامايدىن ئۇچۇپ، سائەت 12:55 دە ئالتايغا قونىدىكەن. سائەت 13:25 دە ئالتايدىن ئۇچۇپ، سائەت 14:30 دا قارامايغا قايتىپ كېلىدىكەن.
بۇ قېتىمقى ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنىڭ ئىسمېنا قوشۇلۇشى ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈشى ئالتايدىن قارامايغا بارىدىغان ۋاقىتنى تېجەپلا قالماستىن، يەنە «شىنفۇ» ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ نۆۋەتچى ئايروپىلانىغا ئولتۇرۇپ، قارامايدىن ئاپتونوم رايونىمىز ئىچى-سىرتىدىكى ھەر قايسى چوڭ شەھەرلەرگە ئايروپىلان ئالمىشىدىغان يولۇچىلارنىڭ باشقا ئايرودۇرۇملارغا بېرىپ ئايروپىلان ئالماشقىنىغا سېلىشتۇرغاندا تېخىمۇ قولايلىق ئېلىپ كېلىدىكەن.