تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭدىكى كۆپ مەنزىرە رايونلىرى قىشتا نورمال تىجارەت قىلىدۇ

   شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى خەۋىرى: 11-ئاينىڭ 17-كۈنى، شىنجاڭ ساياھەت مەنزىرە رايون(نۇقتىسى)لىرى جەمئىيىتى شىنجاڭ ساياھەت مەنزىرە رايونلىرىنىڭ قىشلىق تەشۋىقات، تونۇشتۇرۇش يىغىنى ھەمدە شىنجاڭ «باۋيۈشى» مەدەنىيەت-ساياھەت كەسپىدە يېڭىلىق يارىتىش-تەرەققىيات ھەمكارلىق تەشەببۇسى پائالىيىتى ئۆتكۈزدى، يىغىنغا قاتناشقان 20دىن ئارتۇق ساياھەت مەنزىرە رايونى قىشتا نورمال تىجارەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
    كۆكتوقاي مەنزىرە رايونى جايلاشقان كۆكتوقاي ناھىيەسىدە قىشتا قار قېلىن ياغىدۇ، قىشلىق تىجارەت تەننەرخى بىر قەدەر يۇقىرى بولسىمۇ، ئەمما بۇ يىل قىشتا كۆكتوقاي مەنزىرە رايونى 2018-يىلى 11-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 2019-يىلى 3-ئاينىڭ 31-كۈنىگىچە تىجارەت قىلىدۇ. 11-ئاينىڭ 26-كۈنى، كۆكتوقاي خەلقئارا قار تېيىلىش مەيدانىدىمۇ تۇنجى قار تېيىلىش باشلىنىدۇ.
    بۇ يىل قىشتا، تىيانشان بوغدا كۆلى خەلقئارا قار تېيىلىش مەيدانى «قار تېيىلىش + ئارشاڭغا چۈشۈش» ئىككى كۈنلۈك ساياھىتىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئىلگىرىكى بىرلا خىل قىشلىق ساياھەت مەھسۇلاتى بىلەن تەمىنلەش ھالىتى ئۆزگەرتىلىدۇ؛ بايىنبۇلاق مەنزىرە رايونى ساياھەتچىلەر مەركىزى ئەتراپىدا مۇز تېيىلىش مەيدانى ياساپ، يولۇچىلارنى مۇزدا لەيلەش، مۇزدا چانا تېيىلىش قاتارلىق تۈرلەر بىلەن تەمىنلەيدۇ؛ نارات مەنزىرە رايونى قاردا ئات بەيگىسىگە چۈشۈش، ئات چانىسى، مەززىلىك تائاملارغا ئېغىز تېگىش ۋە كىيىم-كېچەك كۆرگەزمىسى قاتارلىق پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى