تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

مىللەتلەرنىڭ تىل-يېزىقى شىنجاڭدا كەڭ قوللىنىلدى

  «شىنجاڭنىڭ مەدەنىيىتىنى قوغداش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش» ناملىق ئاق تاشلىق كىتابنىڭ يەشمىسى (3)

  □شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى مىللەتلەر تەتقىقات ئورنىنىڭ ياردەمچى تەتقىقاتچىسى شىڭ جيەنخۇڭ

  □شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى پەن تەتقىقات تاشقى ئىشلار باشقارمىسىنىڭ كاندىدات تەتقىقاتچىسى ليۇ يەن

  تىل- مەدەنىيەت ۋاسىتىسى، ئالاقىلىشىش، چۈشىنىش دەرۋازىسىنى ئاچىدىغان ئاچقۇچ، مەدەنىيلىك جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشنى ئىلگىرى سۈرىدىغان رىشتە. كۆپ مىللەتلىك دۆلەتنىڭ تىل سىياسىتى مىللەتلەرنىڭ تەرەققىياتى، دۆلەتنىڭ گۈللىنىشى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىققا مۇناسىۋەتلىك. «شىنجاڭنىڭ مەدەنىيىتىنى قوغداش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش» ناملىق ئاق تاشلىق كىتاب(تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «ئاق تاشلىق كىتاب» دېيىلىدۇ) مۇنۇلارنى ئېنىق كۆرسەتتى: «جۇڭگو ھۆكۈمىتى دۆلەت ئورتاق تىل- يېزىقىنى زور كۈچ بىلەن كېڭەيتىپ ۋە قېلىپلاشتۇرۇپ قوللىنىپ، مىللەتلەرنىڭ ئۆز مىللەت تىل- يېزىقىنى قوللىنىش ۋە راۋاجلاندۇرۇش ئەركىنلىكىنى قانۇن بويىچە كاپالەتلەندۈرۈپ، مىللەتلەرنىڭ ئۆزئارا تىل- يېزىق ئۆگىنىشىنى تەشەببۇس قىلدى ۋە ئۇنىڭغا ئىلھام بەردى». شىنجاڭ كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق، كۆپ يېزىقلىق رايون، نۆۋەتتە ئاساسلىقى ئون خىل تىل ۋە يېزىق قوللىنىلىدۇ. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە ھۆكۈمەت دۆلەتنىڭ تىل- يېزىق قانۇنى، نىزامى ۋە سىياسىتىنى چىڭ تۇرۇپ ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مىللەتلەرنىڭ تىل ئالاقىسىنى راۋانلاشتۇرۇش، قەلب رىشتىنى تۇتاشتۇرۇشنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈردى.

  دۆلەت ئورتاق تىل- يېزىقىنى ئۆگىنىش ۋە قوللىنىش شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتىنى گۈللەندۈرۈش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى تارىخىي تەجرىبە، شۇنداقلا شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇقەررەر تاللاش. دۆلەت ئورتاق تىل- يېزىقىنى ئۆگىنىش ۋە قوللىنىش ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ تەرەققىي قىلىشى، ئالغا بېسىشىغا تۈرتكە بولۇشقا پايدىلىق، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئەزالارنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى يېتىلدۈرۈشكە، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇيۇشۇشچانلىقىنى كۈچەيتىشكە پايدىلىق. «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاساسىي قانۇنى»دا «دۆلەت مەملىكەت بويىچە ئورتاق قوللىنىلىدىغان پۇتۇڭخۇانى ئومۇملاشتۇرىدۇ» دەپ ئېنىق بەلگىلەندى. شىنجاڭ 1993- يىلى «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ تىل- يېزىق خىزمىتى نىزامى»نى ئېلان قىلىپ يولغا قويدى، ھەم 2002- يىلى ئۇنىڭغا تۈزىتىش كىرگۈزدى، 2015- يىلى يەنە بىر قېتىم تۈزىتىپ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مىللەتلەرنىڭ تىل- يېزىق باراۋەرلىكى ھوقۇقىنى قانۇن جەھەتتىن، تۈزۈم جەھەتتىن كاپالەتلەندۈردى. شىنجاڭ دۆلەت ئورتاق تىل- يېزىقىنى قانۇن بويىچە كېڭەيتىپ، مىللەتلەرنىڭ باراۋەر تەرەققىي قىلىشىغا شارائىت يارىتىپ بەردى. ھەرقايسى مىللەت ئەزالىرى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ۋە ئالاقىنىڭ كۈنسېرى قويۇقلىشىش ئېھتىياجىغا ماسلىشىش ئۈچۈن، دۆلەت ئورتاق تىل- يېزىقىنى پائال تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۆگەندى ۋە قوللاندى.

  ئاپتونوم رايون دۆلەت ئورتاق تىل- يېزىقىدا ئوقۇش- ئوقۇتۇش خىزمىتىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتتى. 20- ئەسىرنىڭ 50- يىللىرىدىن باشلاپ، شىنجاڭ ئوتتۇرا- باشلانغۇچ مەكتەپتىكى ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىغا خەنزۇ تىلى ئەدەبىياتى دەرسى تەسىس قىلدى. 1984- يىلى، شىنجاڭ ئاز سانلىق مىللەت مەكتەپلىرىدە خەنزۇ تىلى ئوقۇتۇشى خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، ئۆز تىلىنىمۇ، خەنزۇ تىلىنىمۇ بىلىش نىشانىغا يېتىشنى ئوتتۇرىغا قويدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ ناھىيە، يېزىلارنىڭ ياتاقلىق مەكتەپ قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، مىللىي- خەنزۇ مەكتەپلەرنى بىرلەشتۈرۈش، ئارىلاشما سىنىپ تەسىس قىلىش قاتارلىق تەدبىرلەرنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاز سانلىق مىللەت ئوتتۇرا- باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ دۆلەت ئورتاق تىل- يېزىقى بىلەن قاپلىنىش نىسبىتىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇردى، 2017- يىلى 1 مىليون 889 مىڭ ئاز سانلىق مىللەت ئوتتۇرا- باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىغا دۆلەت ئورتاق تىل- يېزىقىدا دەرس ئۆتۈش ئىشقا ئاشۇرۇلدى، 2018- يىلى 9- ئايدا مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى 2 مىليون 942 مىڭ ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىسىنىڭ دۆلەت ئورتاق تىل- يېزىقى مائارىپى ئومۇميۈزلۈك ئىشقا ئاشۇرۇلدى. بۇنىڭدىن باشقا، دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايون مائارىپ ئارقىلىق ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، يەسلى مائارىپىنىڭ مەبلەغ سېلىنمىسىنى ئاشۇردى، 2018- يىلى 5- ئايغىچە پۈتۈن شىنجاڭ بويىچە يەسلى يېشىدىكىلەر ئۈچ يىللىق مائارىپىنىڭ ئومۇملىشىش نىسبىتى %95 تىن ئېشىپ، 1 مىليون 370 مىڭغا يېقىن ھەر مىللەت يەسلى بالىسى بۇنىڭدىن مەنپەئەتلەندى. 2018- يىلىدىن باشلاپ، شىنجاڭ كەسپىي مەكتەپلىرىدە دۆلەت ئورتاق تىل- يېزىقىدا ئوقۇش- ئوقۇتۇش ئومۇميۈزلۈك كېڭەيتىلدى. نۆۋەتتە، شىنجاڭ يەسلى ۋە ئوتتۇرا- باشلانغۇچ مەكتەپلەردە دۆلەت ئورتاق تىل- يېزىقى ئوقۇتۇشىغا شۇ مىللەتنىڭ تىل- يېزىقى قوشۇپ ئۆتۈلىدىغان قوش تىل مائارىپىنى ئومۇميۈزلۈك ئومۇملاشتۇرۇپ، 2020- يىلىغا بارغاندا، ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ دۆلەت ئورتاق تىل- يېزىقىنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىگىلىشى ۋە قوللىنىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىدۇ.

  ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر ۋە ئالاقىدار تارماقلار دۆلەت ئورتاق تىل- يېزىقى بويىچە كۆپ خىل شەكىلدىكى تەربىيەلەشنى قانات يايدۇردى. 2010- يىلى مەركىزىي كومىتېت بىرلىك سەپ بۆلۈمى بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى، ئاقسۇ، قەشقەر، خوتەن، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى قاتارلىق ۋىلايەت، ئوبلاستلاردىكى 16 ناھىيەدە «بىر مەقسەتتە ئىللىقلىق يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى دۆلەت ئورتاق تىلى بويىچە تەربىيەلەش تۈرى»نى يولغا قويدى، ئەقلىيلەشكەن تور ھەمتۈرتكە ئوقۇتۇش ئەندىزىسىنى قوللىنىپ، بىر يىل ئىچىدە 6000 دىن كۆپ ئاز سانلىق مىللەت ياشقا دۆلەت ئورتاق تىلىنى دەسلەپكى قەدەمدە ئىگىلەتتى. 2013- يىلى شىنجاڭ «دۆلەت ئورتاق تىلى بويىچە تەربىيەلەش تۈرى»نى يولغا قويۇپ، ئاز سانلىق مىللەتلەر نوپۇسى مەركەزلەشكەن ناھىيە(شەھەر)لەردە كەسىپ جەھەتتىن تەربىيەلەش ياكى ئىگىلىك تىكلەش بويىچە تەربىيەلەشكە قاتنىشىدىغان ئاز سانلىق مىللەت ياشلىرىنى دۆلەت ئورتاق تىل- يېزىقى بويىچە مەخسۇس تەربىيەلىدى. ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاستلار ئۆز ئەھۋالىغا ئاساسەن دۆلەت ئورتاق تىلىنى ئۆگىنىش، قوللىنىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى، خوتەن ۋىلايىتى 2017- يىلى «ئومۇمىي خەلق دۆلەت ئورتاق تىل- يېزىقىنى ئۆگىنىش قۇرۇلۇشى»نى يولغا قويۇپ، تۈرنى خوتەن ۋىلايىتىدىكى 1794 كەنت(مەھەللە)كىچە كېڭەيتىپ، ناھىيە(شەھەر)، يېزا- بازار(كوچا)، كەنت(مەھەللە)نى تولۇق قاپلاشنى ئىشقا ئاشۇردى. شىنجاڭدا، بارغانسېرى كۆپ ئاز سانلىق مىللەت ئامما دۆلەت ئورتاق تىل- يېزىقىنى ئىگىلەپ، يۇرتىدىن چىقىپ، پۈتۈن مەملىكەتكە يۈزلىنىپ، ئەنئەنىۋى بېكىنمە جەمئىيەتتىن زامانىۋىلاشقان ئوچۇق جەمئىيەتكە كىرىشى ئۈچۈن شارائىت ھازىرلىدى.

  ئاق تاشلىق كىتاب شىنجاڭنىڭ مىللەتلەرنىڭ تىل- يېزىقىنى ئىلمىي قوغداشتىكى مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى كونكرېت شەرھلىدى. مىللەتلەرنىڭ تىل- يېزىقىنى ئىلمىي قوغداش «مىللەتلەرنىڭ ئۆزىنىڭ تىل- يېزىقىنى قوللىنىش، راۋاجلاندۇرۇش ئەركىنلىكى بار» دېگەن ئاساستا تۇرغۇزۇلغان. «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاساسىي قانۇنى»، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مىللىي رايون ئاپتونومىيە قانۇنى»، «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ تىل- يېزىق خىزمىتى نىزامى» قاتارلىق قانۇن- نىزاملارنىڭ ھەممىسىدە مىللەتلەرنىڭ ئۆزىنىڭ تىل- يېزىقىنى قوللىنىش، راۋاجلاندۇرۇش ئەركىنلىكى بار، دەپ ئېنىق بەلگىلەنگەن بولۇپ، مىللەتلەرنىڭ تىل- يېزىق باراۋەرلىكى ھوقۇقى قانۇن جەھەتتىن، تۈزۈم جەھەتتىن كاپالەتلەندۈرۈلدى. شىنجاڭدا، ئاز سانلىق مىللەت تىل- يېزىقى ئەدلىيە، مەمۇرىيەت، مائارىپ، ئاخبارات- نەشرىيات، رادىيو- تېلېۋىزىيە، ئالاقە تورى، ئىجتىمائىي ئاممىۋى ئىشلار قاتارلىق سىياسىي تۇرمۇش، ئىجتىمائىي تۇرمۇش ساھەلىرىدە ھەم كۈندىلىك تۇرمۇشتا كەڭ قوللىنىلماقتا. مەسىلەن، ئاپتونوم رايوندىكى شۇ دەرىجىلىك ۋە ئاپتونوم ئوبلاستلىق، ئاپتونوم ناھىيەلىك ئورگانلار ۋەزىپە ئادا قىلغاندا، دۆلەت ئورتاق تىل- يېزىقىنى، رايون ئاپتونومىيەسىنى يولغا قويغان مىللەتنىڭ تىل- يېزىقىنى تەڭ قوللىنىۋاتىدۇ؛ ئاز سانلىق مىللەتلەر توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايونلاردىكى ھەر دەرىجىلىك پارتكوملار ۋە ھۆكۈمەتلەرنىڭ تامغىسى، كىنىشكىسى، بەلگىسى ھەمدە ئورگان، زاۋۇت- كان، مەكتەپ، بېكەت، ئايرودۇرۇم، مېھمانخانا، ساياھەت مەنزىرە نۇقتىسىنىڭ ۋىۋىسكىسى ۋە كوچا، قاتناش يول بەلگىسى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىدە بىردەك مىللىيچە، خەنزۇچە ئىككى خىل يېزىق قوللىنىلماقتا؛ ھەر يىللىق مەملىكەتلىك ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپكە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش بىر تۇتاش ئىمتىھانىدا، شىنجاڭدا خەنزۇچە، ئۇيغۇرچە، قازاقچە، قىرغىزچە، موڭغۇلچە بەش خىل يېزىقتىكى ئىمتىھان سوئالى ئىشلىتىلىدۇ؛ كۆپ تىللىق، كۆپ يېزىقلىق ئاخبارات- نەشرىيات، رادىيو- تېلېۋىزىيە ئىشلىرى ئومۇميۈزلۈك راۋاجلاندى؛ ئاپتونوم رايوندىكى ئالاقىدار تارماقلار ئۇيغۇر، قازاق، موڭغۇل، قىرغىز، تاجىك، شىبە ۋە ئۆزبېك قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ نۇرغۇن قەدىمكى كىلاسسىك ئەدەبىياتى، خەلق داستانى، خەلق قوشىقى تېكىستى، خەلق چۆچەكلىرى قاتارلىقلارنى قايتا- قايتا توپلىدى، رەتلىدى، تەرجىمە قىلدى، نەشر قىلدى؛ 2015- يىلىدىن باشلاپ، جۇڭگو ھۆكۈمىتى جۇڭگو تىل- يېزىق بايلىقىنى قوغداش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويدى، بۇ قۇرۇلۇش پۈتۈن مەملىكەت بويىچە قاپلاندى. ھازىرغىچە، شىنجاڭدا پىلانلانغان تەكشۈرۈش نۇقتىسىدىكى تەكشۈرۈش ۋەزىپىسى %80 تىن ئارتۇق ئورۇندالدى ھەم بەلگە خاراكتېرلىك بىر تۈركۈم نەتىجىلەر شەكىللىنىپ، مىللەتلەرنىڭ مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى ئەۋج ئالدۇرۇلدى.

  مىللەتلەرنىڭ ئۆزئارا تىل- يېزىق ئۆگىنىشى ھەرقايسى مىللەت ئەزالىرىنىڭ ھېسسىيات ئالماشتۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق، مىللەتلەرنىڭ ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ ئالغا بېسىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق. ئاق تاشلىق كىتاب مۇنۇلارنى ئېنىق كۆرسەتتى: جۇڭگو ھۆكۈمىتى مىللەتلەرنىڭ ئۆزئارا تىل- يېزىق ئۆگىنىشىگە ئىلھام بەردى، ھەم ئاز سانلىق مىللەتلەردىن دۆلەت ئورتاق تىل- يېزىقىنى ئۆگىنىشنى تەلەپ قىلدى، ھەم ئاز سانلىق مىللەت رايونىدىكى خەنزۇ ئاھالىلەرنىڭ ئاز سانلىق مىللەت تىل- يېزىقىنى ئۆگىنىشىگىمۇ ئىلھام بەردى، بولۇپمۇ ئاساسىي قاتلامدىكى مەمۇرلار، يېڭىدىن قوبۇل قىلىنغان ھۆكۈمەت خىزمەتچىلىرى، ئاممىۋى مۇلازىمەت ساھەسىدىكى كەسىپكارلارنىڭ قوش تىل ئۆگىنىشىگە ئەھمىيەت بەردى ھەمدە ئۇلارغا ئۆگىنىش شارائىتى يارىتىپ بەردى. شىنجاڭدىكى ئالىي مەكتەپلەردە جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەت تىل- ئەدەبىياتى كەسپىنى تەسىس قىلىش قوش تىل ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈشتىكى مۇھىم يول. 20- ئەسىرنىڭ 50 -، 60- يىللىرىدا، دۆلەت شىنجاڭ داشۆ قاتارلىق ئالىي مەكتەپلەردە ئۇيغۇر تىلى، قازاق تىلى كەسپىنى تەسىس قىلىپ، ئاساسلىقى خەنزۇ قاتارلىق ھەرقايسى مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىنى قوبۇل قىلدى. ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، جەمئىيەتنىڭ قوش تىل ئىختىساسلىقلىرىغا بولغان ئېھتىياجىنى ئۈزلۈكسىز قاندۇرۇش ئۈچۈن، شىنجاڭ سىفەن داشۆسى قاتارلىق ئالىي مەكتەپلەرمۇ ئارقا- ئارقىدىن جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەت تىلى كەسپىنى تەسىس قىلىپ، مىللەتلەر ئارىسىدا قوش تىلغا پىششىق مەمۇرىيەت، ئوقۇتۇش ۋە تەتقىقات خادىملىرىنى يېتىشتۈردى. بەزى ئىجتىمائىي مائارىپ ئاپپاراتلىرى جەمئىيەتنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن ئاز سانلىق مىللەت تىلى كۇرسلىرىنى ئاچتى. كۆپ يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭدا مىللەتلەر ئۆزئارا تىل- يېزىق ئۆگىنىدىغان ياخشى كەيپىيات شەكىللەندى، قوش تىلنى، كۆپ تىلنى بىلىدىغانلار بارغانسېرى كۆپىيىپ، مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، ئارىلىشىشىغا ئۈزلۈكسىز تۈرتكە بولدى. بولۇپمۇ يېقىنقى ئىككى يىلدا ئاپتونوم رايون «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمىتى ۋە «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇردى، ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما قويۇق ئۇچرىشىپ، ئۆزئارا تىل ئۆگىنىش، ئۆزئارا دوستلىشىش، ئۆزئارا تۇغقان بولۇش ئىجتىمائىي رېئاللىققا ئايلاندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى