تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

شى جىنپىڭ سېرى بېگاۋانغا يېتىپ كېلىپ، بىرۇنېي دارۇسسالام دۆلىتىدىكى دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىنى باشلىدى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، سېرى بېگاۋان شەھىرى، 11- ئاينىڭ 18- كۈنى تېلېگراممىسى(مۇخبىرلار شۆ فېي، سۈن يى). دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 11- ئاينىڭ 18- كۈنى سېرى بېگاۋانغا يېتىپ بېرىپ، بىرۇنېي دارۇسسالام دۆلىتىدىكى دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىنى باشلىدى.

  شۇ يەر ۋاقتى كەچ سائەت 6 دىن 50 مىنۇت ئۆتكەندە، شى جىنپىڭ ئولتۇرغان مەخسۇس ئايروپىلان سېرى بېگاۋان خەلقئارا ئايروپورتىغا يېتىپ كەلدى. شى جىنپىڭ ئايروپىلان بۆلۈمچىسىدىن چىققاندا، بىرۇنېي ھۆكۈمىتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى ئايروپىلان شوتىسىنىڭ يېنىدا قىزغىن كۈتۈۋالدى. ھۆرمەت قاراۋۇللىرى قىزىل گىلەمنىڭ ئىككى تەرىپىدە تۇردى. ئايروپورتنىڭ ئىچى- سىرتىدا جۇڭگو- بىرۇنېي ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت بايرىقى لەپىلدەپ تۇراتتى.

  شى جىنپىڭ جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە جۇڭگو خەلقىگە ۋاكالىتەن بىرۇنېي ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىدىن سەمىمىي ھال سورىدى ۋە ياخشى تىلەكلەرنى تىلىدى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو بىلەن بىرۇنېي دېڭىز ئايرىپ تۇرىدىغان يېقىن قوشنىلار، شۇنداقلا ئۆزئارا ئىشىنىدىغان دوست ۋە ھەمراھلار، دوستانە ئالاقىسى ئۇزاق تارىخقا ئىگە. دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 27 يىلدىن بۇيان، ئىككى دۆلەت ئىزچىل باراۋەر مۇئامىلە قىلىپ، سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقتا مول نەتىجىلەرگە ئېرىشىپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە ھەقىقىي مەنپەئەت ئېلىپ كېلىپ، ئۆز رايونىنىڭ تىنچلىقى ۋە گۈللىنىشى ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشتى. مەن بۇ قېتىمقى زىيارەت ئارقىلىق، جۇڭگو- بىرۇنېينىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇقىغا ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىيات ئۇلۇغۋار پىلانىنى ئورتاق پىلانلاپ، جۇڭگو- بىرۇنېينىڭ قوشنىدارچىلىق دوستانە مۇناسىۋىتىنى يېڭى يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە تېخىمۇ كۆپ بەخت يارىتىشنى ئۈمىد قىلىمەن.

  دىڭ شۆشياڭ، ياڭ جيېچى، ۋاڭ يى، خې لىفېڭ قاتارلىقلار زىيارەتتە بىللە بولدى.

  جۇڭگونىڭ بىرۇنېيدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ياڭ جيەنمۇ ئايروپورتقا چىقىپ كۈتۈۋالدى.

  شى جىنپىڭ پاپۇئا يېڭى گىۋىنېيەسىدىكى دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرغان، دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان تىنچ ئوكيان ئارال دۆلەتلىرى باشلىقلىرى بىلەن كۆرۈشكەن ھەم ئاسىيا- تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ 26- قېتىملىق باشلىقلار بىرەسمىي يىغىنىغا قاتناشقاندىن كېيىن سېرى بېگاۋانغا يېتىپ كەلگەنىدى. مۇرېسبى پورتىدىن ئايرىلىدىغان چاغدا، پاپۇئا يېڭى گىۋىنېيەسىنىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى ئېيبور ھۆكۈمەتنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىنى باشلاپ ئايروپورتتا ئۇزىتىپ قويدى. قىزغىن پاپۇئا يېڭى گىۋىنېيەسى ئاممىسى ناخشا ئېيتىپ ئۇسسۇل ئويناپ، گۈزەل تىلەكلىرىنى بىلدۈردى.

  بىرۇنېي شى جىنپىڭنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتىدىكى ئىككىنچى بېكەت. شى جىنپىڭ يەنە فىلىپپىندا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.