ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز جاڭ چياڭ خەۋىرى. يېقىندا، لياۋنىڭ ئۆلكىسى بېنشى شەھىرىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بەرگۈچى دوختۇرلىرى تولى ناھىيەسى تېچاڭگۇ بازىرى خاتۇ كەنتىدە 270 نامرات ئاھالە ئۈچۈن «دىققەتنى ئېغىر نامرات رايونلارغا مەركەزلەشتۈرۈپ، نامراتلىقنى تۈگىتىش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا سالامەتلىكنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇش» خالىسانە كېسەل كۆرۈش پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى.
تېببىي خادىملار خاتۇ كەنتىدىكى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ، كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئاھالىلەرنى Bتىپلىق ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنى، ئېلېكتىروكاردىيوگرامما، X نۇرى، قاننى قائىدىلىك تەكشۈرۈش قاتارلىق تۈرلەر بويىچە تەكشۈردى، بۇ تەكشۈرۈشلەر ئىچكى كېسەللىكلەر بۆلۈمى، تاشقى كېسەللىكلەر بۆلۈمى، بالىلار كېسەللىكلىرى بۆلۈمى، جۇڭيىچە داۋالاش بۆلۈمى قاتارلىق بۆلۈملەرگە چېتىلدى. دوختۇرلار بىمارلارنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىنى ئەستايىدىل سۈرۈشتۈرۈپ، ئۇلارنىڭ سوئاللىرىغا سەۋرچانلىق بىلەن جاۋاب بەردى، سالامەتلىك تەكشۈرۈش ئەھۋالغا بىرلەشتۈرۈپ، نامرات ئاھالىلەرنىڭ ساغلاملىقىغا قارىتا بىرگە بىر يېتەكچىلىك قىلىپ، ھەقسىز دورا تارقاتتى.