موڭغۇلكۈرە ئېگىزلىكىدە يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان ئۇدا قېلىن قار يېغىپ، تۈزلەڭلىكتىكى يايلاقلار قېلىن قار ئاستىدا قالدى. قاتتىق سوغۇققا قېلىشتىن بۇرۇن كۆچۈۋېلىشنى ئويلىغان چارۋىچىلار ئارقا-ئارقىدىن جاپالىق كۆچۈش سەپىرىنى داۋام ئېتىپ، تىيانشان تېغنىڭ ئىچكىرىسىدىكى قىشلاقلارغا قاراپ يول ئالدى. موڭغۇلكۈرە ئېگىزلىكىدە تۇرۇشلۇق ھەر دەرىجىلىك خىزمەت ئەترەتلىرى چارۋىچىلارغا ھەمراھ بولۇپ، تىيانشاننىڭ ئىچىكىرىسىدىكى قىشلاقلارغىچە يېتىپ بېرىپ، كاپالەت خىزمەتلىرىنى ياخشى ئىشلەپ، چارۋىچىلار ۋە چارۋا ماللارنىڭ بىخەتەر كۆچۈۋېلىشىغا ھەمدەم بولدى.
-خەلق تورىدىن تەرجىمە قىلىندى
(لى ۋېنبىن فوتوسى)