تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش

كۆكتات پارنىكى ئاھالىلەرنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولدى

  ئىختىيارىي مۇخبىرلىرىمىز رىزۋانگۈل، لياڭ خاۋ خەۋىرى، فوتوسى: شىنجاڭ چەرچەن ناھىيەسى باغئېرىق يېزىسى ئاچما ئېرىق كەنتىنىڭ ئاھالىسى روزىمەمەت تۇرسۇن 11-ئاينىڭ 14-كۈنى چەرچەن ناھىيەلىك سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتىنىڭ باغئېرىق يېزىسى ئاچما ئېرىق كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بەي پېڭنىڭ قولىنى چىڭ تۇتۇپ تۇرۇپ خۇشال ھالدا: «خىزمەت ئەترىتىدىكىلەرنىڭ ماڭا ھەقسىز پارنىك ياساپ بەرگىنىگە رەھمەت، بۇ پارنىك نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش ئىشەنچىمنى تېخىمۇ ئاشۇردى، سىلەرگە كۆپ رەھمەت!» دېدى.

  چەرچەن ناھىيەلىك سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتىنىڭ باغئېرىق يېزىسى ئاچما ئېرىق كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى كەنتتە تۇرغاندىن بۇيان، ئاھالىلەرنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن، بۇ كەنتنىڭ ناھىيە بازىرىغا يېقىن بولۇشتەك قولايلىق شارائىتىغا ئاساسەن، ھويلا-ئاران ئىگىلىكىنى راۋاجلاندۇرۇش ئارقىلىق بېيىشتىن ئىبارەت تەرەققىيات پىكىر يولىنى تۈزۈپ چىقتى. خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر كەنت دەرىجىلىك خەلققە نەپ يەتكۈزۈش تۈر مەبلىغىدىن 500 مىڭ يۈەن ئىلتىماس قىلىپ، 45 كىۋادرات مېتىرلىق كۆكتات پارنىكىدىن 80 نى ياساپ، ئاھالىلەرگە ھەقسىز بۆلۈپ بەردى، بۇنىڭ ئىچىدىكى 16 پارنىك كەنتتىكى ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بارلارغا بۆلۈندى.

  خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر يەنە قىشتىكى دېھقانچىلىقنىڭ بوش مەزگىلىدىن پايدىلىنىپ، تېخنىك خادىملارنى تەكلىپ قىلىپ، مايسا ئۆستۈرۈش، ئوغۇتلاش، تېرىش، ئوتاش قاتارلىق جەھەتلەردە دېھقانلارغا يېتەكچىلىك قىلدى، دېھقانلارنى كۆكتات پارنىكىنى باشقۇرۇش ۋە تېرىقچىلىق تېخنىكىسىنى ئۆگىنىشكە تەشكىلىدى، بۇنىڭ بىلەن ئاھالىلەر قىشتا ئۆزلىرى تېرىغان ئورگانىك كۆكتاتلارنى يېيىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولۇپلا قالماي، كۆكتاتلارنى سېتىپ كىرىمىنى ئاشۇردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • يېڭىسارنىڭ تونۇر كاۋىپى
  • ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان چوڭ جىلغىسى ساياھەت مەخسۇس لىنىيەسىنى ئاچتى
  • سايرام كۆلىنىڭ قىش مەنزىرىسى
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى