11-ئاينىڭ 18-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى مىچۈەن-كۆكتاغ رايونى چاڭسەنزى بازىرى سەنگېجۇاڭزا كەنتى ئاھالىسى مۇ ليەنگاڭ توخۇلارغا يەم بەرمەكتە.
شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى خەۋىرى (چىن مېيخۇا فوتوسى). مۇ ليەنگاڭ كىچىكىدە بالىلار پارالىچ كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بولۇپ، ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان كىرىمى ئىزچىل تۇراقسىز بولۇپ كەلدى. ئۇ بۇلتۇر ئۈرۈمچى شەھىرى مىچۈەن-كۆكتاغ رايونلۇق تەمىنات-سودا كوپىراتىپىنىڭ «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمىتى بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ قوللىشىدا قارا يۇجى توخۇسى بېقىشنى ئۆگىنىپ، كىرىمىنى ئاشۇردى. مۇ ليەنگاڭ كېلەر يىلى باقمىچىلىق كۆلىمىنى كېڭەيتىپ، تور سودىسى ئۆگىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.