تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   گۈزەل يۇرت -ماكانىمىزنى ياخشى قوغدايلى

بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، باش نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن جان تىكىپ كۈرەش قىلىمەن

  شايار ناھىيەلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بىرلىكسەپ بۆلۈمىنىڭ باشلىقى ئەسقەر توختى

  باش شۇجى شى جىنپىڭ پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا: «جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ ئەسلىي مەقسىتى ۋە بۇرچى ــــ جۇڭگو خەلقىنى بەختكە ئېرىشتۈرۈش، جۇڭخۇا مىللىتىنى گۈللەندۈرۈش» دەپ كۆرسەتتى. پارتىيە كۆپ يىل تەربىيەلەپ يېتىشتۈرگەن پارتىيەلىك كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، كوممۇنىستلارنىڭ ئەسلىي مەقسىتى ۋە بۇرچى مېنىڭ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىشىمگە، «ئۈچ خىل كۈچ»، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىپ، پارتىيە، خەلق ئۈچۈن ئۈزلۈكسىز تۆھپە قوشۇشۇمغا ئىلھام بولدى.

  يېڭى دەۋردىكى پارتىيەلىك كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن باشتىن- ئاخىر ۋەتەننىڭ بىرلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ ئاۋانگارتى، ئۈلگىسى بولىمەن.

  پارتىيەگە سادىق بولۇپ، «تۆت ئاڭ»نى مۇستەھكەم تۇرغۇزىمەن. مەن شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاڭلىق ھالدا ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، پارتىيە بايرىقى ئالدىدا بەرگەن قەسىمىمنى ئەستايىدىل ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، باشتىن- ئاخىر پارتىيەگە سادىق بولۇش، ئىچى بىلەن تېشى بىردەك بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، قەتئىي، كەسكىن ھالدا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يادروسى، پۈتۈن پارتىيەنىڭ يادروسىلىق ئورنىنى قوغدايمەن، قەتئىي، كەسكىن ھالدا پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى قوغدايمەن، قەتئىي، كەسكىن ھالدا پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىزچىللاشتۇرىمەن، ئەمەلىيلەشتۈرىمەن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تۈرلۈك ئورۇنلاشتۇرۇشى، ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بايرىقىم روشەن ھالدا مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرىمەن، مەيدانىم مۇستەھكەم ھالدا ۋەتەننىڭ بىرلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغدايمەن، پارتىيەگە، دۆلەتكە ئۆزۈمنى بېغىشلاپ، پارتىيەگە، دۆلەتكە جاۋاب قايتۇرۇپ، ھەر ۋاقىت پارتىيە ۋە خەلق ئۈچۈن بارلىقىمنى قۇربان قىلىشقا تەييار تۇرىمەن.

  بىرلىكنى قوغداپ، مۇقىملىقنى ساقلاش، ئىناقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش بۇرچۇمنى ئەستە چىڭ ساقلايمەن. ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قەتئىي قوغداپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشتىكى يۈرۈشلۈك «بىرىكمە مۇشت» تەدبىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيەلىك كادىرنىڭ مەسئۇلىيىتىنى باتۇرلۇق بىلەن زىممەمگە ئېلىپ، ئاڭلىق ھالدا بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش، زوراۋانلىققا، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، سىڭدۈرمىچىلىككە قارشى تۇرۇش، ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ بىرىنچى سېپىدە تۇرۇپ، مىللەتلەرنىڭ ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشى، ئورتاق گۈللىنىپ تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىمەن. ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى دىققەتنى، كۈچنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، باش نىشاننى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەيدانى مۇستەھكەم، بايرىقى روشەن ھالدا «ئۈچ خىل كۈچ»، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قارشى قەتئىي جان تىكىپ كۈرەش قىلىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ پولات سېپىلىنى ئورتاق قۇرۇپ چىقىشقا ئىتتىپاقلاشتۇرىمەن ۋە يېتەكلەيمەن.

  خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىپ، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاش بۇرچۇمنى ئەستە چىڭ ساقلايمەن. باشتىن- ئاخىر خەلقنىڭ مەنپەئىتىنى ھەممىدىن ئۈستۈن ئورۇنغا قويۇپ، ئاممىغا رىشتە باغلاپ، ئاممىنىڭ ئامانلىقى ۋە بىخەتەرلىكى، ھال- ئەھۋالىنى كۆڭلۈمگە پۈكۈپ، ئاساسىي قاتلام خىزمىتى ۋە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش پائالىيىتىنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، ئامما ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان، ئەڭ بىۋاسىتە، ئەڭ رېئال مەنپەئەت مەسىلىسىنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى ماركسىزملىق «بەش قاراش»نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇش، «بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش»نى كۈچەيتىشكە يېتەكلەيمەن. «ئالتىدە دەل جايىدا بولۇش»تا چىڭ تۇرۇپ، نامراتلارنى يۆلەشنى ئىرادە جەھەتتىن يۆلەش، ئەقلىي جەھەتتىن يۆلەش بىلەن بىرلەشتۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىپ، قىيىن نۇقتىغا ھۇجۇم قىلىپ، مۇھىم نۇقتىنى تۇتۇپ، كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاپ، ئاجىز تۈرلەرنى كۈچەيتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرىمەن.

  يېڭى دەۋرگە كىردۇق، يېڭى سەپەرگە ئاتلاندۇق، بىز ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىنى مەڭگۈ كۈرەش نىشانىمىز قىلىپ، قەتئىي بوشاڭلىق قىلماسلىقتەك روھىي ھالەت ۋە توختىماي ئالغا بېسىشتەك كۈرەش قىلىش قىياپىتى بىلەن، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن باتۇرلارچە ئالغا بېسىشىمىز كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى