تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

شى جىنپىڭ ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ 26-قېتىملىق باشلىقلار بىرەسمىي يىغىنىغا قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى

  دۇنيا ئومۇمىي ۋەزىيىتىنى ئېنىق تونۇپ، ئىقتىسادنىڭ ئۆزگىرىشچانلىقىنى ئىگىلەپ، ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونى ھەمكارلىقىنى تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەگە كۆتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك، دەپ تەكىتلىدى

  11- ئاينىڭ 18- كۈنى، ئاسىيا - تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ 26- قېتىملىق باشلىقلار بىرەسمىي يىغىنى پاپۇئا يېڭى گىۋىنېيەسىنىڭ مورېسبى پورتىدا ئۆتكۈزۈلدى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم «دەۋر پۇرسىتىنى ئىگىلەپ، ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ گۈللىنىشىنى ئورتاق پىلانلايلى» دېگەن تېمىدا مۇھىم سۆز قىلدى.

  (شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى خۇاڭ جىڭۋېن فوتوسى)

  11- ئاينىڭ 18- كۈنى، ئاسىيا - تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ 26- قېتىملىق باشلىقلار بىرەسمىي يىغىنى پاپۇئا يېڭى گىۋىنېيەسىنىڭ مورېسبى پورتىدا ئۆتكۈزۈلدى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم «دەۋر پۇرسىتىنى ئىگىلەپ، ئاسىيا- تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ گۈللىنىشىنى ئورتاق پىلانلايلى»دېگەن تېمىدا مۇھىم سۆز قىلدى. يىغىن باشلىنىشتىن بۇرۇن، شى جىنپىڭ ئاسىيا - تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىدىكى ئىقتىسادىي گەۋدىلەرنىڭ باشقا باشلىقلىرى، ۋەكىللىرى بىلەن خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى.

  (شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى دىڭ لىن فوتوسى)

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، مورېسبى پورتى، 11- ئاينىڭ 18- كۈنى تېلېگراممىسى(مۇخبىرلار سۈن يۇڭ، خو شياۋگۇاڭ، لو جۈن). ئاسىيا - تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ 26- قېتىملىق باشلىقلار بىرەسمىي يىغىنى 11- ئاينىڭ 18- كۈنى پاپۇئا يېڭى گىۋىنېيەسىنىڭ مورېسبى پورتىدا ئۆتكۈزۈلدى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم «دەۋر پۇرسىتىنى ئىگىلەپ، ئاسىيا- تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ گۈللىنىشىنى ئورتاق پىلانلايلى» دېگەن تېمىدا مۇھىم سۆز قىلىپ، ئاسىيا- تىنچ ئوكيان رايونىدىكى ھەرقايسى تەرەپلەر ئىقتىسادنىڭ يەرشارىلىشىش تەرەققىيات ئومۇمىي ۋەزىيىتىگە ماسلىشىپ، رايون ئىقتىسادىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش ئاساسىي مەقسىتىدە چىڭ تۇرۇپ، ئوچۇق دۇنيا ئىقتىسادى بەرپا قىلىش چوڭ يۆنىلىشىنى ئىگىلەپ، ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونى ھەمكارلىق ۋەزىيىتىنى تىرىشىپ ساقلاپ، مۇقىم قەدەم بىلەن تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەگە يۈزلىنىشى كېرەك، دەپ تەكىتلىدى.

  يىغىن باشلىنىشتىن بۇرۇن، شى جىنپىڭ يىغىنغا قاتناشقان باشقا باشلىقلار بىلەن تەرتىپ بويىچە يېتىپ كېلىپ، پاپۇئا يېڭى گىۋىنېيەسى زۇڭلىسى ئونېلنىڭ قىزغىن قارشى ئېلىشىغا ئېرىشتى.

  شۇ يەر ۋاقتى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10 دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە يىغىن باشلاندى. ئونېل رىياسەتچىلىك قىلدى. بۇ قېتىمقى ئاسىيا - تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى باشلىقلار بىرەسمىي يىغىنىنىڭ باش تېمىسى «سىغدۇرۇشچان پۇرسەتنى ئىگىلەپ، رەقەملەشكەن كەلگۈسىگە قۇچاق ئاچايلى». يىغىنغا قاتناشقان ھەر قايسى ئىقتىسادىي گەۋدىلەرنىڭ باشلىقلىرى «رەقەملەشكەن كەلگۈسى بىلەن تۇتاشتۇرۇپ، سىغدۇرۇشچان ئېشىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش» قاتارلىق نۇقتىلىق قارالمىلارنى چۆرىدەپ، چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ھەمكارلىق مۇساپىسىنى ئەسلەپ، ئاسىيا- تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ كېلەچىكى توغرىسىدا ئورتاق كېڭەشتى.

  شى جىنپىڭ سۆزىدە مۇنداق كۆرسەتتى: ھازىرقى دۇنيادا، تەرەققىيات ۋە ئۆزگىرىش كۈچەيمەكتە. بىز تارىخ ئىلگىرىلەۋاتقان تۆت كوچا ئېغىزىدا تۇرۇپ، دۇنيا ئومۇمىي ۋەزىيىتىنى ئېنىق تونۇپ، ئىقتىسادنىڭ ئۆزگىرىشچانلىقىنى ئىگىلەپ، كەلگۈسى يۆنىلىشنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، دەۋر سوئالىغا جاۋاب بېرىشىمىز كېرەك.

  بىرىنچى، رايون ئىقتىسادىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئوچۇق ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونى ئىقتىسادىنى بەرپا قىلىش كېرەك. بىز سودا ۋە سېلىنمىنى ئەركىنلەشتۈرۈش، قولايلاشتۇرۇشنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىشىمىز كېرەك. تۈرلۈك ئەركىن سودا ئورۇنلاشتۇرمىسىغا قارىتا، بىز ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان، ئاشكارا بولۇش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، ئۆزئارا ماسلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ياخشى ھەمتۈرتكە بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشىمىز كېرەك. قائىدە ئاساس قىلىنغان كۆپ تەرەپلىك سودا تۈزۈلمىسىنى قەتئىي قوغداپ، بايرىقىمىز روشەن ھالدا قورۇقچىلىقنى توسۇشىمىز كېرەك. دۇنيا سودا تەشكىلاتى ئىسلاھاتىدا كۆپ تەرەپلىك سودا تۈزۈلمىسىنىڭ يادرولۇق قىممىتى ۋە ئاساسىي پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇش كېرەك. ئىقتىسادنىڭ يەرشارىلىشىشىنى تېخىمۇ ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان، ئومۇمىي مەنپەئەتدار، تەڭپۇڭ بولغان، ئورتاق پايدا ئالىدىغان يۆنىلىشكە قاراپ راۋاجلىنىشقا يېتەكلەش كېرەك.

  ئىككىنچى، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تۈرتكە بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى يېتىلدۈرۈش، ئاشۇرۇش كېرەك. بىز «ئالاقە تورى ۋە رەقەملىك ئىقتىساد يول خەرىتىسى»نى ئومۇميۈزلۈك، تەڭپۇڭ ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، رەقەملىك ئىقتىسادنى ئاشۇرۇشتىكى يوشۇرۇن كۈچنى قويۇپ بېرىپ، رەقەم ئۇل ئەسلىھەسى ۋە ئىقتىدار قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، رەقەملىك ئىقتىسادنىڭ ئۆتۈشچانلىقىنى ئاشۇرۇپ، رەقەملىك پەرقنى تۈگىتىپ، ئوخشىمىغان تەرەققىيات باسقۇچىدا تۇرۇۋاتقان ئەزالارنى رەقەملىك ئىقتىسادنىڭ تەرەققىيات نەتىجىسىدىن ئورتاق بەھرىلەندۈرۈپ، ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونىدىكى خەلقنى رەقەملىك ئىقتىسادنىڭ تەرەققىيات تېز پويىزىغا چىقىرىشىمىز كېرەك.

  ئۈچىنچى، ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇش تورىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، سىغدۇرۇشچان، بىرلەشمە تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. بىز ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇش ئۇلۇغۋار پىلانىنى چوڭقۇر ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، 2030- يىلىغىچە بولغان ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات قارالمىسىنى يېتەكچى قىلىپ، تېخىمۇ كۆپ ئەمەلىي تەدبىر قوللىنىپ، تەرەققىياتنى تېخىمۇ تەڭپۇڭ، ئېشىشنى تېخىمۇ ئىمكانىيەتلىك سىجىل، پۇرسەتنى تېخىمۇ باراۋەر، جەمئىيەتنى تېخىمۇ سىغدۇرۇشچان قىلىشىمىز كېرەك.

  تۆتىنچى، ھەمراھلىق مۇناسىۋەتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، قول تۇتۇشۇپ ئورتاق خىرىسقا تاقابىل تۇرۇش كېرەك. بىز تەرەققىياتنى ئورتاق پىلانلاشتىن ئىبارەت بۇ ئورتاق تونۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئورتاق خىرىسنى ھەل قىلىش توغرىسىدا ئىزدىنىشىمىز كېرەك. مەۋقەنى كۆپ خىللىق ئەمەلىيەتكە قويۇپ، بىر - بىرىمىزنىڭ تاللىغان تەرەققىيات يولىغا ھۆرمەت قىلىپ، ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان بولۇش ئاساسىدا يۇغۇرۇلۇپ، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىپ، ياخشى سۈپەتلىك رىقابەتلىشىش بىلەن بىللە، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، ھەمكارلىشىپ، ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونى تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى ئورتاق بەرپا قىلىشىمىز كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: بۇ يىل جۇڭگونىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشىنىڭ 40 يىللىقى. جۇڭگو قەتئىي تەۋرەنمەي ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، سىرتقا ئېچىۋېتىشتىن ئىبارەت تۈپ دۆلەت سىياسىتىدە چىڭ تۇرىدۇ. جۇڭگو خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، ئىجادىي، ماس، يېشىل، ئوچۇق، ھەمبەھرە يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىدۇ. جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئۇزاققىچە مۇقىم بولۇش، ياخشىلىنىشقا يۈزلىنىش ئومۇمىي ۋەزىيىتى داۋاملىق ساقلىنىدۇ. جۇڭگو ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونىدىكى ھەرقايسى تەرەپ بىلەن رەقەملىك ئىقتىساد ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ مەنپەئەتنىڭ ماسلىشىش نۇقتىسى ۋە ئىقتىسادنىڭ ئېشىش نۇقتىسىنى يېتىشتۈرۈپ، ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونى ئىقتىسادىغا قۇدرەتلىك يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى قوشۇشنى خالايدۇ. جۇڭگو ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن بىللە ئورتاق كېڭىشىش، ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق بەھرىلىنىشتە چىڭ تۇرۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەت، يۇقىرى ئۆلچەم، يۇقىرى سەۋىيەدە قۇرۇپ، ئاسىيا- تىنچ ئوكيان رايونى ۋە دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىگە تېخىمۇ زور تەرەققىيات پۇرسىتى يارىتىپ بېرىدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونى باشلىقلىرىنىڭ ئاسىيا- تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ 2020- يىلىدىن كېيىنكى ھەمكارلىق مەنزىلىنى ياخشى پىلانلاش مەسئۇلىيىتى بار. جۇڭگو ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونى ھەمكارلىقىنى پائال تەشەببۇس قىلغۇچى ۋە قەتئىي ئەمەلىيەتتە كۆرسەتكۈچى. جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونىدىكى ھەرقايسى تەرەپ بىلەن بولغان زىچ ھەمكارلىشىشتىن ئايرىلالمايدۇ، شۇنداقلا ئاسىيا- تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ تەرەققىياتىغا كەڭرى بوشلۇق ئېچىپ بەردى. جۇڭگو ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ ھەمكارلىق مۇساپىسىگە چوڭقۇر قاتنىشىپ، ھەرقايسى تەرەپلەر بىلەن بولغان ئەمەلىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ تەرەققىي قىلىشى، گۈللىنىشىگە يېڭى تۆھپە قوشىدۇ!

  يىغىنغا قاتناشقان ئىقتىسادىي گەۋدىلەرنىڭ باشلىقلىرى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئىستىقبالى ياخشى تەرەپكە قاراپ راۋاجلانماقتا، لېكىن سودا توسۇقى ۋە قورۇقچىلىق خىرىسىغىمۇ دۇچ كەلمەكتە. ھازىرقى ۋەزىيەتتە ھەرقايسى تەرەپلەر كۆپ تەرەپچىلىك ۋە كۆپ تەرەپلىك سودا سىستېمىسىنى قەتئىي قوغداپ، قورۇقچىلىققا قارشى تۇرۇپ، ئاسىيا - تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ سودا ۋە سېلىنمىنى ئەركىنلەشتۈرۈش، قولايلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش، شۇنداقلا تەڭپۇڭ بولۇش، يېڭىلىق يارىتىش، ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولۇش، سىغدۇرۇشچان ئېشىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش جەھەتلەردە داۋاملىق مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرۇشىنى قوللاپ، ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونى ئەركىن سودا رايونى قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، ھاياتىي كۈچكە تولغان، ئېچىۋېتىلگەن ئاسىيا- تىنچ ئوكيان رايونىنى قول تۇتۇشۇپ ئورتاق قۇرۇشى كېرەك. ھەرقايسى تەرەپلەر ئاسىيا- تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ 2020- يىلىدىن كېيىنكى ھەمكارلىق مەنزىلىنى چىڭ تۇتۇپ بەلگىلەپ، ھەرقايسى ئىقتىسادىي گەۋدىلەردە رەقەملەشتۈرۈش ۋە يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرىنى كېڭەيتىشى كېرەك.

  شۇ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، شى جىنپىڭ يەنە ئاسىيا - تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىدىكى ئىقتىسادىي گەۋدىلەرنىڭ باشلىقلىرى بىلەن بىللە دۇنيا ئىقتىسادىي ۋەزىيىتى بىرەسمىي پىكىرلىشىش يىغىنىغا قاتنىشىپ، خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتىنىڭ لىدىرى لاگاردېنىڭ دۇنيانىڭ ئىقتىسادىي ۋەزىيىتى توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشىنى ئاڭلىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.