ئەنگلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، يېقىندا، 53 مىڭ كىشىگە چېتىشلىق 23 يىللىق بىر تۈرلۈك تەتقىقاتتىن بايقىلىشىچە، چاي ۋە شىرنىلىك مېۋىلەردە ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرغۇچى دورا فىلاۋون بولۇپ، بۇ ياللۇغ، شامالدارىش، تاجىسىمان يۈرەك كېسىلى ۋە ئەتراپ ئارتېرىيە كېسىلى خەۋپىنى تۆۋەنلىتىدىكەن.
بۇ تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، ھەر كۈنى چاي ئىچكەندە ياكى شىرنىلىك مېۋە يېگەندە يۈرەك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدىكەن. كۈندىلىك يېمەك-ئىچمەكتە چاي ئىچىپ، لەنمېي يېگەندە شامالدارىش قاتارلىق كېسەللەرگە گىرىپتار بولۇش ئېھتىماللىقى تۆۋەنلەيدىكەن. ئالىملارنىڭ قارىشىچە، ئۇلاردا ياللۇغقا قارشى تۇرىدىغان ئوكسىدلىنىشقا قارشى رېئاكتىپ بار ئىكەن.
خەلق تورىدىن تەرجىمە قىلىندى