تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

ساياھەتچىلەر «ئۇچۇپ يۈرۈپ» كۆكتوقاي، قاناس، قۇمقاناستا قانغۇچە ئوينىيالايدۇ

ئالتاينىڭ قىش مەنزىرىسى. (ماتېرىيال سۈرەت)

  مۇخبىرىمىز جۇ كەيلى، ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز جۇ دەندەن خەۋەر قىلىدۇ: قىش پەسلىدە ئالتاي ساياھەتچىلەرنىڭ قارنى تاماشا قىلىش ئىستىكىنى قاندۇرۇپلا قالماي، قار تېيىلىش ھەۋەسكارلىرىنىڭ قانغۇچە قار تېيىلىپ ئوينىشىغا شارائىت ھازىرلىدى. ئىگىلىنىشىچە، يېقىندا ئالتاي ۋىلايىتى تۆۋەن ھاۋا بوشلۇقى ساياھەت ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىدىن ئۈچنى ئاچىدىغان بولۇپ، ساياھەتچىلەر «ئۇچۇپ يۈرۈپ» كۆكتوقاي، قاناس، قۇمقاناستىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ مەنزىرە رايونىدا قانغۇچە ئوينىيالايدىكەن.

  ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى ئايرىم-ئايرىم: ئالتاي — كۆكتوقاي، ئالتاي — قاناس (جيادېڭ جىلغىسى)، ئالتاي — قۇمقاناس ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىدىن ئىبارەت بولۇپ، 11-ئاينىڭ 20-كۈنى تۇنجى قاتنايدىكەن.

    ئالتاي ئاۋىياتسىيە كەسپى مەبلەغ سېلىش چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ باش دىرېكتور ياردەمچىسى ياڭ ۋېيمىڭنىڭ تونۇشتۇرىشىچە، شىنجاڭ ھەممىباب ئاۋىياتسىيە چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى ئۇچۇش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىدىغان «كۆكتوقاي — ئالتاي» ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىدە 11-ئاينىڭ 12-كۈنى بېلەت سېتىش باشلانغان، يەككە لىنىيە بويىچە بېلەت باھاسى 220 يۈەن/ئادەم بولۇپ، كۈندە بىر نۆۋەت قاتنايدىكەن، يەككە لىنىيەدە ئۇچۇشقا 45 مىنۇت ۋاقىت كېتىدىكەن. كۆكتوقايدىن ئالتايغا ئۇچىدىغان نۆۋەتچى ئايروپىلاننىڭ 16:00دە كۆتۈرۈلۈپ، 16:45 تە قونۇشى؛ ئالتايدىن كۆكتوقايغا ئۇچىدىغان نۆۋەتچى ئايروپىلاننىڭ 17:10 دا كۆتۈرۈلۈپ، 17:55 تە قونۇشى پىلانلانغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى