مۇھەررىر :
مېھرىبان يالقۇن
|
مەنبە:
تىيانشان تورى
2018/11/19 18:00
11-ئاينىڭ 16-كۈنى سۈرەتكە تارتىلغان جېجياڭ ئۆلكىسى ئەنجى ناھىيەسىنىڭ لۇجياسۈن كەنتى
شىنخۇا تورى خەۋىرى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جېجياڭ ئۆلكىسى ئەنجى ناھىيەسىنىڭ لۇجياسۈن كەنتى گۈزەل يېزا-كەنت قۇرۇش جەريانىدا «شىركەت+كەنت+ئائىلە دېھقانچىلىق مەيدانى» ئەندىزىسىنى قوللىنىپ، كەنت-قىشلاقلارنى پىلانلاش، كەسىپ پىلانلاش، ساياھەت پىلانلاشنى بىر تۇتاش يولغا قويۇپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلارنى زىچ بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ، تاغلىق يېزىنى زور دەرىجىدە ئۆزگەرتتى. ئاھالىلەرنىڭ كىرىمى بارغانسېرى ئاشتى. (مېڭ چېنگۇاڭ، جاڭ لىچىڭ، تەن جىن فوتوسى)
11-ئاينىڭ 17-كۈنى، لۇجياسۈن كەنتىدىكى كىچىك تىپتىكى ساياھەت پويىزى
11-ئاينىڭ 14-كۈنى، كەنت پارتكومىنىڭ شۇجىسى جۇ رېنبىن (سولدا) گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىدىن كەلگەن لايىھەلىگۈچى دىڭ ۋېي بىلەن ساياھەت كەسىپ پىلانى توغرىسىدا مۇزاكىرە قىلماقتا.
11-ئاينىڭ 16-كۈنى، ساياھەتچىلەر لۇجياسۈن كەنتىدە ئەنئەنىۋى ئۇسۇلدا ياسالغان نەقىشلىك ياغاچ تەختىراۋاننى ئېكسكۇرسىيە قىلماقتا.
11-ئاينىڭ 16-كۈنى، لۇجياسۈن كەنتىدىكى چايزارلىق
11-ئاينىڭ 16-كۈنى، لۇجياسۈن كەنتىدىكى دېھقانچىلىق مەيدانى
11-ئاينىڭ 14-كۈنى، كەنت پارتكومىنىڭ شۇجىسى جۇ رېنبىن (سولدا) كەنت ئاھالىسى بىلەن مامكاپ ئۆستۈرۈشنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى مۇزاكىرە قىلماقتا.
11-ئاينىڭ 14-كۈنى، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىدىن كەلگەن لايىھەلىگۈچى دىڭ ۋېي ئۆزىنىڭ لايىھەلەش كوللېكتىپى سىزغان ئۈنۈم خەرىتىسىنى كۆرسەتمەكتە.