تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش

ماھارەت ئىگىلەپ، كىرىمنى ئاشۇرۇش

11-ئاينىڭ 16-كۈنى، شىخۇ شەھەرلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسىنىڭ نەنيۈەن كوچىسى چاڭجېڭ يولى مەھەللىسىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەزاسى جاڭ يۈەن (ئوڭدىن 1-كىشى) تەۋەلىكتىكى يېڭىدىن ئىگىلىك تىكلىگەن ئاھالىگە پىرەنىكلەرنى تىزىشىپ بەرمەكتە.

  شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى خەۋىرى. شىخۇ شەھەرلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسىنىڭ نەنيۈەن كوچىسى چاڭجېڭ يولى مەھەللىسىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى ئىگىلىك تىكلەش ئارزۇسى بار ئاھالىلەرنىڭ تاتلىق-تۈرۈم دۇكىنى ئېچىشىغا ياردەم قىلدى ھەمدە تەۋەلىكتىكى ئىشسىز ئاھالىلەرنى پېچىنە-پىرەنىك پىشۇرۇش، ئاشپەزلىك بويىچە كۇرس ئېچىپ تەربىيەلەپ، ئاھالىلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈردى، بۇنىڭ بىلەن تەۋەلىكتىكى 35 ئاھالە تېخنىكا ئىگىلەپ، يېقىن ئەتراپتىلا ئىشقا ئورۇنلىشىپ، كىرىمىنى ئاشۇردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • يېڭىسارنىڭ تونۇر كاۋىپى
  • ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان چوڭ جىلغىسى ساياھەت مەخسۇس لىنىيەسىنى ئاچتى
  • سايرام كۆلىنىڭ قىش مەنزىرىسى
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى