تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭ كۆكتوقاي ئورمان رايونىدا ئېيىقسىمان بۇلغۇن تۇنجى قېتىم سۈرەتكە تارتىلدى

 

      شەھەر ئىستېمالى سەھەر گېزىتى خەۋىرى: 11-ئاينىڭ 14-كۈنى، ئالتاي تېغى دۆلەت ئىلكىدىكى ئورمان باشقۇرۇش ئىدارىسى كۆكتوقاي تارماق ئىدارىسىنىڭ سىرتقا ئاشكارىلىشىچە، دۆلەت 1-دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان ھايۋان ئېيىقسىمان بۇلغۇن كۆكتوقايدىكى ئورمان رايونىدا بايقالغان بولۇپ، ئالتاي تېغى دۆلەت ئىلكىدىكى ئورمان باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ كۆكتوقاي تارماق ئىدارىسى ئېگىز تاغدىكى كۆزىتىش نۇقتىسىدا تۇنجى قېتىم سۈرەتكە تارتىۋېلىنغان.

  11-ئاينىڭ 6-كۈنى كېچىدە تارتىلغان سىن كۆرۈنۈشىدە كۆرسىتىلىشىچە، بۇ ئېيىقسىمان بۇلغۇن قارلىق دالىدا ئوزۇق ئىزدەۋاتقان بولۇپ، پات-پات قەدىمىنى توختىتىپ ئەتراپقا قارايتتى، ئۇنىڭ بۇ تۇرقىدىن بۇ دائىرىنى ئىنتايىن پىششىق بىلىدىغانلىقى، ئازراقمۇ پەخەس بولغان قىياپەتتە ئەمەسلىكى چىقىپلا تۇراتتى.

  ئالتاي تېغى دۆلەت ئىلكىدىكى ئورمان باشقۇرۇش ئىدارىسى كۆكتوقاي تارماق ئىدارىسى خىزمەتچى خادىمىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ئېيىقسىمان بۇلغۇننىڭ بۇ رايوندا پەيدا بولۇشى ئىنتايىن ئاز ئۇچرايدىغان بولۇپ، بۇ، ئورمان رايونىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنىڭ كونكرېت ئىپادىسى ئىكەن.

ئېيىقسىمان بۇلغۇن (ماتېرىيال سۈرەت)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى