تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

مەخسۇس پويىزغا ئولتۇرۇپ شىنجاڭنىڭ قىش پەسلىدىن ھۇزۇرلىنىڭ

  تارىم دەرياسى بويىدىكى ئالتۇن رەڭ توغراقلىق مەنزىرىسى، قەشقەر قەدىمىي شەھىرىدىكى ئۆرپ-ئادەت مەنزىرىسى، قاناستىكى تاغ-دەريالار مەنزىرىسى، قۇمقاناستىكى شېئىرىي تۈسكە تولغان كەنت مەنزىرىسى، چۇڭقۇر بازىرىدىكى تۇمان سۆڭگىسى مەنزىرىسى، ئۇلۇنگۇر كۆلىنىڭ قىزغۇچ سېرىق رەڭلىك كۈن پېتىش مەنزىرىسى... يېقىندا، «پويىزغا ئولتۇرۇپ شىنجاڭنى ساياھەت قىلىش» بويىچە 2018-يىللىق قىشلىق تۇنجى ساياھەت مەخسۇس پويىزى — Y971-قېتىملىق «شىندۇڭفاڭ» تېز پويىزى ئۈرۈمچىگە قايتىپ كەلدى، مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن 100 دىن ئارتۇق ساياھەتچى تۆت كۈنلۈك سەپىرىنى ئاخىرلاشتۇردى. ئۇلار تىيانشان تېغىنىڭ جەنۇب-شىمالىدىكى گۈزەل مەنزىرىلەردىن قانغۇچە ھۇزۇرلاندى.

تارىم دەرياسى بويىدا توغراقلىق، دەريا ئېقىنى، قۇملۇق ئۆزئارا گىرەلىشىپ ئۆزگىچە تۈسكە كىردى. (سۈرەتنى لى فېي تەمىنلىگەن)

قاناسنىڭ قىش مەنزىرىسى (سۈرەتنى چۈ يۈەنيۈەن تەمىنلىگەن)

ساياھەتچىلەر لوپنۇر ناھىيەسىدىكى لوپنۇرلۇقلار كەنتى ساياھەت مەنزىرە رايونىدا ساياھەت قىلماقتا. (سۈرەتنى بايىنغولىن ئوبلاستى «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» ئىشخانىسى تەمىنلىگەن)

ساياھەتچىلەر «شىندۇڭفاڭ» تېز پويىزىغا ئولتۇرۇپ قاناسقا بېرىپ ساياھەت قىلدى. (سۈرەتنى چۈ يۈەنيۈەن تەمىنلىگەن)

«شىندۇڭفاڭ» تېز پويىزىدىكى تازىلىق ئۆيى (سۈرەتنى چۈ يۈەنيۈەن تەمىنلىگەن)

ساياھەتچىلەر «شىندۇڭفاڭ» تېز پويىزىدىكى راھەت مۇھىتتا ئولتۇرۇپ شىنجاڭنى ساياھەت قىلدى. (سۈرەتنى چۈ يۈەنيۈەن تەمىنلىگەن)

قاناسنىڭ قىش مەنزىرىسى (سۈرەتنى چۈ يۈەنيۈەن تەمىنلىگەن)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى