«جۇڭگو.نارات 2019-يىللىق قار-مۇز ساياھەت ـ مەدەنىيەت بايرىمى» نەق مەيدان سەنئەت نومۇرلىرىدىن كۆرۈنۈش.
مۇخبىرىمىز جۇ كەيلى، ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز سۈن جېنجېن خەۋىرى، فوتوسى: «جۇڭگو.نارات 2019-يىللىق قار-مۇز ساياھەت ـ مەدەنىيەت بايرىمى» 11-ئاينىڭ 17-كۈنى ئىلى ئوبلاستى كۈنەس ناھىيەسىدىكى نارات مەنزىرە رايونى دۆلەتلىك ئورمان باغچىسىدا رەسمىي باشلاندى. بۇ قېتىملىق قار-مۇز مەدەنىيەت ـ ساياھەت بايرىمى ئىلى ئوبلاستىنىڭ 13-نۆۋەتلىك «قار مۇھەببىتى» قار-مۇز مەدەنىيەت ـ ساياھەت بايرىمىنىڭ تەركىبىي قىسمى بولۇپ، كۈنەس ناھىيەسىدە قىشلىق ساياھەتنىڭ رەسمىي باشلانغانلىقىدىن دېرەك بەردى.
ئىگىلىنىشىچە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان كۈنەس ناھىيەسى «دۇنياۋى سەرخىل ساياھەت» پىلانىنى زىچ چۆرىدەپ، ئۆزگىچە قار ـ مۇز ساياھەت بايلىقىغا تايىنىپ، ساياھەت ـ مەدەنىيەت كەسپىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرغان.