ئەندىر يېزىسىدىكى دېھقان قوغۇندىن مول ھوسۇل ئالدى.
مۇخبىرىمىز ۋاڭ جىڭجىڭ، ئىختىيارىي مۇخبىرلىرىمىز شيې جۈەن، جاڭ لياڭ خەۋىرى، فوتوسى: ئاپتونوم رايونلۇق پەن-تېخنىكا جەمئىيىتىنىڭ ئەندىر يېزىسىدا تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ياردىمىدە ئاپتونوم رايونلۇق پەن-تېخنىكا جەمئىيىتى ھەر يىلى پەن-تېخنىكا مۇلازىمەت پائالىيىتى ۋە «نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش مۇتەخەسسىسلەر مۇلازىمىتى ھەرىكىتى» نى سۇپا قىلىپ، مەخسۇس خىراجەت ئاجرىتىپ، شىنجاڭدىكى دېھقانچىلىق مۇتەخەسسىسلىرىنى چىلان چاتاش، چېچەكلىتىش، مېۋە بەرگۈزۈش، بىخ سىيرىش، ئوتاش قاتارلىق ھالقىلىق مەزگىللەردە ئېتىز باشلىرىغا بېرىپ، كەنت ئاھالىلىرىنى پەن-تېخنىكا بويىچە يۈزتۇرا تەربىيەلەش ۋە تېخنىكا جەھەتتىن يېتەكلەشكە تەشكىللەپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ چىلان ئۆستۈرۈش ھالقىلىق مەزگىلىدىكى باشقۇرۇش سەۋىيەسىنى يۇقىرى كۆتۈردى. ھازىر، پۈتۈن كەنتتىكى %85 تىن يۇقىرى چىلانچى دېھقان چىلان ئۆستۈرۈش بويىچە ئىلغار تېخنىكىلارنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىگىلەپ بولدى.
قوغۇنچى دېھقانلارمۇ ئاپتونوم رايونلۇق پەن-تېخنىكا جەمئىيىتىنىڭ ئەندىر يېزىسىدا تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ياردىمىدە قوغۇندا بولىدىغان «پېلەك قۇرۇش كېسىلى» نى ۋاقتىدا تۈگىتىپ، قوغۇندىن مول ھوسۇل ئالدى.