11-ئاينىڭ 17-كۈنى، گېرمانىيەنىڭ بېرلىندا ئۆتكۈزۈلگەن چاي مەدەنىيىتى بايرىمىدا كىشىلەر چاي تېتىماقتا.
شىنخۇا تورى خەۋىرى. بىرقانچە گېرمانىيەلىك چاي مەدەنىيىتى ھەۋەسكارى ئۇيۇشتۇرغان بېرلىن تۇنجى نۆۋەتلىك چاي مەدەنىيىتى بايرىمى شۇ جايدىكى بىر مەدەنىيەت پائالىيەت سارىيىدا ئۆتكۈزۈلدى. چاي توغرىسىدىكى بۇ كاتتا زىياپەتتە چاي مەھسۇلاتلىرى كۆرگەزمىسى، چاي سەنئىتى تەتقىقاتى ۋە مۇھاكىمە يىغىنى، ھۆسىنخەت-رەسىم ۋە چاي، تەيجى گۇمپىسى ۋە چاي، چاي ۋە پىپا قاتارلىق چاي باش تېمىسىدىكى پائالىيەتلەر ئارقا-ئارقىدىن ئۆتكۈزۈلدى. جەمئىي 2000دىن ئارتۇق ئادەم بۇ قېتىملىق پائالىيەتكە قاتناشتى. (ۋاڭ چىڭ فوتوسى)