تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   گۈزەل يۇرت -ماكانىمىزنى ياخشى قوغدايلى

ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى قەتئىي قوغدايمەن

  سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستلىق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن ھاكىم دەرىجىلىك تەپتىشى گۈلجان

  مەن پارتىيەنىڭ ئىللىق قۇياش نۇرىغا چۆمۈلۈپ، ئۇلۇغ ۋەتىنىمىز قوينىدا ئۆسۈپ چوڭ بولغان، پارتىيە كۆپ يىل تەربىيەلەپ يېتىشتۈرگەن پارتىيەلىك كادىر. ئاتا- ئانام ھەر ئىككىلىسى خەلق ئوقۇتقۇچىسى، ئۇلار ماڭا دائىم توختىماي شۇنداق نەسىھەت قىلىدۇ: «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى بولمىسا، يېڭى جۇڭگو بولمايتتى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى بولمىسا، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ بەختلىك گۈزەل تۇرمۇشى بولمايتتى». ئاتا- ئانامنىڭ تەسىرىدە، مەن تىرىشىپ ئوقۇپ غەربىي شىمال سىياسىي- قانۇن داشۆسىنىڭ قانۇن فاكۇلتېتىغا ئىمتىھان بېرىپ ئۆتتۈم، ئوقۇش پۈتكۈزگەندىن كېيىن، ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ گۇچۇڭ ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستلىق ئاياللار بىرلەشمىسى، خەلق تەپتىش مەھكىمىسىدە خىزمەت قىلدىم. مېنىڭ ھەربىر ئۆسۈپ يېتىلىش قەدىمىمنى پارتىيە تەشكىلىنىڭ تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈشىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ، ھەربىر قەدىمىمنى ھەر مىللەت خىزمەتداشلىرىمنىڭ غەمخورلۇقى، قوللىشى ۋە ياردىمىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ. مەن باشتىن- ئاخىر مىننەتدار قەلبىم بىلەن ھەر ۋاقىت پارتىيەنىڭ يېتىشتۈرۈشىنى ئۇنتۇماي، مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىپ، جان كۆيدۈرۈپ ئىشلەپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىم ئارقىلىق پارتىيە ۋە خەلققە جاۋاب قايتۇرىمەن.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، «ئۈچ خىل كۈچ»، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەر تىل بىرىكتۈرۈپ، «مىللەت» بايرىقىنى كۆتۈرۈۋېلىپ، «دىن» تونىغا ئورىنىۋېلىپ، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسى ۋە «پانئىسلامىزم»، «پانتۈركىزم» ئىدىيەسىنى تارقىتىپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلولىرىنى سادىر قىلىپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلققە غايەت زور ئازاب ئېلىپ كەلدى. مەن خىزمەت جەريانىدا، كىشىنى چۆچۈتىدىغان زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلولىرى بىلەن ئۇچرىشىپ، «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ جىنايى ماھىيىتى ۋە رەزىل ئەپت- بەشىرىسىنى تېخىمۇ ئېنىق تونۇپ يەتتىم، شۇنداقلا زىممەمدىكى مەسئۇلىيەتنى تېخىمۇ ئېنىق بىلدىم. مەن باشتىن- ئاخىر شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىمەنكى، دۆلىتىمىز سوتسىيالىستىك قانۇنچىل دۆلەت، قانۇننىڭ ئىززەت- ھۆرمىتىنى دەپسەندە قىلىشقا بولمايدۇ، خەلقنىڭ مەنپەئىتىگە دەخلى- تەرۇز قىلىشقا بولمايدۇ، دۆلەتنى پارچىلايدىغان، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان ئاشۇ قىلمىشلار جەزمەن قانۇننىڭ قاتتىق جازاسىغا ئۇچرايدۇ.

  قەتئىي تەۋرەنمەي سىياسىي ئىرادەمنى كۈچەيتىمەن. باشتىن- ئاخىر غايە- ئېتىقادنى چىڭىتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ھەر ۋاقىت پارتىيەنىڭ سىياسىي ئىنتىزامى ۋە سىياسىي قائىدىسىگە ئەمەل قىلىپ، پارتىيە ئۈچۈن سۆزلەپ، پارتىيەنىڭ غېمىنى يەپ، پارتىيەنىڭ ئىشىنى كۆزلەپ، ھەرقانداق ۋاقىت، ھەرقانداق جاي، ھەرقانداق ئەھۋالدا پارتىيە بىلەن قەلبداش، خەلق بىلەن قەلبداش بولىمەن. سىياسىي سەزگۈرلۈكۈم ۋە سىياسىي پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارىمنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇپ، ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، ئاچقۇچلۇق پەيت ۋە زور ۋەقەلەردە سىناقلارغا بەرداشلىق بېرىمەن.

  قەتئىي تەۋرەنمەي ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغدايمەن. شىنجاڭدا ياشاۋاتقان ۋە خىزمەت قىلىۋاتقان تەپتىش كادىرى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، «مۇقىملىق- بەخت، مالىمانچىلىق- ئاپەت» دېگەن قائىدىنى تېخىمۇ ئېنىق تونۇپ ۋە چۈشىنىپ، جەزمەن ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، باشلامچىلىق بىلەن بىرىنچى سەپكە ئاتلىنىپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش «بىرىكمە مۇشت»ىنى ياخشى ئاتىمەن؛ باشلامچىلىق بىلەن دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، بايرىقىم روشەن ھالدا «ئۈچ خىل كۈچ»، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش مەسئۇلىيىتى ۋە بۇرچىنى ئاڭلىق زىممەمگە ئالىمەن.

  قەتئىي تەۋرەنمەي مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغدايمەن. باشلامچىلىق بىلەن مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى جان تومۇرىنى ياخشى قوغداپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما بىلەن بىللە تۇرغاندا قەلب دەرۋازامنى ئېچىپ، خۇددى ئائىلەمدىكىلەرگە ئوخشاش مۇئامىلە قىلىپ، ئاڭلىق ھالدا ھەقىقىي ئىتتىپاقلىقنى ئىشقا ئاشۇرىمەن. «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىدە، باشلامچىلىق بىلەن ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما بىلەن ھەقىقىي سىردىشىپ، ھەقىقىي مېھىر- مۇھەببەت ئورنىتىپ، ئائىلىلەرگە كىرىش، ھەمتۈرتكە بولۇش، ھېسسىياتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى خىزمەت، تۇرمۇشنىڭ دائىملىق ھالىتىگە ئايلاندۇرۇپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىم ئارقىلىق ئالاقىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، ئارىلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىمەن.

  قەتئىي تەۋرەنمەي مەسئۇلىيەت ۋە بۇرچنى ياخشى ئادا قىلىمەن. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ خىزمەت تەلىپىنى ئەستايىدىل ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باش نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇشنى ھازىرقى ھەممىنى بېسىپ چۈشىدىغان سىياسىي ۋەزىپە ۋە سىياسىي مەسئۇلىيەت قىلىپ، قاتتىق زەربە بېرىش، تۈزەشتىكى يۇقىرى بېسىملىق ھەيۋە كۆرسىتىش ۋەزىيىتىنى ساقلاشتا قەتئىي تەۋرەنمەيمەن، باشلامچىلىق بىلەن دېلو بېجىرىشنىڭ بىرىنچى سېپىگە ئاتلىنىپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشتىن ئىبارەت بۇ قاتتىق جەڭدە غەلىبە قىلىش ئۈچۈن تېگىشلىك تۆھپە قوشىمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى