تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   گۈزەل يۇرت -ماكانىمىزنى ياخشى قوغدايلى

«ئۈچ خىل كۈچ»، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قارشى ئاداققىچە قانلىق جەڭ قىلىمەن

  ئۈرۈمچى شەھەرلىك سىياسىي كېڭەش پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن رەئىس گۈلچىنار ساۋۇر

  مەن گۈزەل خوتەندە تۇغۇلغان، ئاتا- ئانام ۋە قېرىنداشلىرىمنىڭ ھەممىسى كومپارتىيە ئەزاسى. ئاتا- ئانام ئىزچىل ماڭا كومپارتىيە بولمىسا، يېڭى جۇڭگو بولمايتتى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ بۈگۈنكى ئىتتىپاق، دوستانە، ئىناق، بەختلىك تۇرمۇشى تېخىمۇ بولمايتتى، دەپ تەربىيە بېرەتتى. خىزمەتكە قاتناشقان 30 يىلدىن بۇيان، پارتىيەنىڭ غەمخورلۇقى، يېتىشتۈرۈشى، ئەتراپىمدىكى ھەر مىللەت خىزمەتداشلارنىڭ قوللىشى، ياردىمىدە، مەن قەدەممۇقەدەم ئادەتتىكى كادىردىن تەدرىجىي پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىر بولۇپ ئۆسۈپ يېتىلدىم. مەن پارتىيەنىڭ شەپقىتىنى قەلبىمگە چىڭ پۈكۈپ، ئۆمۈرۋايەت ئۇنتۇمايمەن.

  ئەمما، «ئۈچ خىل كۈچ» «مىللەت»، «دىن»نى دەستەك قىلىپ، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسى ۋە «پانئىسلامىزم»، «پانتۈركىزم» ئىدىيەسىنى تەرغىب قىلىپ، مىللىي ئۆچمەنلىككە قۇترىتىپ، تارىخنى بۇرمىلاپ، ھەق- ناھەقنى ئاستىن- ئۈستۈن قىلىپ، تۈرلۈك ئاماللار بىلەن ۋەقە تۇغدۇرۇپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ بەختلىك تۇرمۇشىغا قارا سايە تاشلىدى. «ئىككى يۈزلىمىچى»لەر رەزىل، نومۇسسىز، ئۇلار كومپارتىيەنىڭ تامىقىنى يەپ، كومپارتىيەنىڭ قازىنىنى چېقىپ، پارتىيەگە قارشى، خەلققە قارشى جىنايى قىلمىشلار بىلەن شۇغۇللاندى. «ئۈچ خىل كۈچ»، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرنىڭ رەزىل قىلمىشىغا قەتئىي زەربە بېرىپ، ئۇلارنى كوچىدىن ئۆتكەن چاشقان ئۇر- ئۇرغا قالغاندەك ھالغا چۈشۈرۈشىمىز كېرەك.

  مەن ئىدىيەدە قەتئىي، كەسكىن ھالدا يادرونى قوغدايمەن. «تۆت ئاڭ»نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرىمەن، ئەمەلىيلەشتۈرىمەن. ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش قاتارلىق چوڭ ھەق- چوڭ ناھەق مەسىلىلىرىدە، تونۇشتا مۈجمەل بولماي، پوزىتسىيەدە تۇتۇق بولماي، ھەرىكەتتە تەۋرەنمەي، ئىدىيەدە زېرەك ئادەم، سىياسىيدا سادىق ئادەم، ئىنتىزامدا پاك ئادەم، خەلقنى كۆزلەشتە سىرداش ئادەم، خىزمەتتە مەسئۇلىيەتچان ئادەم، تۇرمۇشتا دۇرۇس ئادەم بولىمەن.

  مەن ھەرىكەتتە قەتئىي، كەسكىن قول سېلىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرىمەن. «ئۈچ خىل كۈچ»، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قارشى ئاداققىچە قانلىق جەڭ قىلىمەن! ئۇلارغا قارشى كۈرەشتە باتۇرلۇق بىلەن ئاۋانگارت بولىمەن. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ خەلققە بەخت يارىتىشتەك ئۇلۇغ تۆھپىسىنى داغدۇغىلىق، چوڭقۇر، سىجىل تەشۋىق قىلىمەن، شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقتىكى شانلىق مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى تەشۋىق قىلىمەن، ئاممىنى ھوشيارلىقنى ئۆستۈرۈپ، كۆزىنى روشەنلەشتۈرۈپ، «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ رەزىل ئەپت- بەشىرىسىنى ئېنىق كۆرۈش، بايرىقى روشەن ھالدا بارلىق زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىگە قارشى تۇرۇشقا تەربىيەلەپ، ھەققانىيەت شەمشىرى ئارقىلىق «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرنىڭ نىقابىنى ئېچىپ تاشلاپ، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە يوشۇرۇنغۇدەك جاي قالدۇرماي، ئۇلارنى خەلق ئۇرۇشىنىڭ بىپايان دېڭىزىغا تەلتۆكۈس غەرق قىلىمەن.

  مەن تىرىشىپ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ باشلامچىسى بولىمەن. «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىنى چوڭقۇر ياخشى قانات يايدۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۆز قارىچۇقىمنى ئاسرىغاندەك ئاسراپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ھاياتىمنى قەدىرلىگەندەك قەدىرلەپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىم ئارقىلىق ھەر مىللەت ئاممىغا سەمىمىي مۇلازىمەت قىلىپ، قەلبلەرنى ئىللىتىدىغان، كۆڭۈلنى مايىل قىلىدىغان ئىشلارنى كۆپرەك قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنى ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى ئورتاق يارىتىشقا تەربىيەلەيمەن ۋە يېتەكلەيمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى