تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

شى جىنپىڭ بىرۇنېي تاراتقۇلىرىدا ئىمزالىق ماقالە ئېلان قىلدى

  قول تۇتۇشۇپ جۇڭگو بىلەن بىرۇنېي مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى پۈتەيلى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 11- ئاينىڭ 17- كۈنى تېلېگراممىسى. 11- ئاينىڭ 17- كۈنى بىرۇنېي دارۇسسالامدا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش ھارپىسىدا، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بىرۇنېي «پولوجوۋ ئاخبارات گېزىتى»، «شىخۇا گېزىتى»، «ليەنخې خەۋەرلەر گېزىتى»، «شىڭجوۋ گېزىتى»دە «قول تۇتۇشۇپ جۇڭگو بىلەن بىرۇنېي مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى پۈتەيلى» دېگەن تېمىدا ئىمزالىق ماقالە ئېلان قىلدى. ماقالە تۆۋەندىكىچە:

  قول تۇتۇشۇپ جۇڭگو بىلەن بىرۇنېي مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى پۈتەيلى

  جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ

  سۇلتان خاسانئال جانابلىرىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، مەن 11- ئاينىڭ 18- كۈنىدىن 20- كۈنىگىچە بىرۇنېيدا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىمەن. بۇ، مېنىڭ دۆلىتىڭلارغا قىلىدىغان تۇنجى قېتىملىق زىيارىتىم، بۇنىڭدىن ئىنتايىن خۇشالمەن.

  بىرۇنېينىڭ دۆلەت نامى «تىنچلىق دۆلىتى» دېگەن مەنىدە. بۇ يەردە گۈزەل تەبىئىي مەنزىرە، قويۇق شەھەر تۈسى، تىنچ ئىجتىمائىي كەيپىيات بار بولۇپ، خۇددى جۇڭگونىڭ قەدىمكى شائىرى تاۋ يۈەنمىڭنىڭ قەلىمىدە تەسۋىرلەنگەن غايىۋى ماكانغا ئوخشايدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، سۇلتان جانابلىرىنىڭ قالتىس رەھبەرلىكىدە، بىرۇنېي ئۆز دۆلىتىنىڭ دۆلەت ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان تەرەققىيات يولىدا مېڭىپ، دۆلەتنى گۈللەندۈردى، باياشات قىلدى، خەلق خاتىرجەم ياشاۋاتىدۇ. مەن بىرۇنېينىڭ تېخىمۇ زور تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى قولغا كەلتۈرۈشىگە چىن كۆڭلۈمدىن تىلەكداشلىق بىلدۈرىمەن.

  جۇڭگو بىلەن بىرۇنېيدىن ئىبارەت ئىككى دۆلەت دېڭىز ئايرىپ تۇرىدىغان دوستانە قوشنا دۆلەتلەر. بىرۇنېي قەدىمدىن تارتىپلا دېڭىز يىپەك يولىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى. جۇڭگونىڭ غەربىي خەن سۇلالىسى دەۋرىدە، بىزنىڭ ئەجدادلىرىمىز بۇ دېڭىز تۈگۈنى ئارقىلىق ئۆزئارا ئالاقىلىشىش، ئۆزئارا چۈشىنىش، ئۆزئارا دوستلىشىش، ئۆزئارا تۇغقانلىشىشتەك گۈزەل سەھىپىنى پۈتكەن. جېڭ خې كېمە كارۋىنىنى باشلاپ بىرۇنېيدىن ئىككى قېتىم ئۆتۈپ، يەرلىكتىكى خەلققە تىنچلىق ۋە دوستلۇق ئېلىپ كەلگەن، بىرۇنېي خەلقى ئۇنى يېقىملىق قىلىپ «جېڭ خې يۈەنشۈەي» دەپ ئاتىغان. سېرى بېگاۋان شەھىرىدىكى «ۋاڭ زۇڭبىڭ يولى» بىلەن پۇگۇڭ قەبرىستانلىقى، جۇڭگو نەنجىڭ شەھىرىدىكى بونى پادىشاھى قەبرىستانلىقىنىڭ ھەممىسى ئىككى دۆلەتنىڭ ئۇزاق دوستانە ئالاقە تارىخىغا گۇۋاھ بولغان.

  1991- يىلى جۇڭگو بىرۇنېي بىلەن رەسمىي دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ مىڭ يىللىق «رىشتى» قايتا داۋاملاشتۇرۇلدى. ئىككى تەرەپ ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورناتقان بەش يىلدىن بۇيان، سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئەمەلىي ھەمكارلىقنى پۇختا قەدەم بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، خەلقئارا ۋە رايون ئىشلىرىدا بىر- بىرىنى قوللىدى ۋە ماسلاشتى. جۇڭگو- بىرۇنېي مۇناسىۋىتى تارىختىكى ئەڭ ياخشى مەزگىلگە قەدەم قويۇپ، چوڭ- كىچىك دۆلەتلەرگە باراۋەر مۇئامىلە قىلىش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق پايدا ئېلىش، ئورتاق تەرەققىي قىلىشنىڭ ئۈلگىسىگە ئايلاندى.

  مەن ئوتتۇرىغا قويغان «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش تەشەببۇسى بىرۇنېي تەرەپنىڭ پائال ئاۋاز قوشۇشى ۋە زور كۈچ بىلەن قوللىشىغا ئېرىشتى، ئىككى تەرەپ چۈشىنىش ئەسلەتمىسى ئىمزالاپ، بۇ تەشەببۇسنى بىرۇنېينىڭ «2035 ئۇلۇغ ئارزۇسى» بىلەن ئۇدۇللاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشتى.

  بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ئىككى دۆلەتنىڭ ئىقتىساد- سودا ھەمكارلىقى تېز كېڭەيدى. جۇڭگو بىرۇنېينىڭ ئەڭ مۇھىم ھەمكارلىق ھەمراھلىرىنىڭ بىرىگە ئايلاندى. خېڭيى بىرۇنېي نېفىت- خىمىيەسى، «گۇاڭشى- بىرۇنېي ئىقتىساد كارىدورى»دىن ئىبارەت ئىككى چوڭ بايراقدار ھەمكارلىق تۈرى ئوڭۇشلۇق ئالغا سىلجىتىلدى. بىرۇنېيغا بېرىپ مەبلەغ سېلىپ كەسىپلەرنى گۈللەندۈرىدىغان جۇڭگو كارخانىلىرى كۈنسېرى كۆپىيىپ، بىرۇنېي ئىقتىسادىنىڭ كۆپ مەنبەلىشىپ تەرەققىي قىلىشىدا ئىجابىي رولىنى جارى قىلدۇردى. جۇڭگو كارخانىلىرى بىرۇنېينىڭ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىغا ئاكتىپ قاتنىشىپ، چوڭ مورا ئارىلى چوڭ كۆۋرۈكى، تېرىسې- لۇمۇ يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى، ئۇلۇتۇتۇڭ توسمىسى قاتارلىق قۇرۇلۇشلارنى ھۆددىگە ئېلىپ، بىرۇنېينىڭ ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈردى، شۇنداقلا بىرۇنېيدىكى شۇ جايلاردا گۈزەل «جۇڭگو نام كارتىسى»غا ئايلاندى.

  ئىككى دۆلەتنىڭ ئادىمىيەت ئالاقىسى كۈنسېرى قويۇقلاشتى. جۇڭگو بىرۇنېينىڭ بىرىنچى چوڭ ساياھەتچى مەنبەسى دۆلىتى، سېرى بېگاۋان شەھىرىنىڭ كوچىلىرىدا جۇڭگولۇق ساياھەتچىلەرنىڭ سىيماسىنى دائىم كۆرگىلى بولىدۇ. ئىككى دۆلەت سېرى بېگاۋان شەھىرىدىن شياڭگاڭ، شاڭخەي، خاڭجوۋ، نەننىڭ، كۇنمىڭغا بىۋاسىتە قاتنايدىغان ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى ئېچىپ، خادىملارنىڭ بېرىش- كېلىش قىلىشى ئۈچۈن بوشلۇق كارىدورى قۇرۇپ بەردى. نەنجىڭ شەھىرى بىلەن سېرى بېگاۋان شەھىرى دوست شەھەرلەردىن بولۇپ قويۇق بېرىش- كېلىش قىلىپ، جۇڭگو بىلەن بىرۇنېي ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ چوڭقۇر دوستلۇقىدا يېڭى ھاياتىي كۈچ ئۇرغۇتتى.

  بۇ يىل جۇڭگو ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشىنىڭ 40 يىللىقى، شۇنداقلا «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش تەشەببۇسى ئوتتۇرىغا قويۇلغانلىقىنىڭ بەش يىللىقى. جۇڭگو تەرەپ سىرتقا ئېچىۋېتىشتە چىڭ تۇرۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى چوڭقۇر، پۇختا ئىلگىرى سۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، لىنىيە بويىدىكى دۆلەتلەر خەلقلىرىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت ياراتتى. نۆۋەتتە، جۇڭگو بىلەن بىرۇنېي ئايرىم- ئايرىم ھالدا «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش بىلەن «2035 ئۇلۇغ ئارزۇسى»نى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ھالقىلىق مەزگىلىدە تۇرۇۋاتىدۇ، ئىككى تەرەپ چۈشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دوستلۇقنى چىڭىتىپ، ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگو- بىرۇنېي مۇناسىۋىتىنىڭ ئالغا قاراپ تېخىمۇ ياخشى تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

  ــــ بىز سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشنى ئاشۇرۇشىمىز كېرەك. ئىككى تەرەپ ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىك ۋە يىراق كەلگۈسى نۇقتىدىن جۇڭگو - بىرۇنېي مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىنى پىلانلاپ، يۇقىرى قاتلاملىقلار ئالاقىسىنى ساقلاپ، سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنى يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشى كېرەك. جۇڭگو تەرەپ بىرۇنېينىڭ ئۆز دۆلىتىنىڭ دۆلەت ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان تەرەققىيات يولىدا مېڭىشىغا ھۆرمەت قىلىدۇ ھەم قەتئىي قوللايدۇ.

  ــــ بىز ئەمەلىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشىمىز كېرەك. ئىككى تەرەپ ئىستراتېگىيەلىك ئۇدۇللاشتۇرۇشنى كۈچەيتىشى كېرەك. جۇڭگو تەرەپ بىرۇنېينىڭ ئىقتىسادنى كۆپ مەنبەلەشتۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا داۋاملىق ياردەم بېرىشنى، نۇقتىلىق ھەمكارلىق تۈرلىرىنى ياخشى قۇرۇپ، ئېنېرگىيە، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، دېھقانچىلىق، بېلىقچىلىق، ئېلېكتىرونلۇق سودا، دېڭىز ئۈستى قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىق توغرىسىدا ئىزدىنىشنى خالايدۇ. جۇڭگو تەرەپ جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ بىرۇنېيغا بېرىپ مەبلەغ سېلىشىغا ئىلھام بېرىدۇ، بىرۇنېينىڭ سۈپەتلىك مەھسۇلاتلىرىنى جۇڭگوغا ئېكسپورت قىلىشنى كېڭەيتىشىنى قارشى ئالىدۇ.

  ــــ بىز ئادىمىيەت ئالاقىسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشىمىز كېرەك. ئىككى تەرەپ مەدەنىيەت، سەھىيە، مائارىپ، تەنتەربىيە، ساياھەت، ئادەم كۈچى بايلىقى بويىچە تەربىيەلەش قاتارلىق ساھەلەردە ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقنى كېڭەيتىشى كېرەك. بىز ئىككى دۆلەتنىڭ ئاۋىياتسىيە كارخانىلىرىنىڭ تېخىمۇ كۆپ بىۋاسىتە ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى ئېچىشىنى قوللايمىز، تېخىمۇ كۆپ جۇڭگو ساياھەتچىلىرىنى بىرۇنېيغا بېرىپ سەيلە- ساياھەت قىلىشقا رىغبەتلەندۈرىمىز، تېخىمۇ كۆپ بىرۇنېيلىق دوستلارنىڭ جۇڭگوغا كېلىپ ئوقۇشى، ساياھەت قىلىشى، خىزمەت قىلىشىنى قارشى ئالىمىز.

  ــــ بىز خەلقئارا ۋە رايون ئىشلىرىدا ھەمكارلىشىش ۋە ماسلىشىشنى كۈچەيتىشىمىز كېرەك. جۇڭگو تەرەپ بىرۇنېي تەرەپ بىلەن بىرلىكتە، جۇڭگو- شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىنىڭ ھەر ساھەدىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇر تەرەققىي قىلدۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، رايون ئومۇميۈزلۈك ئىقتىسادىي ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى كېلىشىمىنىڭ سۆھبەت مۇساپىسىنى تېزلىتىپ، جۇڭگو- شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى ئەركىن سودا رايونىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش نەتىجىسىنى تېزدىن ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، بىرۇنېي تەرەپنىڭ شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىنىڭ شەرقىي قىسىمدىكى ئېشىش رايونىدا تېخىمۇ زور رولىنى جارى قىلدۇرۇشىنى قوللاشنى خالايدۇ. جۇڭگو تەرەپ بىرۇنېي تەرەپ بىلەن قول تۇتۇشۇپ كۆپ تەرەپچىلىكنى، خەلقئارا سودا سىستېمىسىنى، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ھەققانىي ھوقۇق- مەنپەئىتىنى قوغداپ، رايون تىنچلىقى، مۇقىملىقى، گۈللىنىشى ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشنى خالايدۇ.

  بىرۇنېيدا «ئۆزئارا چۈشىنىش بولمىسا، چوڭقۇر دوستلۇق ئورناتقىلى بولمايدۇ» دېگەن ماقال بار. جۇڭگولۇقلاردا «دوستلىشىش ئۈچۈن قەلبىنى چۈشىنىش كېرەك» دەيدىغان گەپ بار. بىز بىرۇنېي بىلەن سەمىمىي مۇئامىلە قىلىشىدىغان ياخشى دوستلاردىن، ئورتاق تەرەققىي قىلىدىغان ياخشى ھەمراھلاردىن بولۇشنى خالايمىز. ئىشىنىمىزكى، ئىككى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى ۋە خەلقلىرىنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا، جۇڭگو- بىرۇنېي دوستانە ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىدە جەزمەن تېخىمۇ گۈزەل سەھىپىنى پۈتۈپ چىققىلى بولىدۇ!

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.