تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

شى جىنپىڭ ئاسىيا- تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى سودا- سانائەت رەھبەرلىرى باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشتى ھەم ئاساسىي مەقسەت نۇتقى سۆزلىدى

  دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتىدا ئوچۇق، تەرەققىي قىلغان، سىغدۇرۇشچان، ئىجادىي، قائىدىلىك بولۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى، جۇڭگو 2- نۆۋەتلىك «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق يۇقىرى دەرىجىلىك باشلىقلار مۇنبىرى ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى جاكارلىدى

  11- ئاينىڭ 17- كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ تەكلىپكە بىنائەن، پاپۇئا يېڭى گىۋىنېيەسىدىكى مورېسبى پورتىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئاسىيا - تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى سودا - سانائەت رەھبەرلىرى باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشتى ھەم «جاپا- مۇشەققەتتە ھەمدەم بولۇپ، گۈزەل كەلگۈسىنى يارىتايلى» دېگەن تېمىدا ئاساسىي مەقسەت نۇتقى سۆزلىدى.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جۈ پېڭ فوتوسى)

  11- ئاينىڭ 17- كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ تەكلىپكە بىنائەن، پاپۇئا يېڭى گىۋىنېيەسىدىكى مورېسبى پورتىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئاسىيا - تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى سودا - سانائەت رەھبەرلىرى باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشتى ھەم «جاپا - مۇشەققەتتە ھەمدەم بولۇپ، گۈزەل كەلگۈسىنى يارىتايلى» دېگەن تېمىدا ئاساسىي مەقسەت نۇتقى سۆزلىدى. شۇ كۈنى، شى جىنپىڭ يەنە ئاسىيا - تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى باشلىقلىرى بىلەن سودا- سانائەت مەسلىھەت بېرىش كېڭىشى ۋەكىللىرىنىڭ پىكىرلىشىش يىغىنىغا قاتناشتى. پىكىرلىشىش يىغىنىدىن بۇرۇن، شى جىنپىڭ ئاسىيا - تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا ئىقتىسادىي گەۋدىلەرنىڭ باشقا باشلىقلىرى، ۋەكىللىرى بىلەن بىللە خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى پاڭ شىڭلېي فوتوسى)

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، مورېسبى پورتى، 11- ئاينىڭ 17- كۈنى تېلېگراممىسى(مۇخبىرلار چېن جى، مياۋ شياۋجۈەن، جېڭ شياۋيى). دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 11- ئاينىڭ 17- كۈنى تەكلىپكە بىنائەن، پاپۇئا يېڭى گىۋىنېيەسىدىكى مورېسبى پورتىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئاسىيا- تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى سودا- سانائەت رەھبەرلىرى باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشتى ھەم «جاپا- مۇشەققەتتە ھەمدەم بولۇپ، گۈزەل كەلگۈسىنى يارىتايلى» دېگەن تېمىدا ئاساسىي مەقسەت نۇتقى سۆزلەپ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىيات توغرا يۆنىلىشىنى ئىگىلەپ، خەلقئارا جەمئىيەتنى ئۈنۈملۈك ئىدارە قىلىش تەپەككۇرىنى تېپىپ چىقىپ، جاپا- مۇشەققەتتە ھەمدەم بولۇپ، دۇنيا ئىقتىسادىدىن ئىبارەت چوڭ پاراخوتنى تېخىمۇ گۈزەل قىرغاققا قاراپ ھەيدەش كېرەك. جۇڭگو ئۆز تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش بىلەن بىللە، دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق گۈللىنىشىگە تېخىمۇ زور تۆھپە قوشىدۇ. «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش جۇڭگونىڭ دۇنيا بىلەن پۇرسەتتىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇپ، تەرەققىياتنى ئورتاق كۆزلەيدىغان پارلاق داغدام يولى.

  باشلىقلار يىغىنى مورېسبى پورتىدا توختىتىلغان «تىنچ ئوكياندىكى ئىزدەنگۈچى» ناملىق پوچتا پاراخوتىدا ئۆتكۈزۈلدى.

  شى جىنپىڭ يىغىن مەيدانىغا قەدەم تەشرىپ قىلدى. قىزغىن ئالقىش ساداسى ئىچىدە، شى جىنپىڭ ئاساسىي مەقسەت نۇتقى سۆزلىدى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ھازىرقى دۇنيا ئىقتىسادى داۋالغۇپ تۇرۇۋاتقان، خەۋپ- خەتەر، خىرىسلار گەۋدىلىك بولۇۋاتقان ۋەزىيەتتە، بىزنىڭ بىر پاراخوتتا، ھەمكارلىق، تەرەققىياتنى بىرلىكتە پىلانلىشىمىز ئالاھىدە ئەھمىيەتكە ئىگە. ھەمكارلىشىش كېرەكمۇ ياكى قارشىلىشىش كېرەكمۇ؟ ئېچىۋېتىش كېرەكمۇ ياكى بېكىنىۋېلىش كېرەكمۇ؟ ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، ئورتاق پايدا ئېلىش كېرەكمۇ ياكى نۆل نەتىجىلىك كۈچ سىنىشىش كېرەكمۇ؟ بۇ مەسىلىلەرگە قانداق جاۋاب بېرىش ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ مەنپەئىتىگە مۇناسىۋەتلىك، ئىنسانىيەتنىڭ ئىستىقبالى ۋە تەقدىرىگە مۇناسىۋەتلىك.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ئاسىيا- تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ بارلىققا كېلىشى ۋە تەرەققىي قىلىشى ئېچىۋېتىلگەن، يۇغۇرما تارىخىي ئېقىمغا ئۇيغۇن، ئاسىيا- تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ تەرەققىياتنى كۆزلەشتەك كۈچلۈك ئارزۇسىغا ئۇيغۇن، ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ قول تۇتۇشۇپ خىرىسقا تاقابىل تۇرۇشتىكى ئورتاق ئېھتىياجىغا ئۇيغۇن. ھازىرقى ئاسىيا- تىنچ ئوكيان يەر شارى بويىچە ئەڭ ئېشىش ھاياتىي كۈچىگە ۋە تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچىگە ئىگە ئىقتىسادىي بۆلەك، شۇنداقلا دۇنيا ئېتىراپ قىلىدىغان دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىدىكى مۇھىم موتور.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ھازىرقى دۇنيا زور تەرەققىيات، زور ئۆزگىرىش، زور تەڭشىلىش مەزگىلىدە تۇرۇۋاتىدۇ. ئىقتىسادنىڭ يەر شارىلىشىش دولقۇنى ئالغا قاراپ مەۋج ئۇرماقتا، بىراق سودا قورۇقچىلىقى، يەككە تەرەپچىلىك دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىنى خىرەلەشتۈردى. يېڭى پەن- تېخنىكا ئىنقىلابى ۋە كەسىپ ئۆزگىرىشى باشلىنىش ئالدىدا تۇرۇۋاتىدۇ، لېكىن يېڭى- كونا ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنىڭ ئالمىشىشى تېخى تاماملانغىنى يوق. خەلقئارا ۋەزىيەتتە چوڭقۇر ئۆزگىرىش بولۇۋاتىدۇ، لېكىن تەرەققىياتتىكى تەڭپۇڭسىزلىق تۈپتىن ئۆزگەرگىنى يوق. يەر شارىنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى تېز ئۆزگىرىۋاتىدۇ، لېكىن، ئىدارە قىلىش ئارقىدا قېلىش يەنىلا گەۋدىلىك خىرىس بولۇۋاتىدۇ. شى جىنپىڭ دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىيات توغرا يۆنىلىشىنى ئىگىلەش، خەلقئارا جەمئىيەتنى ئۈنۈملۈك ئىدارە قىلىش تەپەككۇرى ئۈستىدە ئىزدىنىش توغرىسىدا تۆۋەندىكى تەشەببۇسنى ئوتتۇرىغا قويدى:

  بىرىنچى، ئېچىۋېتىش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، تەرەققىيات بوشلۇقىنى كېڭەيتىش كېرەك. ئاسىيا- تىنچ ئوكيان ئەركىن سودا رايونى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشتا چىڭ تۇرۇش؛ بايرىقى روشەن ھالدا سودا قورۇقچىلىقى، يەككە تەرەپچىلىككە قارشى تۇرۇپ، دۇنيا سودا تەشكىلاتىنى يادرو قىلغان كۆپ تەرەپلىك سودا تۈزۈلمىسىنى قوغداپ، ئىقتىسادنىڭ يەر شارىلىشىشىنى تېخىمۇ ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان، ئومۇمىي مەنپەئەتدار، تەڭپۇڭ بولغان، ئورتاق پايدا ئېلىشنى يۆنىلىش بويىچە راۋاجلىنىشقا يېتەكلەپ، ئېچىۋېتىش داۋامىدا ئورتاق مەنپەئەتنى كېڭەيتىپ، ھەمكارلىشىش داۋامىدا پۇرسەتتىن ئورتاق بەھرىلىنىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش كېرەك.

  ئىككىنچى، تەرەققىيات يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، خەلقنىڭ بەخت- سائادىتىنى ئاشۇرۇش كېرەك. خەلقنىڭ بەخت- سائادىتىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، تىرىشىپ تەرەققىيات، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىغا ياردەم بېرىپ، ھەممە دۆلەتتىكى خەلقلەرنى ياخشى كۈنگە ئېرىشتۈرۈش كېرەك، مانا بۇ ئەڭ زور ئادىللىق. 2030- يىلىغىچە بولغان ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات قارالمىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئۆز دۆلىتىنىڭ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىگە كىرگۈزۈپ، باراۋەر، تەڭپۇڭ بولغان يەرشارى خاراكتېرلىك تەرەققىيات ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى پائال بەرپا قىلىش كېرەك. تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەر ھۆكۈمەت تەرەپ تەرەققىيات ياردىمى بېرىش ۋەدىسىنى ئادا قىلىپ، كەڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنى قوللاشنى كۈچەيتىش كېرەك. «ئالاھىدە ۋە پەرقلىق مۇئامىلە» دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ مۇھىم ئۇل تېشى، بۇ پىرىنسىپنى ئىنكار قىلىشقا بولمايدۇ.

  ئۈچىنچى، سىغدۇرۇشچان بولۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ئارىلىشىش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ئوخشاش بولمىغان مەدەنىيەت، تۈزۈم، يولنىڭ كۆپ خىللىقى ۋە ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ تەرەققىياتىنى قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ بىلەن تەمىنلەيدۇ. تەكەببۇرلۇق ۋە بىر تەرەپلىمىلىكنى ئازايتىپ، ھۆرمەتلەش ۋە سىغدۇرۇشچان بولۇشنى كۆپەيتىپ، دۇنيانى مول ۋە كۆپ خىللىققا ئىگە قىلىپ، تىرىشىپ ئوخشاشلىقلاردا بىرلىككە كېلىپ، پەرقلەرنى ساقلاپ قېلىش، ئارتۇقچىلىقلارنى قوبۇل قىلىپ، كەمچىلىكلەرنى تولۇقلاش، ئىناق بىللە ئۆتۈش، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىش ئۈستىدە ئىزدىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. بىر دۆلەتنىڭ قانداق يولدا مېڭىشىغا پەقەت شۇ دۆلەت خەلقىنىڭلا ئەڭ پىكىر قىلىش ھوقۇقى بار.

  تۆتىنچى، يېڭىلىق يارىتىش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ئېشىش مەنبەسىنى ئېچىش كېرەك. يېڭى ئېشىش ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى ۋە تەرەققىيات يولى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، يېڭىلىق يارىتىشقا پايدىسىز بولغان بارلىق تۈزۈلمە- مېخانىزم توسالغۇلىرىنى تۈگىتىپ، يېڭىلىق يارىتىش يوشۇرۇن كۈچىنى ۋە بازارنىڭ ھاياتىي كۈچىنى تولۇق قوزغىتىپ، خەلقئارالىق يېڭىلىق يارىتىش، ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش؛ يېڭى پەن- تېخنىكا ئىنقىلابى ۋە كەسىپ ئۆزگىرىشىنى توغرا يۆنىلىشكە قاراپ راۋاجلىنىشقا يېتەكلەش؛ يېڭى پەن- تېخنىكا ئىنقىلابى ۋە كەسىپ ئۆزگىرىشىگە يۈزلەنگەن سىياسەت- تۈزۈم سىستېمىسىنى ئورنىتىش ئۈستىدە ئورتاق ئىزدىنىپ، خەلقئارا ھەمكارلىق مۇھىتى يارىتىپ، پەن- تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرىدىن تېخىمۇ كۆپ دۆلەت ۋە خەلقنى مەنپەئەتلەندۈرۈش، بەھرىلەندۈرۈش، پايدىلاندۇرۇش كېرەك.

  بەشىنچى، قائىدە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، يەرشارىنى ئىدارە قىلىشنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. ئورتاق كېڭىشىش، ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق بەھرىلىنىش ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، دۇنيا ئىقتىسادىنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى ئۆزگەرتىشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئۆزگەرتىش جەريانىدا باراۋەر، ئوچۇق، ئېنىق، سىغدۇرۇشچان بولۇش روھىنى نامايان قىلىپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ۋەكىللىك خاراكتېرى ۋە سۆز قىلىش ھوقۇقىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: جۇڭگو ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى يولغا قويغان 40 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو خەلقى ئۆزىنىڭ ئەقىل- پاراسىتى ۋە ئەمگەكچان ئىككى قولىغا تايىنىپ، ئورنىدىن دەس تۇرۇش، بېيىشتىن قۇدرەت تېپىشقىچە بولغان تارىخىي ھالقىشنى كۈتۈۋېلىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنىڭ شانلىق مۇساپىسىنى ئاچتى. 40 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو خەلقى باتۇرلۇق بىلەن ئىزدىنىپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، جۇڭگونى دۇنيادىكى ئىككىنچى چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدە قىلىپ قۇرۇپ چىقتى. جۇڭگونىڭ بۈگۈنىنى جۇڭگو خەلقى ياراتقان. جۇڭگو خەلقى باغرىنى كەڭ ئېچىپ، دۇنيانى قۇچاقلاپ، دۆلەت دەرۋازىسىنى ئېچىپ قۇرۇلۇش قىلىشتا چىڭ تۇردى، جۇڭگو دۇنيادىكى بىرىنچى چوڭ مال سودىسى دۆلىتى، ئەڭ چوڭ ساياھەت بازىرى، 130 نەچچە دۆلەتنىڭ ئاساسلىق سودا ھەمراھى. جۇڭگو خەلقى دىققىتىنى تەرەققىياتقا مەركەزلەشتۈرۈپ، خەلققە بەخت يارىتىپ، خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇردى، جۇڭگو خەلقىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى كۆرۈنەرلىك ئاشتى. جۇڭگو خەلقى دۇنيانى كۆڭلىگە پۈكۈپ، تەرەققىياتنى ئورتاق كۆزلەپ، باشتىن- ئاخىر تەۋرەنمەي تىنچ تەرەققىيات يولىدا مېڭىپ، يەرشارى ئىقتىسادىنى ئىدارە قىلىشقا ئاكتىپ قاتنىشىپ، كەڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ تەرەققىياتىنى پائال قوللاپ، مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن ماكرولۇق ئىقتىساد سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىغا بىرقەدەر يۇقىرى تۆھپە قوشۇش نىسبىتىنى ساقلاپ، ئاسىيا پۇل مۇئامىلە كىرىزىسىگە، خەلقئارا پۇل مۇئامىلە كىرىزىسىگە تاقابىل تۇرۇشقا ئۆز تۆھپىسىنى قوشتى، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن ئەقىل- پاراسەت ۋە كۈچ قوشتى. 40 يىللىق ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش تارىخىي مۇساپىسىنى ئەسلىسەك، جۇڭگو خەلقى ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭلا جۇڭگونى تەرەققىي قىلدۇرالايدىغانلىقىنى تېخىمۇ قەتئىي ھالدا تونۇپ يەتتى. كەلگۈسىگە يۈزلىنىپ، جۇڭگو تېخىمۇ مەسئۇلىيەتچانلىق روھى، تېخىمۇ ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان بولغان كەڭ قورساقلىقى، تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەتلىك ئېشىش ھالىتى بىلەن، ئۆز تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا، شۇنداقلا دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق گۈللىنىشىگە تېخىمۇ زور تۆھپە قوشقۇسى!

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: جۇڭگو داۋاملىق بازار ئىجازىتىنى كەڭ دائىرىدە قويۇۋېتىپ، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداشنى كۈچەيتىپ، ئىمپورت قىلىشنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن كېڭەيتىدۇ. جۇڭگو ئىچكى- تاشقى مەبلەغ كارخانىلىرىغا ئوخشاش قاراپ، باراۋەر مۇئامىلە قىلىپ، كارخانىلارنىڭ ئادىل رىقابەتلىشىشىنى ئالقىشلايدۇ ۋە ئۇنىڭغا ئىلھام بېرىدۇ، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق- مەنپەئىتىنى تولۇق كاپالەتلەندۈرىدۇ. بىر ھەپتە ئىلگىرى، تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسى شاڭخەيدە مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلدى. جۇڭگو ھەرىكىتى ئارقىلىق سودىنى ئەركىنلەشتۈرۈشنى قوللايدىغانلىقىنى، تەشەببۇسكارلىق بىلەن دۇنياغا بازارنى ئېچىۋېتىش ئىرادىسىنى ئىسپاتلاپ بەردى. ئىشىنىمەنكى، جۇڭگونىڭ 1 مىليارد 400 مىليونغا يېقىن نوپۇسقا ئىگە چوڭ بازىرى دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش مەنبەسى، ھاياتىي كۈچ مەنبەسىگە ئايلىنىدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش ــــ ئېچىۋېتىلگەن ھەمكارلىق سۇپىسى، چىڭ تۇرۇلغىنى ئورتاق كېڭىشىش، ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق بەھرىلىنىش ئاساسىي پىرىنسىپى بولۇپ، جۇڭگونىڭ دۇنيا بىلەن پۇرسەتتىن ئورتاق بەھرىلىنىش، تەرەققىياتنى ئورتاق كۆزلەشتىكى پارلاق داغدام يولى. جۇڭگو كېلەر يىلى 4- ئايدا بېيجىڭدا 2- نۆۋەتلىك «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىقى يۇقىرى دەرىجىلىك باشلىقلار مۇنبىرى ئۆتكۈزىدۇ. ئاسىيا- تىنچ ئوكيان سودا- سانائەت ساھەسىدىكى دوستلارنىڭ ئاكتىپ قاتنىشىشىنى قارشى ئالىدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: سودا- سانائەت ساھەسى ئاسىيا- تىنچ ئوكيان ۋە دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىغا يېتەكچىلىك قىلىدىغان مۇھىم كۈچ. كارخانىچىلارنىڭ ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ پائال، ئەمەلىي سىياسەتلەرنى قوللىنىشىغا داۋاملىق تۈرتكە بولۇپ، ئىقتىساد- تېخنىكا ھەمكارلىقىنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، ئاسىيا- تىنچ ئوكيان رايونى، جۈملىدىن دۇنيانىڭ ئورتاق تەرەققىي قىلىشى ۋە گۈللىنىشىدە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. بىز رولنى چىڭ تۇتۇپ، يۆنىلىشنى توغرا ئىگىلەپ، بىرلىكتە كۈچ چىقىرىپ، دولقۇن يېرىپ ئىلگىرىلەپ، دۇنيا ئىقتىسادىدىن ئىبارەت چوڭ پاراخوتنى تېخىمۇ گۈزەل قىرغاققا قاراپ ئورتاق ھەيدەيلى!

  پاپۇئا يېڭى گىۋىنېيەسى زۇڭلىسى ئونېل قاتناشتى.

  دىڭ شۆشياڭ، ياڭ جيېچى، ۋاڭ يى، خې لىفېڭ قاتارلىقلار يۇقىرىقى پائالىيەتكە قاتناشتى.

  شۇ كۈنى، شى جىنپىڭ يەنە ئاسىيا- تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى باشلىقلىرى بىلەن سودا- سانائەت مەسلىھەت بېرىش كېڭىشى ۋەكىللىرىنىڭ پىكىرلىشىش يىغىنىغا قاتنىشىپ، ۋەكىللەر بىلەن ئوچۇق دۇنيا ئىقتىسادى بەرپا قىلىش، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە پىكىر ئالماشتۇردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.