تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

شى جىنپىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان تىنچ ئوكيان ئارال دۆلەتلىرى باشلىقلىرى بىلەن كوللېكتىپ كۆرۈشتى ھەم ئاساسىي مەقسەت سۆزى قىلدى

11- ئاينىڭ 16- كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ مورېسبى پورتىدا پاپۇئا يېڭى گىۋىنېيەسى زۇڭلىسى ئونېل، مىكرونېزىيە فېدېراتسىيەسى زۇڭتۇڭى كىرىستىيان، سامۇئا زۇڭلىسى تۇيىلائېپا، ۋانۇئاتۇ زۇڭلىسى سالۋاي، كۇك تاقىم ئاراللىرى زۇڭلىسى پۇنا، تونگا باش ۋەزىرى پوخىۋا، نيۇئې زۇڭلىسى تالاگى قاتارلىق دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان تىنچ ئوكيان ئارال دۆلەتلىرى باشلىقلىرى ھەم فىجى ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەكىلى، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى كۇبۇئابولا بىلەن كوللېكتىپ كۆرۈشتى. شى جىنپىڭ كۆرۈشۈشكە رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم ئاساسىي مەقسەت سۆزى قىلدى. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى پاڭ شىڭلېي فوتوسى)

    شىنخۇا ئاگېنتلىقى، مورېسبى پورتى، 11- ئاينىڭ 16- كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار لى جۇڭفا، لو جۈن، سۈن خاۋ). دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 11- ئاينىڭ 16- كۈنى مورېسبى پورتىدا پاپۇئا يېڭى گىۋىنېيەسى زۇڭلىسى ئونېل، مىكرونېزىيە فېدېراتسىيەسى زۇڭتۇڭى كىرىستىيان، سامۇئا زۇڭلىسى تۇيىلائېپا، ۋانۇئاتۇ زۇڭلىسى سالۋاي، كۇك تاقىم ئاراللىرى زۇڭلىسى پۇنا، تونگا باش ۋەزىرى پوخىۋا، نيۇئې زۇڭلىسى تالاگى قاتارلىق دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان تىنچ ئوكيان ئارال دۆلەتلىرى باشلىقلىرى ھەم فىجى ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەكىلى، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى كۇبۇئابولا بىلەن كوللېكتىپ كۆرۈشۈپ، جۇڭگو بىلەن تىنچ ئوكيان ئارال دۆلەتلىرىنىڭ مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدا قارىشىنى ئالماشتۇردى، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنى ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىدىغان، ئورتاق تەرەققىي قىلىدىغان ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىگە ئۆستۈرۈپ، ھەر تەرەپلىمە ھەمكارلىق يېڭى ۋەزىيىتىنى يارىتىشقا بىردەك قوشۇلدى. شى جىنپىڭ كۆرۈشۈشكە رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم ئاساسىي مەقسەت سۆزى قىلىپ، يېڭى ۋەزىيەتتە جۇڭگو بىلەن تىنچ ئوكيان ئارال دۆلەتلىرى مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا تەكلىپ بېرىپ، ئىككى تەرەپ پۇرسەتنى تۇتۇپ، كەلگۈسىنى ئورتاق يارىتىپ، جۇڭگو بىلەن تىنچ ئوكيان ئارال دۆلەتلىرى مۇناسىۋىتىنىڭ تېخىمۇ گۈزەل كەلگۈسىنى قول تۇتۇشۇپ يارىتىشى كېرەك، دەپ تەكىتلىدى.

    شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن تىنچ ئوكيان ئارال دۆلەتلىرى ئوخشاشلا ئاسىيا- تىنچ ئوكيان رايونىغا جايلاشقان، ئوخشاشلا تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر. خەلقئارا ۋەزىيەتتە قانداق ئۆزگىرىش بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، بىز باشتىن- ئاخىر ئۆزئارا سەمىمىي مۇئامىلە قىلىدىغان، ئۆزئارا ھۆرمەتلەيدىغان ياخشى دوستلار، تەرەققىياتنى ئورتاق كۆزلەيدىغان، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، ئورتاق پايدا ئالىدىغان ياخشى ھەمراھلار، ئۆزئارا چۈشىنىپ، ئۆزئارا يېقىن ئۆتىدىغان، ئۆزئارا ئۆگىنىپ، ئۆزئارا ئۆرنەك ئالىدىغان ياخشى قېرىنداشلار. جۇڭگو دۆلەتلەرنى چوڭ- كىچىك دەپ ئايرىماي، بىردەك باراۋەر بولۇشتا چىڭ تۇرىدۇ، ئارال دۆلەتلىرى خەلقلىرىنىڭ تەرەققىيات يولىنى ئۆز ئالدىغا تاللاش ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىدۇ، ئارال دۆلەتلىرىنىڭ بىرلىكتە ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇش، خەلقئارا ۋە رايون ئىشلىرىغا باراۋەر قاتنىشىش تىرىشچانلىقىغا ھۆرمەت قىلىدۇ. بىز ئارال دۆلەتلىرىدىكى دوستلارغا سەمىمىيلىك بىلەن ئۆزئارا چۈشىنىش، ئىززەت- ھۆرمەت ئاساسىدا مۇئامىلە قىلىش، چىن قەلبتىن مۇناسىۋەت ئورنىتىشنى يولغا قويىمىز. جۇڭگو باشتىن- ئاخىر ھەققانىيەت بىلەن مەنپەئەتكە تەڭ ئەھمىيەت بېرىش، ھەققانىيەتنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئارال دۆلەتلىرىنىڭ ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، ئۆز ئالدىغا ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىي قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشىنى قوللايدۇ. جۇڭگو تەرەپ ياردەم بېرىشتە باشقىلارغا بېلىق تۇتۇشنى ئۆگىتىشتە چىڭ تۇرىدۇ. جۇڭگو تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئارال دۆلەتلىرىگە بازارنى ئېچىۋېتىدۇ، سېلىنمىنى كېڭەيتىدۇ، ئارال دۆلەتلىرىدىن ئىمپورت قىلىشنى ئاشۇرىدۇ، ئارال دۆلەتلىرىنىڭ جۇڭگونىڭ تەرەققىيات تېز پويىزىغا ئولتۇرۇشىنى قارشى ئالىدۇ. جۇڭگونىڭ تىنچ ئوكيان ئارال دۆلەتلىرى بىلەن بولغان ئالاقە- ھەمكارلىقىنىڭ جۇش ئۇرۇپ قانات يايدۇرۇلۇشىغا ئەگىشىپ، ئىككى تەرەپ خەلقلىرىنىڭ دوستلۇقى تېخىمۇ چوڭقۇرلىشىدۇ.

    شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئاسىيا- تىنچ ئوكيان رايونى دۇنيادىكى تەرەققىيات سۈرئىتى ئەڭ تېز، يوشۇرۇن كۈچى ئەڭ زور رايون. دەۋر سوئالى ئالدىدا، شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىمىزكى، تىنچلىق، تەرەققىيات، ھەمكارلىق، ئورتاق پايدا ئېلىش بىردىنبىر توغرا تاللاش. نۆۋەتتە، تىنچ ئوكيان ئارال دۆلەتلىرىنىڭ ئۆز ئالدىغا تەرەققىي قىلىش ئېڭى ئۈزلۈكسىز ئۆسۈپ، خەلقئارا تەسىرى سىجىل كېڭەيمەكتە. جۇڭگو بىلەن تىنچ ئوكيان ئارال دۆلەتلىرىنىڭ ئىقتىسادتا بىر- بىرىنى تولۇقلاشچانلىقى كۈچلۈك، ھەمكارلىق يوشۇرۇن كۈچى غايەت زور. يېڭى ۋەزىيەتتە، بىزنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىمىز ئازايماستىن كۆپەيمەكتە؛ ھەمكارلىق ئاساسىمىز كىچىكلىمەستىن كېڭەيمەكتە.

    شى جىنپىڭ جۇڭگو بىلەن تىنچ ئوكيان ئارال دۆلەتلىرىنىڭ مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدا تۆۋەندىكى تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى:

    بىرىنچى، باراۋەر بىللە تۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك. جۇڭگو تەرەپ ئارال دۆلەتلىرى بىلەن يۇقىرى قاتلامدىكىلەر ۋە ھەر دەرىجىلىكلەرنىڭ ئالاقىلىشىش ۋەزىيىتىنى ساقلاپ، بىر- بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتى ۋە مۇھىم، زور كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەردە ئۆزئارا قوللاشنى خالايدۇ. جۇڭگو تەرەپ ئارال دۆلەتلىرى بىلەن 2019- يىلىنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا 3- نۆۋەتلىك جۇڭگو- تىنچ ئوكيان ئارال دۆلەتلىرىنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات ھەمكارلىق مۇنبىرىنى بىرلىكتە ئۆتكۈزۈشنى خالايدۇ.

    ئىككىنچى، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ھەمكارلىشىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئورتاق گۈللىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. جۇڭگو تەرەپ داۋاملىق تۈردە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان ھەرقايسى ئارال دۆلەتلىرىنىڭ ئۆز ئالدىغا تەرەققىي قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ ياخشى ئايلىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشى ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىدۇ. ئىككى تەرەپ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش ھەمكارلىق ھۆججىتى ئىمزالاشنى پۇرسەت بىلىپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى تەرەپنىڭ سودىنى قولايلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، 2019- يىللىق جۇڭگو- تىنچ ئوكيان ئارال دۆلەتلىرى ساياھەت يىلى يۈرۈشلۈك پائالىيىتىنى ياخشى ئۆتكۈزۈشى كېرەك.

    ئۈچىنچى، قەلبلەرنى تۇتاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، خەلقلەرنىڭ دوستلۇقىنى كۈچەيتىش كېرەك. جۇڭگو تەرەپ ئارال دۆلەتلىرىنىڭ ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش ۋە ئىقتىدار قۇرۇلۇشىنى قوللاپ، خەنزۇ تىلى ئوقۇتۇشى ۋە خادىملار ئالاقىسىنى كېڭەيتىپ، ھەرقايسى ساھەلەرنىڭ ئالماشتۇرۇشىنى كۈچەيتىشنى خالايدۇ. جۇڭگو تەرەپ تېخىمۇ كۆپ جاي، ئۆلكە، شەھەرلەرنى ئارال دۆلەتلىرى بىلەن ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇشقا رىغبەتلەندۈرۈشنى خالايدۇ.

    تۆتىنچى، ئۆزئارا ھەمدەم بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى قوغداش كېرەك. جۇڭگو تەرەپ ئارال دۆلەتلىرى بىلەن بىرلىكتە كۆپ تەرەپچىلىك ۋە ئەركىن سودا تۈزۈلمىسىنى قوغداپ، خەلقئارا ئىشلاردىكى پىكىر ئالماشتۇرۇش ۋە ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، ئارال دۆلەتلىرىنىڭ «تىنچ ئوكيان ساداسى» ياڭرىتىشىنى قوللاپ، 2030- يىلىغىچە بولغان ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات قارالمىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ئورتاق تۈرتكە بولۇپ، ئارال دۆلەتلىرىنىڭ «كۆك تىنچ ئوكيان» تەشەببۇسىنى ئالغا سىلجىتىشىنى قوللاشنى خالايدۇ. جۇڭگو تىنچ ئوكيان ئارال دۆلەتلىرىنىڭ كىلىمات ئۆزگىرىشى مەسىلىسىگە ئالاھىدە دىققەت قىلغانلىقىغا ئەھمىيەت بېرىدۇ ۋە ئۇنى چۈشىنىدۇ، ھەرقايسى ئارال دۆلەتلىرىگە قۇربىنىڭ يېتىشىچە ياردەم بېرىدۇ، قول تۇتۇشۇپ «پارىژ كېلىشىمى»نى ئۈنۈملۈك يولغا قويۇپ، دۇنيانىڭ يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە تۈرتكە بولىدۇ.

    شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگونىڭ تەرەققىي قىلىپ قايسى دەرىجىگە يېتىشىدىن قەتئىينەزەر، جۇڭگو مەڭگۈ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ بىر ئەزاسى، مەڭگۈ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر بىلەن بىر سەپتە تۇرىدۇ. جۇڭگونىڭ تىنچ ئوكيان ئارال دۆلەتلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىدە يېڭى سەھىپە ئېچىلدى. بىز ئارال دۆلەتلىرى بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، چىن قەلبىمىزدىن دوستلۇقنى مۇستەھكەملەپ، ئەمەلىي ئىشلەشكە تايىنىپ ھەمكارلىقنى ئالغا سىلجىتىپ، قول تۇتۇشۇپ جۇڭگونىڭ تىنچ ئوكيان ئارال دۆلەتلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىدە تېخىمۇ گۈزەل كەلگۈسى يارىتىشنى خالايمىز.

    ئارال دۆلەتلىرى باشلىقلىرى رەئىس شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو بىلەن تىنچ ئوكيان ئارال دۆلەتلىرى باشلىقلىرىنىڭ كوللېكتىپ كۆرۈشۈشىنى قايتا تەشەببۇس قىلغانلىقىغا ھەم كۆرۈشۈشكە رىياسەتچىلىك قىلغانلىقىغا رەھمەت ئېيتتى. ئۇلار مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو تىنچ ئوكيان ئارال دۆلەتلىرىنىڭ تەرەققىيات مەنزىلىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، خەلقنىڭ بەخت- سائادىتىنى ئاشۇرۇش، دۇنياۋى خىرىسقا تاقابىل تۇرۇشتىكى مۇھىم ھەمراھى. تىنچ ئوكيان ئارال دۆلەتلىرى جۇڭگو بىلەن بولغان قويۇق مۇناسىۋەتنى قەدىرلەيدۇ، بىر جۇڭگو سىياسىتىدە چىڭ تۇرىدۇ، جۇڭگونىڭ ئۇزاقتىن بۇيان ھېچقانداق سىياسىي شەرت قويمىغان ئاساستا بەرگەن ياردىمىگە رەھمەت ئېيتىدۇ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، ئورتاق تەرەققىي قىلىشتەك ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىگە ئۆستۈرۈلگەنلىكىدىن ئىنتايىن خۇشال. تىنچ ئوكيان ئارال دۆلەتلىرى «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشقا پائال قاتنىشىپ، جۇڭگو بىلەن سودا، سېلىنما، بېلىقچىلىق، ساياھەت، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئۆزلىرىنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىغا كۈچ قوشۇشنى خالايدۇ. تىنچ ئوكيان ئارال دۆلەتلىرى جۇڭگونىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىي قىلىش، كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردىكى رەھبەرلىك رولىغا يۈكسەك باھا بېرىدۇ. جۇڭگو بىلەن كۆپ تەرەپلىك ئىشلاردىكى پىكىر ئالماشتۇرۇش ۋە ماسلىشىشنى كۈچەيتىشنى خالايدۇ.

    دىڭ شۆشياڭ، ياڭ جيېچى، ۋاڭ يى، خې لىفېڭ قاتارلىقلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.