تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتى جۇڭخۇا مەدەنىيىتى مۇنبەت تۇپرىقىدا گۈللەپ ياشنىغان

شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى پەن تەتقىقات، تاشقى ئىشلار باشقارمىسىنىڭ باشلىقى ليۇ لۇمېي

    مەدەنىيەت− بىر دۆلەت، بىر مىللەتنىڭ جېنى. مەدەنىيەت گۈللەنسە، دۆلەت روناق تاپىدۇ، مەدەنىيەت كۈچەيسە، مىللەت قۇدرەت تاپىدۇ.

    جۇڭگو بىرلىككە كەلگەن كۆپ مىللەتلىك دۆلەت، 5000 يىلدىن ئارتۇق مەدەنىيلىك تەرەققىيات تارىخىدا، جۇڭخۇا ئېلىدىكى مىللەتلەر ئۇزاق تارىخنى، شانلىق مەدەنىيەتنى بىرلىكتە ياراتتى. شىنجاڭ ئەزەلدىن كۆپ مىللەت كۆچۈپ، توپلىشىپ ئولتۇراقلىشىپ، ياشاپ كەلگەن جاي، شۇنداقلا كۆپ خىل مەدەنىيەت ئالماشقان، يۇغۇرۇلغان سەھنە. ئۇزاق تارىخىي مۇساپىدە، شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتى جۇڭخۇا مەدەنىيلىك مۇنبەت تۇپرىقىدا يىلتىز تارتىپ، ھەم مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيەت تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدى، ھەم جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ مەزمۇنىنى بېيىتتى.
    2018- يىلى 11- ئاينىڭ 15- كۈنى، گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى «شىنجاڭنىڭ مەدەنىيىتىنى قوغداش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش» ناملىق ئاق تاشلىق كىتاب (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ ئاق تاشلىق كىتاب دېيىلىدۇ)نى ئېلان قىلدى. ئاق تاشلىق كىتاب ئىشەنچكە تولغان ئاددىي تىل، نۇرغۇن پاكىت، تەپسىلىي ۋە ئېنىق سانلىق مەلۇمات ئارقىلىق دۇنياغا شۇنداق جاكارلىدى: جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن، جۇڭگو ھۆكۈمىتى شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى قېزىش، ۋارىسلىق قىلىش ۋە قوغداشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ئىجادىي ئايلاندۇرۇش، يېڭىلىق يارىتىش ئاساسىدا تەرەققىي قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، مىللەتلەرنىڭ ئۆزئارا تىل- يېزىق ئۆگىنىشىگە، مىللەتلەرنىڭ تىل- يېزىقىنى كەڭ ئىشلىتىشىگە ئىلھام بېرىپ، مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، ئارىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈردى. مىللەتلەرنىڭ دىنىي مەدەنىيىتىگە ھۆرمەت قىلدى ۋە ئۇنى قوغدىدى، مەدەنىيەت ئىشلىرى ۋە مەدەنىيەت كەسپىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، تاشقى مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئوخشاش بولمىغان مەدەنىيەتنى ئالماشتۇرۇش ۋە ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش داۋامىدا مەدەنىيەت ئىشەنچىنى ئاشۇردى.
    ئاق تاشلىق كىتاب شىنجاڭدىكى مىللەتلەر مەدەنىيىتىنىڭ جۇڭخۇا مەدەنىيىتى مۇنبەت تۇپرىقىدا يىلتىز تارتىپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ سىڭىشى داۋامىدا يەنىمۇ قوغدالغانلىقى، راۋاجلانغانلىقى، كېڭەيگەنلىكى ۋە يېڭىلانغانلىقىدەك تارىخىي پاكىتنى مەركەزلىك ئەكس ئەتتۈردى. ئاق تاشلىق كىتاب نۇرغۇن تارىخىي پاكىت ئارقىلىق دۇنياغا شۇنداق جاكارلىدى:

    شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتى جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ تەركىبىي قىسمى، ئۇ جۇڭخۇا مەدەنىيىتى مۇنبەت تۇپرىقىدا گۈللەپ ياشنىغان. قەدىمدىن تارتىپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتى مۇھىتنىڭ كۆپ خىللىقى تۈپەيلىدىن مول، كۆپ مەنبەلىك بولۇش ھالىتىنى شەكىللەندۈرگەن، مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتى جۇڭخۇا زېمىنىدا ئالمىشىپ، يۇغۇرۇلۇپ، پارلاق جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى شەكىللەندۈرگەن، مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئورتاق مەنىۋى بايلىقى. شىنجاڭ ئەزەلدىن كۆپ مىللەت توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان، كۆپ خىل مەدەنىيەت تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتقان رايون. مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتى ئۇزاق مەزگىل ئالمىشىپ، يۇغۇرۇلۇپ، جۇڭخۇا مەدەنىيلىك مۇنبەت تۇپرىقىدا گۈللىنىپ راۋاجلانغان بولۇپ، ئۇ جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ تەركىبىي قىسمى.

    شىنجاڭدا مىللەتلەرنىڭ تىل- يېزىقى كەڭ قوللىنىلىپ، مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، ئارىلىشىشى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇلغان. جۇڭگو ھۆكۈمىتى دۆلەت ئورتاق تىل- يېزىقىنى زور كۈچ بىلەن ئومۇملاشتۇرۇپ ۋە قېلىپلاشتۇرۇپ قوللىنىپ، مىللەتلەرنىڭ ئۆز مىللەت تىل- يېزىقىنى قوللىنىش ۋە راۋاجلاندۇرۇش ئەركىنلىكىنى قانۇن بويىچە كاپالەتلەندۈرۈپ، مىللەتلەرنىڭ ئۆزئارا تىل- يېزىق ئۆگىنىشىنى تەشەببۇس قىلىپ ۋە ئۇنىڭغا ئىلھام بېرىپ، مىللەتلەرنىڭ تىل ئالاقىسىنى راۋانلاشتۇرۇش، قەلب رىشتىنى تۇتاشتۇرۇشنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈردى. ئاق تاشلىق كىتاب شىنجاڭدىكى مىللەتلەر ئەزالىرىنىڭ دۆلەت ئورتاق تىل- يېزىقىنى پائال تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۆگەنگەنلىكى ۋە قوللانغانلىقى، مىللەتلەرنىڭ ئۆزئارا تىل- يېزىق ئۆگەنگەنلىكى ھەم مىللەتلەرنىڭ تىل- يېزىقىنىڭ ئىلمىي قوغدالغانلىقىدەك پاكىتنى شەرھلىدى. كۆپ يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭدا مىللەتلەرنىڭ ئۆزئارا تىل- يېزىق ئۆگىنىشى ئومۇمىي كەيپىياتقا ئايلاندى، قوش تىل، كۆپ تىل ئىگىلىگەنلەر بارغانسېرى كۆپىيىپ، مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، ئارىلىشىشىغا تۈرتكە بولدى.

    شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ دىنىي مەدەنىيىتى ھۆرمەتلىنىپ ۋە قوغدىلىپ، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغانلارنىڭ نورمال دىنىي مەدەنىيەت ئېھتىياجى قاندۇرۇلدى. شىنجاڭ ئەزەلدىن كۆپ خىل دىن تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتقان رايون، دىنىي مەدەنىيەت مول ۋە كۆپ خىل بولۇپ، جۇڭگو ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنىڭ تەركىبىي قىسمى. جۇڭگو ھۆكۈمىتى پۇقرالارنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى ھوقۇقىنى كاپالەتلەندۈرۈپ، دىنىي مەدەنىيەتنى ھۆرمەتلىدى ۋە قوغدىدى. ئاق تاشلىق كىتاب شىنجاڭدا كۆپ خىل دىنىي مەدەنىيەتنىڭ يۇغۇرۇلۇپ تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتقانلىقى، دىنىي قەدىمكى ئەسەرلەر، ماتېرىياللارنىڭ قانۇن بويىچە نەشر قىلىنىپ تارقىتىلغانلىقى، دىنىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ ئۈنۈملۈك قوغدالغانلىقى، دۆلىتىمىزنىڭ دىننى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇشتەك تەرەققىيات قانۇنىيىتى قاتارلىق ھەقىقىي ئەھۋاللارنى شەرھلەپ، شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىدىن قانۇن بويىچە تولۇق بەھرىلەنگەنلىكىدەك ئىنكار قىلىشقا بولمايدىغان ئوبيېكتىپ پاكىتنى كۈچلۈك دەلىللىدى.

    شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت مىراسلىرى قوغدىلىپ ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىنىپ، ھەر مىللەت خەلقنىڭ مەنىۋى تۇرمۇش سۈپىتى يەنىمۇ يۈكسەلدۈرۈلدى. شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت مىراسلىرى مول. مەركىزىي ھۆكۈمەت ۋە شىنجاڭنىڭ يەرلىك ھۆكۈمىتى قانۇنچىلىق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش خىزمىتىنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتتى. ئاق تاشلىق كىتاب مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش نەتىجىسى مول بولۇش، ئارخېئولوگىيەلىك قېزىش نەتىجىلىرى دۆلەت ئىچى ۋە چەت ئەلنىڭ دىققىتىنى تارتىش، قەدىمكى كىتابلارنى قوغداش سالمىقى ئېشىش، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى ئۈنۈملۈك قوغداش، مىللىي ئۆرپ- ئادەت مەدەنىيىتىنى ھۆرمەتلەش ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردىن، مەركىزىي ھۆكۈمەت ۋە شىنجاڭ ھۆكۈمىتىنىڭ تۈرتكىسىدە شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىشتا قولغا كەلتۈرۈلگەن مۇۋەپپەقىيەتلەرنى ئومۇميۈزلۈك نامايان قىلىپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ مەزمۇنىنى بېيىتتى.

    شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت ئىشلىرى ۋە مەدەنىيەت كەسپى ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلدۇرۇلۇپ، ھەر مىللەت خەلقنىڭ مەنىۋى مەدەنىيەت تۇرمۇشى زور دەرىجىدە بېيىتىلدى. جۇڭگو ھۆكۈمىتى شىنجاڭنىڭ ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتى سەۋىيەسىنى تىرىشىپ ئۆستۈرۈپ، ئەدەبىيات- سەنئەت ئىجادىيىتى ۋە ئاخبارات- نەشرىيات ئىشلىرىنىڭ گۈللىنىشى، تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مەدەنىيەت كەسپىنىڭ ئەمەلىي كۈچىنى ئاشۇرۇپ، پۇقرالارنىڭ مەدەنىيەت ھوقۇقىنى كاپالەتلەندۈرۈشنى قوللىدى. ئاق تاشلىق كىتاب شىنجاڭنىڭ ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتى سەۋىيەسىنى كۈنسېرى ئۆستۈرۈش، ئەدەبىيات- سەنئەت ئىجادىيىتى ۋە ئاخبارات- نەشرىيات ئىشلىرىنى داۋاملىق گۈللەندۈرۈش، مەدەنىيەت، تەنتەربىيە ۋە مىللىي تېبابەت دورىگەرلىكى كەسپىنىڭ ئەمەلىي كۈچىنى تەدرىجىي كۈچەيتىپ راۋاجلاندۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردىن شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت ئىشلىرى ۋە مەدەنىيەت كەسپىنىڭ سىجىل تەرەققىي قىلىپ ئىلگىرىلىگەنلىكىدەك پاكىتنى مەركەزلىك شەرھلىدى. يەنە شىنجاڭنىڭ ئالاقە تورىنىڭ بارغانسېرى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئۆگىنىش، خىزمەت، تۇرمۇشىدىكى يېڭى بوشلۇققا ئايلانغانلىقىدەك جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىش ۋەزىيىتىنى، تورنىڭ ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئاممىۋى مۇلازىمەتتىن بەھرىمەن بولۇشىدىكى يېڭى سۇپىغا ئايلانغانلىقىنى، تور مەدەنىيىتىنىڭ ئىلگىرىلەشكە، ياخشىلىققا ئىنتىلىدىغان ئىجتىمائىي كەيپىياتقا يېتەكلىگەنلىكىنى شەرھلىدى.

    شىنجاڭدا كۆپ تەرەپلىك، كۆپ قاتلاملىق تاشقى مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ئەندىزىسى شەكىللىنىپ، تاشقى مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش كۈنسېرى جانلىنىپ، شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيەت سالاپىتى سىرتقا پائال نامايان قىلىندى. شىنجاڭ جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنى غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى مۇھىم دەرۋازا بولۇپ، شەرق، غەرب مەدەنىيلىكىنىڭ ئالمىشىشى ۋە ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشىدا مۇھىم رول ئوينىدى. ئاق تاشلىق كىتاب شىنجاڭنىڭ مەركىزىي ھۆكۈمەتنىڭ قوللىشىدا شەكىللەندۈرگەن كۆپ تەرەپلىك، كۆپ قاتلاملىق تاشقى مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ئەندىزىسىنى نامايان قىلىپ، شىنجاڭنىڭ «كىرگۈزۈش»، «چىقىرىش» خىزمىتىگە پائال تۈرتكە بولۇپ، خەلقئارا مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىققا كۆپ خىل شەكىلدە قاتناشقانلىقى، بولۇپمۇ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان «يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى» يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، لىنىيە بويىدىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئادىمىيەت، پەن- تېخنىكا ئالماشتۇرۇشىنى كۈچەيتىپ، پائال ھالدا خەلقئارا جەمئىيەتكە شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيەت سالاپىتىنى نامايان قىلىپ، دۇنياغا ئوچۇق، مەدەنىي، ئىنتىلىشچان، دوستانە جۇڭگو شىنجاڭ ئوبرازىنى نامايان قىلغانلىقىنى شەرھلىدى.

    ئاق تاشلىق كىتاب ئالتە جەھەتتىن، گۇمانلىنىشقا بولمايدىغان پاكىت ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەتنى قوغداش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشتا قولغا كەلتۈرگەن مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى ئومۇميۈزلۈك شەرھلىدى، بۇ مۇۋەپپەقىيەتلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلۈشى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ شىنجاڭدا يىلتىز تارتقانلىقىنىڭ كۈچلۈك دەلىلى؛ شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ توغرا رەھبەرلىكىدە ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلغانلىقىنىڭ، قەلبلەرنى مۇجەسسەملەپ، كۈچنى توپلىغانلىقىنىڭ كۈچلۈك دەلىلى. بۇ مۇۋەپپەقىيەتلەر شىنجاڭدىكى مىللەتلەر مەدەنىيىتىنىڭ جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ تەركىبىي قىسمى، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ باشتىن- ئاخىر شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ مەنىۋى يۆلەنچۈكى، قەلب ماكانى ۋە مەنىۋى يۇرتى، شۇنداقلا شىنجاڭدىكى مىللەتلەر مەدەنىيىتى تەرەققىياتىنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ مەنبەسى ئىكەنلىكىدىن ئىبارەت پاكىتنى كۈچلۈك دەلىللىدى، چېگرا ئىچى- سىرتىدىكى دۈشمەن كۈچلەرنىڭ شىنجاڭنىڭ تارىخى، مەدەنىيىتىنى ئۆزگەرتىۋېتىپ، بۇرمىلاپ خۇپىيانە مەقسىتىگە يېتىشكە تەلۋىلەرچە ئۇرۇنغانلىقىدەك رەزىل غەرىزىنى چوڭقۇر ئاشكارىلاپ، چېگرا سىرتىدىكى بەزى كىشى ياكى تەشكىلاتنىڭ جۇڭگوغا بولغان ئېغىر نادانلىقى ۋە بىر تەرەپلىمە قارىشىغا كۈچلۈك قايتۇرما زەربە بەردى، بۇ، بىزنىڭ شىنجاڭغا چېتىشلىق تېمىلاردا تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى پۇختا ئىگىلىشىمىزگە پايدىلىق.


بۈگۈنكى كۈندە، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، جۇڭخۇا مىللىتى يېڭى دەۋرگە كىردى، يېڭى مۇساپىگە ئاتلاندى. مەدەنىيەتنىڭ ئالمىشىش، يۇغۇرۇلۇش سەھنىسىدە، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق يېڭى مەدەنىيەت بۇرچىنى زىممىسىگە ئېلىپ، مەدەنىيەت ئىجادىيىتى داۋامىدا يېڭى گۈللىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، مەدەنىيەت تەرەققىياتى جەريانىدا يېڭى ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈشى كېرەك ھەم چوقۇم شۇنداق قىلالايدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى