تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   گۈزەل يۇرت -ماكانىمىزنى ياخشى قوغدايلى

تىرىشىپ ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ ئاۋانگارتى بولىمەن

شايار ناھىيەلىك ئەدلىيە ئىدارىسىنىڭ مۇدىر دەرىجىلىك بۆلۈم ئەزاسى خېلىل خالىق

    مەن پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسىتىنىڭ ھەر مىللەت ئاممىغا بەختلىك تۇرمۇش ئېلىپ كەلگەنلىكىنىڭ گۇۋاھچىسى. بولۇپمۇ پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ سەمىمىي غەمخورلۇقىدا، قېرىنداش ئۆلكە، شەھەرلەرنىڭ خالىس ياردىمىدە، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما جاسارەت بىلەن كۈرەش قىلىپ ئىلگىرىلىدى، تۈرلۈك ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلاردا غايەت زور ئۆزگىرىشلەر بولدى: كەڭ، راۋان ئاسفالت يوللاردا مېڭىۋاتىمىز، بىخەتەر، ئازادە ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش ئۆيلىرىدە ئولتۇرۇۋاتىمىز، سۈزۈك، تاتلىق تۇرۇبا سۈيى ئىچىۋاتىمىز، پاكىز، ئەرزان تەبىئىي گاز ئىشلىتىۋاتىمىز، دۆلەت تولۇقلىما بېرىدىغان بېيىش ئېتىزلىرىدا تېرىقچىلىق قىلىۋاتىمىز، ئومۇمىي خەلقنىڭ سالامەتلىكىنى تەكشۈرۈش سىياسىتى ئەڭ يىراقتىكى بىر ئائىلە كىشىلىرىگىچە نەپ يەتكۈزدى.
    «ئۈچ خىل كۈچ» «مىللەت»، «دىن»نى دەستەك قىلىپ، ئاممىنى قۇتراتتى، ئازدۇردى، ئۇلارنىڭ مەقسىتى مىللەتلەر مۇناسىۋىتىگە بۆلگۈنچىلىك سېلىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاق بولغان چوڭ ياخشى ۋەزىيەتكە بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، شىنجاڭنى ۋەتەن قوينىدىن پارچىلاپ چىقىپ كېتىشكە تەلۋىلەرچە ئۇرۇنۇش، بۇنىڭغا بىز ھەر مىللەت قېرىنداشلار تاقەت قىلىپ تۇرالمايمىز، قەتئىي قوشۇلمايمىز. مەن قەتئىي ھالدا مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرىمەن، قانۇنسىز دىنىي ھەرىكەتلەرگە قارشى تۇرىمەن، زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىگە زەربە بېرىشنى قەتئىي قوللايمەن. «ئۈچ خىل كۈچ» مىللەتلەرنىڭ ساغلام تەرەققىياتىغا خەۋپ يەتكۈزىدىغان زەھەرلىك ئۆسمە، ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق دۈشمىنى. بىز «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ جىنايى ماھىيىتى ۋە ئېغىر خەۋپىنى سەگەكلىك بىلەن تونۇپ، ھەربىرىمىز تېخىمۇ تەشەببۇسكار ھالدا، بايرىقىمىزنى روشەن قىلىپ، قىلچە تەۋرەنمەي «ئۈچ خىل كۈچ»كە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىشىمىز كېرەك.
    پارتىيەنىڭ تەربىيەسىدە ئۆسۈپ يېتىلگەن پارتىيەلىك كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن قەتئىي ھالدا يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش سىياسىي مەسئۇلىيىتىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن زىممەمگە ئېلىپ، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى قاتارلىق چوڭ ھەق- چوڭ ناھەق مەسىلىلىرىدە بايرىقىمنى روشەن، مەيدانىمنى مۇستەھكەم قىلىپ، پوزىتسىيەدە قەتئىي بولۇپ، ھالقىلىق پەيتتە باتۇرلۇق بىلەن دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، باتۇرلۇق بىلەن ئاتاكىغا ئۆتۈپ، قەتئىي، كەسكىن ھالدا يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشتىكى ئورۇنلاشتۇرما- تەلەپلىرىنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈش، باش نىشانغا مۇلازىمەت قىلىش، باش نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، مۇقىملىقنى قوغداشتىن ئىبارەت بۇ كىرىچنى ھەر ۋاقىت چىڭىتىپ، مۇقىملىقنى قوغداش خىزمىتىدىكى تۈرلۈك ئورۇنلاشتۇرۇش- ئورۇنلاشتۇرمىسىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرىمەن. كۈندىلىك تۇرمۇشتا، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا پايدىلىق، ئىجتىمائىي مۇقىملىققا پايدىلىق سۆزلەرنى كۆپرەك سۆزلەپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا پايدىلىق، ئىجتىمائىي مۇقىملىققا پايدىلىق ئىشلارنى كۆپرەك قىلىپ، تىرىشىپ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ ئۈلگىسى بولىمەن، تىرىشىپ ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ ئاۋانگارتى بولىمەن.
    پارتىيەلىك كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ئەۋزەللىكىمنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، باشلامچىلىق بىلەن بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ بىرىنچى سېپىدە تۇرۇپ، ھالقىلىق پەيتتە ئاتاكىغا ئۆتىمەن، زەربىدار، ئاۋانگارت بولىمەن. ئۆز ئەمەلىيىتىم ئارقىلىق ئۈلگە بولۇپ، ئائىلەمدىكىلەرنى، ئۇرۇق- تۇغقانلىرىمنى، خىزمەتداشلىرىمنى، دوستلىرىمنى قاتتىق تەربىيەلەپ، باشقۇرۇپ، ئۆزى بىلەن مۇناسىۋەتسىز دەپ قاراپ كارى بولمايدىغان «ياخشىچاقلىق» ئىدىيەسىنى قەتئىي تۈگىتىپ، پاسسىپ ئىستىلنى قەتئىي تۈگىتىپ، خاتا ئىدىيە، قاراشلارغا دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، ھەققانىيەت سادايىم ئارقىلىق قەتئىي، كەسكىن ھالدا بارلىق بۆلگۈنچىلىك ئىدىيەسى ۋە سۆز- ھەرىكەتلىرىگە قارشى جەڭ ئېلان قىلىمەن، مەردانىلىك بىلەن جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىنى قوغداپ، باشتىن- ئاخىر باش نىشان ئارقىلىق ئىدىيەنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، تونۇشنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، قەدەمنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ھەرىكەتنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، قەتئىي، كەسكىن ھالدا شىنجاڭنىڭ ئىناق، مۇقىم چوڭ ياخشى ۋەزىيىتىنى قوغدايمەن، ھاياتىم ئارقىلىق گۈزەل يۇرت- ماكانىمىزنى قوغدايمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى