تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

كۆزنى روشەنلەشتۈرۈپ، ھەق- ناھەقنى ئېنىق ئايرىپ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى قوغداشتىكى جەڭگىۋار قوشۇن بولۇش كېرەك

ئاپتونوم رايون ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ۋەكىللىرى سۆھبەت يىغىنى ئاچتى

    شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى مۇخبىر لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 11- ئاينىڭ 15- كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايون ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ۋەكىللىرى سۆھبەت يىغىنى ئاچتى. يىغىندا شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھى يېتەكچى قىلىنىپ، مەملىكەتلىك مائارىپ يىغىنىنىڭ روھى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانى زىچ چۆرىدىلىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت ياش ئوقۇغۇچىلار كۆزنى روشەنلەشتۈرۈپ، ھەق- ناھەقنى ئېنىق ئايرىپ، قەتئىي، كەسكىن ھالدا شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى قوغداشتىكى جەڭگىۋار قوشۇن بولۇشقا چاقىرىق قىلىندى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مائارىپ خىزمىتى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى لى پېڭشىن يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

    يېقىندا ئاپتونوم رايون قىسمەن ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى خوتەن ۋىلايىتىگە بېرىپ، كەسپىي ماھارەت تەلىم- تەربىيە مەركىزىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىشقا تەشكىللىدى. شىنجاڭ داشۆ، شىنجاڭ سىفەن داشۆ، شىنجاڭ تېببىي داشۆسى قاتارلىق سەككىز ئالىي مەكتەپنىڭ 14 ئوقۇغۇچىلار ۋەكىلى سۆھبەت يىغىنىدا سۆز قىلىپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈش، «بىرىكمە مۇشت»نى ياخشى ئېتىش تەدبىرىنى قەتئىي ھىمايە قىلىدىغانلىقىنى، قەتئىي قوللايدىغانلىقىنى، «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ جىنايى قىلمىشىدىن قاتتىق غەزەپلىنىدىغانلىقى، دۈشمەنگە قارشى بىر سەپتە تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

    لى پېڭشىن ئوقۇغۇچىلار ۋەكىللىرى بىلەن سۆھبەتلىشىپ پىكىر ئالماشتۇرغاندا مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ئالدىنقى يىللاردا، شىنجاڭدا يۈز بەرگەن زوراۋانلىق، تېررورلۇق ۋەقەلىرى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ھاياتى، مال- مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە ئېغىر خەۋپ يەتكۈزۈپ، شىنجاڭنىڭ تىنچ، ئىناق تەرتىپى، ئىتتىپاقلىشىپ ئىلگىرىلەش كەيپىياتىغا ئېغىر بۇزغۇنچىلىق قىلدى. كەسكىن، مۇرەككەپ ۋەزىيەت ئالدىدا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۈنۈملۈك «بىرىكمە مۇشت» ئېتىپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش كۈرىشىدە مۇھىم، زور باسقۇچلۇق نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى، شىنجاڭدا ئومۇمىي ۋەزىيەت مۇقىم بولغان، ۋەزىيەت كونتروللۇقىمىزدا بولغان، ۋەزىيەت ياخشىلىنىشقا يۈزلەنگەن ھالەت بارلىققا كېلىپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ بىخەتەرلىك تۇيغۇسى كۆرۈنەرلىك ئېشىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىككە بولغان ئىشەنچى روشەن كۈچىيىپ، مۇقىملىق پايدىسى ئۈزلۈكسىز قويۇپ بېرىلدى. نەتىجە تەستە قولغا كەلگەن، شۇڭا جەزمەن ھەسسىلەپ قەدىرلەش كېرەك.

    لى پېڭشىن مۇنداق كۆرسەتتى: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم «بىر قولدا زەربە بېرىشنى تۇتۇش، بىر قولدا ئالدىنى ئېلىشنى تۇتۇش»تا چىڭ تۇرۇپ، ئاز ساندىكى ئېغىر زوراۋانلىق، تېررورلۇق جىنايىتىگە قانۇن بويىچە قاتتىق زەربە بېرىش بىلەن بىللە، قانۇن بويىچە كەسپىي ماھارەت تەلىم- تەربىيە خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، قانۇنغا خىلاپ جىنايى قىلمىشى يېنىك بولغان مۇتلەق كۆپ ساندىكى كىشىنى ئەڭ زور دەرىجىدە ئىتتىپاقلاشتۇردى، تەربىيەلىدى، قۇتقۇزدى، تېررورىزم ۋە دىنىي ئەسەبىزمنىڭ پەيدا بولۇش مۇھىتى ۋە تۇپرىقىنى تىرىشىپ تۈپتىن يوقاتتى، ئۈنۈم كۆرۈنەرلىك بولدى.

    لى پېڭشىن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئالىي مەكتەپلەر پارتىيە ئۈچۈن ئادەم يېتىشتۈرۈش، دۆلەت ئۈچۈن ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش يۆنىلىشىنى كۈچەيتىپ، قەتئىي تەۋرەنمەي غايە- ئېتىقادىنى چىڭىتىش، ۋەتەنپەرۋەرلىك ھېسسىياتىنى چوڭقۇر يىلتىز تارتقۇزۇش، ئەخلاق جەھەتتىن تەربىيەلىنىشىنى كۈچەيتىش، بىلىمىنى، نەزەر دائىرىسىنى ئاشۇرۇش، كۈرەش قىلىش روھىنى يېتىلدۈرۈش، ئۇنىۋېرسال ساپانى ئۆستۈرۈشكە كۈچ سەرپ قىلىپ، سوتسىيالىزمنىڭ قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىزباسارلىرىنى يېتىشتۈرۈشنىڭ تۈپ ۋەزىپىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۈنۈم ھاسىل قىلىشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. ھەر مىللەت ياش ئوقۇغۇچىلار تىرىشىپ ئىلگىرىلەپ، پەزىلەتلىك- ئەخلاقلىق بولۇپ، ھەق- ناھەقنى ئېنىق ئايرىپ، ئەمەلىيەتچىل ئىش كۆرۈپ، سىياسىي سەزگۈرلۈكى ۋە سىياسىي پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ ۋەتەننىڭ بىرلىكىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان جىنايى مەقسىتى ۋە رەزىل ئەپت- بەشىرىسىنى ئېنىق تونۇپ، ئاڭلىق ھالدا «پانئىسلامىزم»، «پانتۈركىزم» ئىدىيەسىنىڭ سىڭدۈرمىچىلىكىگە قارشى تۇرۇش ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىشنىڭ ئىدىيەۋى مۇداپىئە سېپىنى مۇستەھكەملەپ، ۋەتەننى سۆيۈپ، شىنجاڭنى سۆيۈپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىپ، ئۆزىنى بېغىشلاپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى يارىتىش ئۈچۈن ياشلىق باھارى، كۈچ- قۇدرىتىنى بېغىشلىشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى