تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

شى جىنپىڭ پاپۇئا يېڭى گىۋىنېيەسى زۇڭلىسى ئونېل بىلەن بىللە جۇڭگو ياردەم قىلىپ ياسىغان مۇستەقىللىق چوڭ يولىنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش، بۇتۇكا مەكتىپىنىڭ ئىشلىتىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى

    شىنخۇا ئاگېنتلىقى، مورېسبى پورتى، 11- ئاينىڭ 16- كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار خو شياۋگۇاڭ، لو جۈن). دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 11- ئاينىڭ 16- كۈنى مورېسبى پورتىدا پاپۇئا يېڭى گىۋىنېيەسى زۇڭلىسى ئونېل بىلەن بىرلىكتە جۇڭگو ياردەم قىلىپ ياسىغان مۇستەقىللىق چوڭ يولىنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش، ئىشقا كىرىشتۈرۈش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

    شى جىنپىڭ مۇستەقىللىق چوڭ يولىغا كەلگەندە، ئونېل ئاپتوموبىل توختىتىش ئورنىدا كۈتۈۋالدى. ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى قىزىل گىلەمنى بويلاپ ئەزىز مېھمانلار ئورنىغا قاراپ ماڭدى. يېڭى پۈتكەن مۇستەقىللىق چوڭ يولىنىڭ ئىككى تەرىپىگە جۇڭگو- پاپۇئا يېڭى گىۋىنېيەسى ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت بايراقلىرى ۋە قىپقىزىل جۇڭگو تۈگۈچلىرى ئېسىلغان بولۇپ، بايرام كەيپىياتىغا تولغانىدى. جۇڭگو تەرەپنىڭ مۇستەقىللىق چوڭ يولى قۇرۇلۇشىغا قاتناشقان قۇرۇلۇش تېخنىك خادىملىرى ئىككى دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ كەلگەنلىكىگە قىزغىن ئالقىش ياڭراتتى. يەرلىك ئالاھىدىلىككە ئىگە كىيىملەرنى كىيگەن پاپۇئا يېڭى گىۋىنېيەسى ئاممىسى ئۆزگىچە ئۇسلۇبتىكى قەبىلە مىللىي ئۇسسۇلىنى ئويناپ، ئەڭ ئەزىز مېھماننى دوستانە قارشى ئالدى.

    ئىشقا كىرىشتۈرۈش مۇراسىمى باشلانغاندا، شى جىنپىڭ بىلەن ئونېل ئايرىم- ئايرىم تەبرىك سۆزى قىلدى.

    شى جىنپىڭ ئالدى بىلەن يول قۇرۇلۇشىغا ئورتاق قاتناشقان ئىككى دۆلەتنىڭ قۇرۇلۇش تېخنىك خادىملىرىغا سەمىمىي رەھمەت ئېيتىدىغانلىقى ۋە ئۇلارنى قىزغىن تەبرىكلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: پاپۇئا يېڭى گىۋىنېيەسى پات ئارىدا ئاسىيا- تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ 26- قېتىملىق باشلىقلار بىرەسمىي يىغىنىنى ئۆتكۈزىدۇ، بۇ، پاپۇئا يېڭى گىۋىنېيەسى ھەتتا پۈتكۈل تىنچ ئوكيان ئارال دۆلەتلىرى رايونىدىكى كاتتا بىر ئىش. پاپۇئا يېڭى گىۋىنېيەسىنىڭ ياخشى دوستى، ياخشى ھەمراھى بولۇش سۈپىتى بىلەن، جۇڭگو تەرەپ پاپۇئا يېڭى گىۋىنېيەسىنىڭ يىغىن ئۆتكۈزۈشىنى كۈچىنىڭ يېتىشىچە ئىزچىل قوللىدى ۋە ياردەم بەردى. مۇستەقىللىق چوڭ يولىنىڭ تۇتاشتۇرغىنى جۇڭگو خەلقى بىلەن پاپۇئا يېڭى گىۋىنېيەسى خەلقىنىڭ چوڭقۇر مېھىر- مۇھەببىتى ۋە دوستلۇقى، ئۇنىڭغا جۇڭگو خەلقىنىڭ پاپۇئا يېڭى گىۋىنېيەسى خەلقىگە بولغان ياخشى تىلىكى يۈكلەنگەن. جۇڭگونىڭ قۇرۇلۇشنى ھۆددىگە ئالغان كارخانىسى ئەڭ يۇقىرى ئۆلچەم، ئەڭ تېز سۈرئەت بىلەن تۈرنىڭ ئۆز قەرەلىدە سۈپەتلىك تاماملىنىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى. مۇستەقىللىق چوڭ يولىنىڭ شۇ جاي خەلقىگە تېخىمۇ كۆپ قولايلىق ۋە گۈللىنىش ئېلىپ كېلىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. جۇڭگو تەرەپ پاپۇئا يېڭى گىۋىنېيەسى تەرەپ بىلەن ئۆز ئارا ئىشەنچنى چىڭىتىپ، ئالماشتۇرۇشنى كېڭەيتىپ، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، گۈللىنىش يولى، ئېچىۋېتىش يولى، دوستلۇق يولىنى ئورتاق پىلانلاپ قۇرۇشنى خالايدۇ.

    ئونېل مۇنۇلارنى بىلدۈردى: رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن بىرلىكتە مۇستەقىللىق چوڭ يولىنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش، ئىشقا كىرىشتۈرۈش مۇراسىمىغا قاتناشقانلىقىمدىن ئىنتايىن خۇشال بولدۇم. جۇڭگونىڭ ئۇزاقتىن بۇيان پاپۇئا يېڭى گىۋىنېيەسىگە زور كۈچ بىلەن ياردەم بەرگەنلىكىگە رەھمەت. بۇ تۈر پاپۇئا يېڭى گىۋىنېيەسى بىلەن جۇڭگونىڭ دوستلۇقىنىڭ سىمۋولى بولۇپ، جۇڭگونىڭ پاپۇئا يېڭى گىۋىنېيەسىگە بولغان مۇھىم قوللىشىنى نامايان قىلدى. بۈگۈن پاپۇئا يېڭى گىۋىنېيەسىنىڭ جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىدىكى يەنە بىر مۇھىم پەيت، مۇستەقىللىق چوڭ يولىنىڭ ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈشى ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىدىكى ئابىدە بولۇپ قالغۇسى. جۇڭگو پاپۇئا يېڭى گىۋىنېيەسىنىڭ ياخشى دوستى، جۇڭگولۇق دوستلارنىڭ كېلىشىنى قارشى ئالىمىز. پاپۇئا يېڭى گىۋىنېيەسىنىڭ دۆلەت تەرەققىياتىدا ۋەزىپە ئېغىر، يول يىراق، بىز جۇڭگو بىلەن كۈچلۈك ھەمراھلىق مۇناسىۋەتنى ساقلاشنى خالايمىز.

    تەبرىك سۆزىدىن كېيىن، ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى بىرلىكتە تۈر كۆرسەتكۈچ ئابىدىسىگە يېپىلغان قىزىل يىپەكنى ئاچتى. مۇستەقىللىق چوڭ يولى رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى.

    شى جىنپىڭ ئاپتوموبىلغا ئولتۇرۇپ ئايرىلىدىغان چاغدا، پاپۇئا يېڭى گىۋىنېيەسىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن ئوخشىمىغان قەبىلىدىكى مىڭلىغان، ئونمىڭلىغان ئامما رەڭگارەڭ كىيىنىپ، يولنىڭ ئىككى تەرىپىدە تۇردى، بەزىلىرى دۆلەت بايرىقىنى پۇلاڭلىتىپ، بەزىلىرى لەرزان ئۇسسۇل ئويناپ، خۇشاللىقىنى، قارشى ئېلىش ھېسسىياتىنى ئىپادىلىدى.

    مۇستەقىللىق چوڭ يولى پاپۇئا يېڭى گىۋىنېيەسىنىڭ پارلامېنت بىناسى بىلەن شەھەر مەمۇرىيىتى غول لىنىيەسىنى تۇتاشتۇرۇپ، يەرلىكنى تېخىمۇ قولاي، تېز بولغان قاتناش شارائىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ.

    دىڭ شۆشياڭ، ياڭ جيېچى، ۋاڭ يى، خې لىفېڭ قاتارلىقلار يۇقىرىقى پائالىيەتكە قاتناشتى.

    شىنخۇا ئاگېنتلىقى، مورېسبى پورتى، 11- ئاينىڭ 16- كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار خاۋ ۋېيۋېي، چېن جې). دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 11- ئاينىڭ 16- كۈنى مورېسبى پورتىدا پاپۇئا يېڭى گىۋىنېيەسىنىڭ زۇڭلىسى ئونېل بىلەن بىللە جۇڭگو ياردەم قىلىپ سالغان بۇتۇكا مەكتىپىنىڭ ئىشلىتىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

    بۇتۇكا مەكتىپىنىڭ سىرتىغا ئۇزاقتىن بۇيان ئىنتىزار بولغان، شادلىققا چۆمگەن يەرلىك ئامما يىغىلغانىدى، «رەئىس شى جىنپىڭنىڭ بىزگە ياردەم بېرىپ مەكتەپ سېلىپ بەرگەنلىكى ۋە يول ياساپ بەرگەنلىكىگە رەھمەت» دېگەن لوزۇنكا ئالاھىدە كۆزگە چېلىقىپ تۇراتتى. شى جىنپىڭ ئاپتوموبىلغا ئولتۇرۇپ يېتىپ كەلگەندە، ئونېلنىڭ قىزغىن قارشى ئېلىشىغا ئېرىشتى. ئوقۇغۇچىلار ۋەكىلى شى جىنپىڭغا گۈل تەقدىم قىلدى.

    شى جىنپىڭ ئونېلنىڭ ھەمراھلىقىدا مەكتەپنىڭ مەركىزىي يولىنى بويلاپ ماڭدى. 1000 دىن ئارتۇق ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچى يولنىڭ ئىككى چېتىدە تۇرۇپ قارشى ئالدى، ئۇلار جۇڭگو بىلەن پاپۇئا يېڭى گىۋىنېيەسى ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت بايرىقىنى پۇلاڭلىتىپ، خۇشال سەكرەشتى. شى جىنپىڭ ئونېل بىلەن بىللە مەكتەپ ۋىۋىسكىسىنىڭ يوپۇقىنى ئاچتى. ئارقا تەرىپىدىكى لوزۇنكىغا «ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىپ، جۇڭگو- پاپۇئا يېڭى گىۋېنىيەسى تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى قول تۇتۇشۇپ بەرپا قىلايلى؛ ئالماشتۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگو- پاپۇئا يېڭى گىۋىنېيەسى دوستلۇقىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئورتاق يارىتايلى» دەپ يېزىلغانىدى. ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى ئوقۇغۇچىلار بىلەن خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى، ئوقۇغۇچىلار ئورۇنلىغان يەرلىك ئەنئەنىۋى ئۇسسۇلدىن ھۇزۇرلاندى.

    شى جىنپىڭ ئونېل بىلەن بىللە ئوقۇتۇش بىناسىنىڭ كۆپ ئىقتىدارلىق زالىغا كىردى، ئوقۇغۇچىلار خەنزۇچە ۋە ئىنگلىزچە «قارشى ئالىمىز» دەپ توۋلاشتى. خور ئۆمىكى جۇڭگونىڭ خەلق ناخشىسى «مولىخۇا»نى چوڭقۇر ھېسسىيات بىلەن ئېيتتى، شى جىنپىڭ خۇشال ھالدا ئۇلار بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى.

    ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى ئايرىم- ئايرىم سۆز قىلدى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جۇڭگونىڭ پاپۇئا يېڭى گىۋىنېيەسى بىلەن بولغان ئادىمىيەت، مائارىپ ئالاقىسى بارغانسېرى قويۇقلاشتى، يەرلىكنىڭ ھەمكارلىقى جۇش ئۇرۇپ قانات يايدۇرۇلدى. بۇتۇكا مەكتىپى جۇڭگونىڭ گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى ۋە شېنجېن شەھىرى بىلەن پاپۇئا يېڭى گىۋىنېيەسىنىڭ پايتەخت مەمۇرىي رايونىنىڭ دوستلۇق ھەمكارلىقىنىڭ جەۋھىرى. ئىختىساسلىقلار بىرىنچى بايلىق. باشقىلارغا بېلىق بەرگەندىن، بېلىق تۇتۇشنى ئۆگىتىش ئەۋزەل. جۇڭگو ياردەم قىلىپ سالغان بۇتۇكا مەكتىپى پاپۇئا يېڭى گىۋىنېيەسىنىڭ ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈشىگە ياردەم بېرىشنى مەقسەت قىلغان. شۇنىڭغا ئىشىنىمىزكى، ئىختىساسلىقلارنىڭ كۆپلەپ يېتىشىپ چىقىشى پاپۇئا يېڭى گىۋىنېيەسىنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىي قىلىش، كېيىن يېتىشىۋېلىپ تەرەققىي قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشىنى كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلەيدۇ. بىز پاپۇئا يېڭى گىۋىنېيەسى تەرەپ بىلەن ئىككى دۆلەت خەلقلىرى ئارىسىدا يىلتىز تارتقان قويۇق دوستلۇق رىشتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ سىجىل ئالغا قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا تېخىمۇ پۇختا ئاساس سېلىشنى خالايمىز.

    شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگونىڭ پاپۇئا يېڭى گىۋىنېيەسى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىڭ ئەڭ مۇھىم ئاساسى شۇكى، بىزنىڭ دوستلۇقىمىز ئەۋلادتىن ئەۋلادقا داۋاملاشقان. ئىككى دۆلەت ياش- ئۆسمۈرلىرىنىڭ ئۆزئارا ئۆگىنىپ، چۈشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگو- پاپۇئا يېڭى گىۋىنېيەسى دوستلۇقىنىڭ سادىق ۋارىسلىرى ۋە پائال ئەمەلىيەتتە كۆرسەتكۈچىلىرىدىن بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ئىشىنىمەنكى، ئىككى دۆلەت ياش- ئۆسمۈرلىرى جەزمەن جۇڭگو- پاپۇئا يېڭى گىۋىنېيەسى مۇناسىۋىتىنىڭ گۈزەل كەلگۈسىنى ئورتاق يارىتالايدۇ.

    ئونېل مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇتۇكا مەكتىپى تۈرى پاپۇئا يېڭى گىۋىنېيەسىنىڭ جۇڭگو بىلەن بولغان كۈچلۈك مۇناسىۋىتىنىڭ يەنە بىر دەلىلى. پاپۇئا يېڭى گىۋىنېيەسى جۇڭگونىڭ ئۇزاقتىن بۇيان پاپۇئا يېڭى گىۋىنېيەسىنى زور كۈچ بىلەن قوللىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتىدۇ. جۇڭگونىڭ ياردىمى پاپۇئا يېڭى گىۋىنېيەسىنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئاشۇرۇپلا قالماي، يەنە پاپۇئا يېڭى گىۋىنېيەسى خەلقىنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشىگە ياردەم بېرىدۇ. مائارىپ ھەرقايسى دۆلەتلەر تەرەققىياتىنىڭ مۇھىم كاپالىتى. پاپۇئا يېڭى گىۋىنېيەسى جۇڭگونىڭ ياردەم بېرىپ بۇتۇكا مەكتىپىنى سېلىپ بەرگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتىدۇ، جۇڭگونىڭ پاپۇئا يېڭى گىۋىنېيەسى ياش- ئۆسمۈرلىرىگە جۇڭگوغا بېرىپ ئۆگىنىش پۇرسىتى يارىتىپ بەرگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتىدۇ. ئىشىنىمەنكى، ئىككى دۆلەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق ھەمكارلىقى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلىشىپ ۋە پۇختىلىنىپ، پاپۇئا يېڭى گىۋىنېيەسىنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرگۈسى.

    پاپۇئا يېڭى گىۋىنېيەسى پايتەخت مەمۇرىي رايونىنىڭ ئۆلكە باشلىقى پاركپ شۇ جايدىكى مەھەللىگە ۋاكالىتەن سۆز قىلىپ، جۇڭگونىڭ شۇ جايدىكى خەلق ئاممىسىغا ياردەم بەرگەنلىكى، بەخت ياراتقانلىقىغا رەھمەت ئېيتتى.

    كۆپ ئىقتىدارلىق زالنىڭ بىر بۇرجىكىدە جۇڭگو تىكتاك توپ شۆيۈەنىنىڭ پاپۇئا يېڭى گىۋىنېيەسى مەشىق مەركىزىنىڭ جۇڭگولۇق تىرېنېرى، سابىق دۇنيا چېمپىيونى شى جىخاۋ بىلەن ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى چېمپىيونى جاڭ يىنىڭ پاپۇئا يېڭى گىۋىنېيەسى تەنھەرىكەتچىلىرىنى مەشىقلەندۈرۈۋاتقانىدى. ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى ئۇلار بىلەن سەمىمىي پىكىر ئالماشتۇردى. شى جىنپىڭ ئۇلارنى ياخشى نەتىجە يارىتىپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ دوستلۇق ئەلچىسى بولۇشقا رىغبەتلەندۈردى.

    زالدا بالىلار ئېيتقان «قوش پالاقنى بىرلىكتە ئۇرايلى» ناملىق خور ياڭرىدى. شى جىنپىڭ ئوقۇغۇچىلار بىلەن قول پۇلاڭلىتىپ خوشلاشتى.

    بۇتۇكا مەكتىپىنىڭ تولۇق نامى جۇڭگو- پاپۇئا يېڭى گىۋىنېيەسى دوستلۇق مەكتىپى. بۇتۇكا مەكتىپى، بۇ، جۇڭگونىڭ پاپۇئا يېڭى گىۋىنېيەسىدە يولغا قويغان ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى بولۇپ، يەسلى، باشلانغۇچ مەكتەپ، ئوتتۇرا مەكتەپتىن ئىبارەت ئۈچ بۆلەكنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، شۇ جايدىكى 3000 دىن ئارتۇق ئوتتۇرا- باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىنىڭ ئوقۇش قىيىن بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىدۇ.

    دىڭ شۆشياڭ، ياڭ جيېچى، ۋاڭ يى، خې لىفېڭ قاتارلىقلار يۇقىرىقى پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.