تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

شى جىنپىڭ پاپۇئا يېڭى گىۋىنېيەسى زۇڭلىسى ئونېل بىلەن سۆھبەتلەشتى

    شىنخۇا ئاگېنتلىقى، مورېسبى پورتى، 11- ئاينىڭ 16- كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار سۈن يۇڭ، خۇاڭيىن جيازى). دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 11- ئاينىڭ 16- كۈنى مورېسبى پورتىدا پاپۇئا يېڭى گىۋىنېيەسى زۇڭلىسى ئونېل بىلەن سۆھبەتلەشتى. ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى جۇڭگو بىلەن پاپۇئا يېڭى گىۋىنېيەسىنىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇقىغا ئىجابىي باھا بەردى، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىيات يېڭى ئۇلۇغۋار يىرىك پىلانىنى تۈزدى، جۇڭگو بىلەن پاپۇئا يېڭى گىۋىنېيەسىنىڭ ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىدىغان، ئورتاق تەرەققىي قىلىدىغان ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋەت ئورنىتىشىنى بىردەك قارار قىلدى.

    شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: پاپۇئا يېڭى گىۋىنېيەسى ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىنىڭ مېنىڭ بۇ قېتىملىق زىيارىتىمنى قىزغىن، داغدۇغىلىق كۈتۈۋالغانلىقىغا ۋە قارشى ئالغانلىقىغا رەھمەت. بىز قارشى ئېلىشقا چىققان ئاممىنىڭ چېھرىدىن سەمىمىي تەبەسسۇمنى كۆردۇق، ئۇلارنىڭ دوستانە قىزغىنلىقىنى ھېس قىلدۇق. بۇ، پاپۇئا يېڭى گىۋىنېيەسى خەلقىنىڭ جۇڭگو خەلقىگە بولغان چوڭقۇر ھېسسىياتىنىڭ ھەقىقىي كارتىنىسى، شۇنداقلا كۆپ يىللاردىن بۇيانقى جۇڭگو- پاپۇئا يېڭى گىۋىنېيەسى مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىي قىلغانلىقىنىڭ، جۇڭگو- پاپۇئا يېڭى گىۋىنېيەسى ھەمكارلىق نەتىجىسىنىڭ ئەڭ ياخشى نامايەندىسى.

    شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئىككى دۆلەتنىڭ يۇقىرى قاتلام ئالاقىسى كۆپەيدى، ئەمەلىي ھەمكارلىق نەتىجىسى مول بولدى. جۇڭگو پاپۇئا يېڭى گىۋىنېيەسىنىڭ ئۆزى تاللىغان، ئۆز دۆلىتىنىڭ ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان تەرەققىيات يولىنى قەتئىي قوللايدۇ، پاپۇئا يېڭى گىۋىنېيەسى ھۆكۈمىتىنىڭ بىر جۇڭگو سىياسىتىنى قەتئىي يۈرگۈزگەنلىكىگە يۈكسەك ئاپىرىن ئېيتىدۇ. ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىگە بولغان سىياسىي يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، ئىككى تەرەپ ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىدىغان، ئورتاق تەرەققىي قىلىدىغان ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىشنى قارار قىلدى. بۇ، ئىككى دۆلەت ئەنئەنىۋى دوستلۇقىنىڭ نامايەندىسى بولۇپ، ئىككى تەرەپنىڭ ئالاقە، ھەمكارلىقنى يەنىمۇ ئالغا سىلجىتىشىغا قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشىدۇ. جۇڭگو تەرەپ پاپۇئا يېڭى گىۋىنېيەسى بىلەن بىرلىكتە، ئۆزئارا ئىشەنچنى چىڭىتىپ، ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دوستلۇقنى چوڭقۇر يىلتىز تارتقۇزۇپ، جۇڭگو- پاپۇئا يېڭى گىۋىنېيەسى ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى ئۈزلۈكسىز يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

    شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئىككى تەرەپ يۇقىرى قاتلام ئالاقىسىنى يېتەكچى قىلىپ، ئىستراتېگىيەلىك ئۆزئارا ئىشەنچنى چىڭىتىشى كېرەك. ھەرقايسى قاتلام، ھەرقايسى ساھەلەردىكى خادىملارنىڭ بېرىش- كېلىش قىلىشىغا داۋاملىق تۈرتكە بولۇپ، پارتىيە، پارلامېنت، يەرلىك، ئەلئارا ئالاقىنى كۈچەيتىشى كېرەك. ئەمەلىي ھەمكارلىقنى تىرەك قىلىپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، تەڭ پايدا ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك. پاپۇئا يېڭى گىۋىنېيەسى 21- ئەسىر دېڭىز يىپەك يولىنىڭ تەبىئىي ئۇزارغان قىسمىغا جايلاشقان بولۇپ، تىنچ ئوكيان ئارال دۆلەتلىرى رايونىدا جۇڭگو تەرەپ بىلەن «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىغان تۇنجى دۆلەت. ئىككى تەرەپ «بىر بەلباغ، بىر يول» رامكىسىدا تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى ئۇدۇللاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئىككى تەرەپ ئەركىن سودا كېلىشىمى سۆھبىتىنى بالدۇرراق باشلاش توغرىسىدا بىردەكلىك ھاسىل قىلىشنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى، ئىقتىساد- سودا، سېلىنما، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش قاتارلىق ساھەلەردە ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى پائال ئالغا سىلجىتىشى كېرەك. ئادىمىيەت ئالاقىسىنى ئاساس قىلىپ، ئەلئارا دوستلۇقنى مۇستەھكەملىشى كېرەك. خادىملارنىڭ بېرىش- كېلىش قىلىشىنى قولايلاشتۇرۇشى، ئادەم كۈچى بايلىقىنى ئېچىش، مائارىپ، سەھىيە، ساياھەت قاتارلىق جەھەتلەردىكى ھەمكارلىقنى ئالغا سىلجىتىشى كېرەك. كۆپ تەرەپلىك ماسلىشىشنى سۇپا قىلىپ، ھەمكارلىق مەزمۇنىنى بېيىتىشى كېرەك. جۇڭگو تەرەپ پاپۇئا يېڭى گىۋىنېيەسى بىلەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، ئاسىيا- تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى رايون مۇنبىرى، تىنچ ئوكيان ئارال دۆلەتلىرى مۇنبىرى قاتارلىق كۆپ تەرەپلىك رامكىدا ئالاقە ۋە ماسلىشىشنى كۈچەيتىشنى خالايدۇ. جۇڭگو تەرەپ پاپۇئا يېڭى گىۋىنېيەسىنىڭ ئاسىيا- تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى باشلىقلىرىنىڭ بىرەسمىي يىغىنىنى ياخشى ئۆتكۈزۈشىنى قوللايدۇ، يىغىننىڭ تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈرىدۇ.

    ئونېل مۇنۇلارنى بىلدۈردى: پاپۇئا يېڭى گىۋىنېيەسىنىڭ نوپۇسى كۆپ بولمىسىمۇ، بىراق پاپۇئا يېڭى گىۋىنېيەسى خەلقىنىڭ رەئىس شى جىنپىڭنى قارشى ئېلىش قىزغىنلىقى ئىنتايىن يۇقىرى. سىزنىڭ زىيارەتكە كېلىشىڭىز جۇڭگو دۆلەت رەئىسىنىڭ تۇنجى قېتىم پاپۇئا يېڭى گىۋىنېيەسىدە زىيارەتتە بولۇشى بولۇپ، بىز ئۈچۈن مۇھىم تارىخىي پەيت ھېسابلىنىدۇ. پاپۇئا يېڭى گىۋىنېيەسى جۇڭگو بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقاندىن بۇيان، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى كۈچلۈك تەرەققىي قىلدى. پاپۇئا يېڭى گىۋىنېيەسى بىر جۇڭگو سىياسىتىنى قەتئىي تەۋرەنمەي يۈرگۈزىدۇ. جۇڭگونىڭ ئۇزاقتىن بۇيان پاپۇئا يېڭى گىۋىنېيەسىنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىغا قىممەتلىك مەدەت بەرگەنلىكىگە، جۇڭگو داۋالاش ئەترىتىنىڭ پاپۇئا يېڭى گىۋىنېيەسىنىڭ چەت، يىراق رايونلىرىدا بەزگەك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تىزگىنلىشىگە ياردەم بەرگەنلىكىگە، ھەمدە جۇڭگو تەرەپنىڭ پاپۇئا يېڭى گىۋىنېيەسىدە يېقىندا يۈز بەرگەن يەر تەۋرەش ئاپىتىدىن كېيىنكى ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش- قايتا قۇرۇشقا دەل ۋاقتىدا ياردەم قولىنى سۇنغانلىقىغا رەھمەت ئېيتىمەن، جۇڭگو تەرەپنىڭ پاپۇئا يېڭى گىۋىنېيەسى ئۆتكۈزىدىغان بۇ قېتىمقى ئاسىيا- تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى باشلىقلىرىنىڭ بىرەسمىي يىغىنىنى قوللىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتىمەن. ئۇلۇغ «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسىنىڭ تىنچ ئوكيان ئارال دۆلەتلىرى رايونىنىڭ ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇشى ۋە ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشىگە ياردىمى بار. پاپۇئا يېڭى گىۋىنېيەسى «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشقا پائال قاتنىشىدۇ، جۇڭگو بىلەن ئىقتىساد- سودا، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى، ساياھەت، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، مائارىپ، يەرلىك قاتارلىق ساھەلەردە ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئەركىن سودا كېلىشىمى سۆھبىتىنى ئىمكانقەدەر تېز باشلاشنى خالايدۇ. پاپۇئا يېڭى گىۋىنېيەسى جۇڭگونىڭ خەلقئارا ئىشلاردا قائىدىنى ئاساس قىلىدىغان خەلقئارا تەرتىپتە چىڭ تۇرۇپ، كۆپ تەرەپلىك ئاپپاراتلارنى قوللىغانلىقىغا يۈكسەك باھا بېرىدۇ، جۇڭگو تەرەپنىڭ ئىجابىي رەھبەرلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇشىنى ئالقىشلايدۇ ۋە قوللايدۇ، ئىككى تەرەپنىڭ ماسلاشتۇرۇش ۋە ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، تىنچ ئوكيان ئارال دۆلەتلىرىنىڭ جۇڭگو بىلەن سۆزلىشىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشىنى قوللاپ، بېلىقچىلىق، ساياھەت، كىلىمات ئۆزگىرىشى قاتارلىق ساھەلەردە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى خالايدۇ.

    سۆھبەتتىن كېيىن، ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى ئىككى تەرەپنىڭ كۆپ تۈرلۈك قوش تەرەپلىك ھەمكارلىق ھۆججەتلىرىنىڭ ئىمزالىنىشىغا ئورتاق گۇۋاھ بولدى.

    دىڭ شۆشياڭ، ياڭ جيېچى، ۋاڭ يى، خې لىفېڭ قاتارلىقلار يۇقىرىقى پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.