تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

جۇڭخۇا نەزەرى بىلەن شىنجاڭ تارىخىنى تونۇش ۋە تەتقىق قىلىشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك

شىنجاڭ سىفەن داشۆسى ماركسىزم شۆيۈەنىدىن جاڭ لىجۈەن

  «ئۆتكەن تارىخنى بىلگەندە ھازىرقى دەۋرنى چۈشىنەلەيدۇ». تارىخ ئىنسانلارنىڭ ئەڭ ياخشى دەرسلىك كىتابى ۋە ئوزۇقلۇقى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ھەر بىر مىللەت ۋە دۆلەتنىڭ بېسىپ ئۆتكەن ئىزىنى سەمىمىيلىك بىلەن خاتىرىلەپلا قالماي، يەنە كېيىنكىلەرگە ھەر خىل بىلىم، تەجرىبە ۋە ئەقىل- پاراسەت ئاتا قىلدى. تارىخنى چۈشىنىش ۋە تەتقىق قىلىش ئىلمىي پوزىتسىيە بىلەن توغرا نەزەرىيە، ئۇسۇلنى تەلەپ قىلىدۇ، تارىخنىڭ ئوبيېكتىپلىقىدا، كەسكىنلىكىدە چىڭ تۇرۇش شەرت، تارىخقا سەل قاراشقا ۋە ئۇنى ئىنكار قىلىشقا بولمايدۇ، بۇرمىلاشقا ۋە ئۆزگەرتىۋېتىشكىمۇ بولمايدۇ. ئۇزاقتىن بۇيان «ئۈچ خىل كۈچ» دۆلەتنى پارچىلاش جىنايى غەرىزىدە، تۈرلۈك ئاماللارنى قوللىنىپ، شىنجاڭ تارىخى، مىللەتلەرنىڭ تەرەققىيات تارىخى، دىنلارنىڭ ئۆزگىرىش تارىخى، مەدەنىيەتنىڭ يۇغۇرۇلۇش تارىخىدىن ھە دەپ پۇتاق چىقىرىپ، ھەر مىللەت ئاممىنى ئىدىيە جەھەتتىن زەھەرلەپ، بىخۇدلاشتۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئۇلۇغ ۋەتەننى، جۇڭخۇا مىللىتىنى، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنى ۋە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشىنى ئاجىزلاشتۇرۇشقا، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇيۇشۇش كۈچى ۋە مەركەزگە ئىنتىلىش كۈچىنى ئاجىزلاشتۇرۇشقا تەلۋىلەرچە ئۇرۇندى. شىنجاڭ تارىخىنى توغرا تونۇشتا، مۇنازىرە تەلەپ قىلمايدىغان تارىخىي پاكىتلار ئارقىلىق مىللىي بۆلگۈنچىلەر تارقاتقان ھەرخىل سەپسەتىلەرنى تەنقىدلەش ۋە ئۇنىڭغا رەددىيە بېرىش كېرەك، ماركسىزملىق ماتېرىيالىزملىق تارىخىي قاراشتا، جۇڭخۇا نەزەرى بىلەن شىنجاڭ تارىخىنى ئومۇميۈزلۈك ئوبيېكتىپ تونۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش، ۋەتەننىڭ بىرلىكى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش ئاڭلىقلىقىنى كۈچەيتىش كېرەك.

  بىرىنچى، جۇڭگونىڭ كۆپ مىللەت بۈيۈك بىرلىكىدىن ئىبارەت تارىخىي تەرەققىيات ئاساسىي تومۇرىدىن شىنجاڭنىڭ تارىخىي تەرەققىياتىنى بەلگىلەش ۋە تەتقىق قىلىش كېرەك

  شىنجاڭ چېگرا رايونغا جايلاشقان بولسىمۇ، ئىزچىل جۇڭگونىڭ مۇقەددەس زېمىنىنىڭ ئايرىلماس تەركىبىي قىسمى بولۇپ كەلدى. شىنجاڭنىڭ تارىخىنى تەتقىق قىلىشتا چوقۇم جۇڭگونىڭ تارىخىي تەرەققىيات ئومۇمىي ۋەزىيىتىنى چىقىش قىلىش كېرەك، مۇشۇنداق قىلغاندىلا، تېخىمۇ ئومۇميۈزلۈك ۋە ئىلمىي تونۇشقا ئىگە بولغىلى بولىدۇ. شىنجاڭ رايونىنىڭ تارىخىنى تېگى پۇختا، دائىرىسى كەڭ بولغان جۇڭگونىڭ ئۇزاق تارىخى ئىچىگە قويۇپ كۆزەتكەندە ۋە تەتقىق قىلغاندىلا، ئاندىن شىنجاڭ تارىخىنى ئوقۇپ چۈشەنگىلى بولىدۇ. مۇشۇ ئومۇمىيلىقنى قايرىپ قويۇپ، بۇ تارىخىي جەرياندىن چەتنەپ، نوقۇل ھالدا شىنجاڭ ئارقىلىق شىنجاڭغا قارىغاندا، توغرا، ئومۇميۈزلۈك بىلىشكە ئىگە بولۇش ھەرگىز مۇمكىن ئەمەس. شىنجاڭ (قەدىمكى زاماندا «غەربىي يۇرت» دەپ ئاتىلاتتى) مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 60- يىلى «خەن سۇلالىسى غەربىي يۇرتقا پەرمان چۈشۈرگەن»دىن باشلاپ، رەسمىي تۈردە جۇڭگو تېررىتورىيەسىنىڭ بىر قىسمىغا ئايلىنىپ، مەركىزىي سۇلالىلەر غەربىي يۇرتقا بولغان ئۈنۈملۈك ئىدارە قىلىشنى يولغا قويۇشقا باشلىغان. شەرقىي خەن سۇلالىسى مەزگىلىدە غەربىي يۇرت قورۇقچىبەگ مەھكىمىسى غەربىي يۇرت جاڭشى مەھكىمىسىگە ئۆزگەرتىلگەندىن ئۈچ پادىشاھلىق، ئىككى جىن سۇلالىسى مەزگىلىدە غەربىي يۇرتتا تەسىس قىلىنغان ۋۇجى چېرىكچىبېگى، غەربىي يۇرت جاڭشى مەھكىمىسى قاتارلىقلارغىچە؛ تاڭ سۇلالىسى غەربىي يۇرتتا ئىلگىرى- كېيىن تەسىس قىلغان ئەنشى باش قورۇقچىبەگ مەھكىمىسى ۋە بېشبالىق باش قورۇقچىبەگ مەھكىمىسىدىن سۇڭ سۇلالىسى دەۋرىدە غەربىي يۇرتتىكى يەرلىك ھاكىمىيەتلەر سۇڭ سۇلالىسى بىلەن ئولپان تاپشۇرۇش مۇناسىۋىتىنى ساقلىغانغا قەدەر؛ يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدە غەربىي يۇرتتا تەسىس قىلىنغان بېشبالىق باش ئەمىرلەشكەر مەھكىمىسى ۋە يولغا قويۇلغان دىۋان ۋازارىتى تۈزۈمىدىن مىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە تەسىس قىلىنغان قومۇل ياساۋۇل مەھكىمىسىگىچە؛ چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى ئىلى جياڭجۈنىنى تەسىس قىلغان ۋە 1884- يىلى شىنجاڭ رايونىدا ئۆلكە قۇرغاندىن 1949- يىلى شىنجاڭ تىنچ ئازاد بولغانغا قەدەر. غەربىي خەن سۇلالىسىدىن كېيىن ئېلىمىزنىڭ تارىخىي سۇلالىلىرىدە مەيلى بىرلىككە كەلگەن مۇقىم سۇلالىلەر بولسۇن ياكى بۆلۈنۈپ تۇرغان مەزگىلدىكى ھەرقايسى سۇلالىلەر بولسۇن، ھېچقايسىسى غەربىي يۇرتنى ئىدارە قىلىش، كېڭەيتىش ۋە ئېچىشتىن ۋاز كەچمىگەن. تارىخىي دەۋرلەردە مەركىزىي سۇلالىلەر بەزىدە كۈچىيىپ، بەزىدە ئاجىزلاپ قالغان، باشقۇرۇش، ئىدارە قىلىشمۇ گاھى چىڭ، گاھىدا بوش بولغان بولسىمۇ، لېكىن بۆلۈنۈپ تۇرۇش مەزگىلىنىڭ قانچىلىك ئۇزاق، ۋەزىيەتنىڭ قانچىلىك ئېغىر بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئاخىرقى ھېسابتا قايتىدىن بىرتۇتاش باشقۇرۇشقا يۈزلەنگەن، شىنجاڭ رايونىنىڭ باشتىن- ئاخىر جۇڭگونىڭ تەركىبىي قىسمى ئىكەنلىكىدەك بۇ پاكىتتىن گۇمانلىنىشقا بولمايدۇ. ئوخشاش بولمىغان دەۋرلەردە قاراخانىيلار خانلىقى، قوچۇ قەدىمكى ئۇيغۇر خانلىقى، چاغاتاي خانلىقى، يەكەن خانلىقى قاتارلىقلار بارلىققا كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ ھەممىسى جۇڭگو تېررىتورىيەسىدىكى يەرلىك ھاكىمىيەت شەكلى بولۇپ، ھېچقايسىسى مۇستەقىل دۆلەت ھېسابلانمايدۇ.

  ئۇزاق مەزگىللىك ئۈنۈملۈك ھۆكۈمرانلىق غەربىي يۇرتتىكى نۇرغۇن قەدىمكى مىللەتلەرنىڭ ئۆزئارا ئالماشتۇرۇشى ۋە ئورتاق ئېچىشىنى مۇقىم ئىجتىمائىي مۇھىت بىلەن تەمىنلىدى، شۇنداقلا بۇ رايون بىلەن قەدىمكى جۇڭگونىڭ باشقا رايونلىرىنىڭ يۇغۇرۇلۇپ بىرگەۋدە بولۇش تارىخىي مۇساپىسىنى ئۈزلۈكسىز تېزلەتتى. پەقەت يېقىنقى زامانغا كەلگەندە، كۈچلۈك دۆلەتلەرنىڭ تاجاۋۇزچىلىقى بۇ مۇساپىگە توسقۇنلۇق قىلدى. چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى دەۋرىدە دۆلەتنىڭ كۈچى ئاجىزلىغان، مىنگونىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە مىلىتارىستلار بۆلۈنمىچىلىك قىلغان، مەركىزىي ھاكىمىيەتنىڭ شىنجاڭنى باشقۇرۇشى بەلگىلىك دەرىجىدە ئاجىزلاشقان ئەھۋالدا، كۈچلۈك دۆلەتلەر جان- جەھلى بىلەن شىنجاڭنى جۇڭگودىن پارچىلاپ چىقىشقا ئۇرۇنغان بولسىمۇ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق قارشى تۇرۇشى بىلەن جاھانگىرلارنىڭ غەرىزى ئاخىرىدا ئەمەلگە ئاشمىدى. بۇ، شىنجاڭنىڭ ئۇزاق تارىخىي تەرەققىيات جەريانىدا، جۇڭگونىڭ ئايرىلماس ھەم ئايرىغىلى بولمايدىغان بىر قىسمىغا ئايلانغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. شۇڭا، شىنجاڭ تارىخىنى تونۇش ۋە تەتقىق قىلىشتا چوقۇم بىر توغرا چىقىش نۇقتىسى ۋە ماكان نۇقتىسى بولۇشى كېرەك: چوقۇم شىنجاڭنىڭ دۆلىتىمىزدىن ئىبارەت بىرلىككە كەلگەن كۆپ مىللەتلىك دۆلەتنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىش كېرەك؛ چوقۇم شىنجاڭ تارىخىنى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئورتاق ياراتقانلىقىنى، شىنجاڭ رايونىنىڭ تارىخى پۈتكۈل جۇڭگو تارىخىنىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى، بۇ تارىخىي پاكىتتىن گۇمانلىنىشقا بولمايدىغانلىقىنى تونۇش كېرەك.

  ئىككىنچى، جۇڭگونىڭ كۆپ مىللەت بۈيۈك بىرلىكى ئەندىزىسىدىن جۇڭخۇا مىللىتى بىلەن شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ قان قېرىنداشلىق مۇناسىۋىتىنى تونۇش ۋە شەرھلەش كېرەك

  زېمىنى كەڭ، بىرلىككە كەلگەن، كۆپ مىللەتلىك دۆلەت ۋە ئاھالىسى كۆپ، كۆپ مەنبە بىرگەۋدىلەشكەن جۇڭخۇا مىللىتى ئەجدادلىرىمىز بىزگە قالدۇرغان قىممەتلىك مىراس. قەدىمكى دەۋردە، نەچچە يۈز قوۋمدىكى كىشىلەر جۇڭگونىڭ تارىخ سەھنىسىدە ھەرىكەت قىلغان، ئۇلار ئارىسىدىكى مۇناسىۋەت تىنچ ئالاقىلىشىش ياكى تىغ كۆتۈرۈپ توقۇنۇشقان بولسىمۇ، لېكىن تىنچ ئالاقىلىشىش ئاساسىي ئېقىم بولغان؛ ئۇلار بەزىدە بىرلىككە كەلگەن دۆلەتتە بىللە ياشىغان، بەزىدە پارچىلىنىش، بۆلۈنۈپ تۇرۇش داۋامىدا تالاش- تارتىش قىلىشقان، يېقىنلاشقان، يۇغۇرۇلغان، ئاساسىي ئېقىم بولسا بارغانسېرى زىچ بىرلىشىپ بىرلىككە كەلگەن كۆپ مىللەتلىك دۆلەتتىن ئىبارەت بولغان. ئىلگىرى جۇڭگونىڭ تارىخ سەھنىسىدە ھەرىكەت قىلغان بۇ مىللەتلەرنىڭ ھەممىسى جۇڭگو زېمىنىنى ئېچىش، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى يارىتىش ھەم بىرلىككە كەلگەن، كۆپ مىللەتلىك جۇڭگو تارىخىنى يارىتىش ئۈچۈن ئۆز تۆھپىلىرىنى قوشقان. تارىختا ئۇزاق مەزگىل يۇغۇرۇلۇپ تەرەققىي قىلىش ئارقىلىق جۇڭخۇا مىللىتى ئاخىرىدا ئۆزئارا سىڭىشىش، ئارىلىشىپ ئولتۇراقلىشىش، ئۆزئارا قوبۇل قىلىشتەك كۆپ مەنبە بىر گەۋدىلەشكەن ئەندىزىنى شەكىللەندۈرۈپ، بىرلىككە كەلگەن، مۇستەھكەم جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى بولۇپ توپلانغان.

  شىنجاڭ ئەزەلدىن كۆپ مىللەت توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايون، ئەمىنىيە، يېغىلىق دەۋرىدە تىيانشاننىڭ جەنۇبى، شىمالىدا ياشىغان ساكلار، روۋجىلار، ۋۇسۈنلار قاتارلىقلار، چىن، خەن سۇلالىلىرى دەۋرىدىكى ھونلار، خەنزۇلار، چياڭلار، ۋېي، جىن، جەنۇبىي- شىمالىي سۇلالىلەر دەۋرىدىكى سىيانپىي، جورجان، قاڭقىل قاتارلىقلار، سۈي، تاڭ سۇلالىلىرى دەۋرىدىكى تۈرك، تۈبۈت، قەدىمكى ئۇيغۇرلار، سۇڭ، لياۋ، جىن سۇلالىلىرى دەۋرىدىكى قىتانلار، يۈەن، مىڭ، چىڭ سۇلالىرى دەۋرىدىكى موڭغۇل، جۇرجىت، تاڭغۇت، قازاق، قىرغىز، مانجۇ، شىبە، داغۇر، خۇيزۇ، ئۆزبېك ۋە تاتار قاتارلىقلار. ئوخشاش بولمىغان تارىخىي مەزگىلدە، ئوخشاش بولمىغان مىللەتلەر شەرقتىن غەربكە بېرىپ، جەنۇبتىن شىمالغا قايتىپ، ئۈزلۈكسىز كۆچۈش ۋە يۆتكىلىش داۋامىدا ئۈزلۈكسىز يۇغۇرۇلۇپ تەرەققىي قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ھازىرقى كۆپ مىللەت توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان جايلىشىش ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈپلا قالماستىن، يەنە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ كۆپ مەنبە بىر گەۋدىلىشىشى ئۈچۈن غەربىي شىمال چېگرا رايونىدىكى مىللەتلەرنىڭ شەكىللىنىشى ۋە ئەندىزىسىدىن ئىبارەت ئاساسنى سالدى. تارىخىي پاكىتلار ئىسپاتلىدىكى، كۆپ مىللەتلىك بولۇش دۆلىتىمىزنىڭ بىر چوڭ ئالاھىدىلىكى، شۇنداقلا شىنجاڭ رايونىنىڭ روشەن ئالاھىدىلىكى. شىنجاڭ ئەزەلدىن كۆپ مىللەت ئورتاق ئېچىپ قۇرغان ۋە ياشاپ كەلگەن جاي، ئۇزاق مەزگىل شىنجاڭدا ياشاۋاتقان مىللەتلەرنىڭ ھەممىسى شىنجاڭنى ئېچىش، قۇرۇش، دۆلەتنىڭ بىرلىكى ۋە خەۋپسىزلىكىنى قوغداشقا مۇھىم تۆھپە قوشتى. مىللەتلەرنىڭ يۇغۇرۇلۇپ تەرەققىي قىلىشى تارىخىي قانۇنىيەت، ئۇنى ھەرگىزمۇ ھەرقانداق كىشى سۇبيېكتىپ ئارزۇسىغا تايىنىپ ئۆزگەرتەلمەيدۇ.

  شىنجاڭ رايونى ئەزەلدىن ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك رايونى بىلەن قويۇق ئالاقىنى ساقلاپ كەلگەن، ھەرقايسى مىللەتلەر ئۆزئارا ئۆگىنىپ، ئۆزئارا ئالاقىلىشىپ، ئالماشتۇرۇپ، كۆچۈپ، يۆتكىلىپ نۇرغۇن جانلىق مەنزىرە شەكىللەندۈرگەن. يېقىنقى زاماندىن بۇيان، ھەرقايسى مىللەتلەر دۆلەتنىڭ قىيىنچىلىقىنى يېڭىشكە بىردەك ئاتلىنىپ، دۈشمەنگە قارشى بىر سەپتە تۇرۇپ، سىرتنىڭ تاجاۋۇزىغا ئورتاق تاقابىل تۇرۇپ، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە ئورتاق قارشى تۇردى. ئۇزاق مەزگىل ئالاقىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، ئارىلىشىش داۋامىدا، ھەرقايسى مىللەتلەر جايلىشىش جەھەتتە ئارىلىشىپ ئولتۇراقلىشىپ، مەدەنىيەت جەھەتتە ئۆزئارا قوبۇل قىلىپ، ئىقتىسادىي جەھەتتە ئۆزئارا تايىنىپ، ھېسسىيات جەھەتتە ئۆزئارا يېقىنلىشىپ، بىر- بىرىدىن ئايرىلالمايدىغان، باشقا كەلگەننى تەڭ كۆرىدىغان تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى ئاللىبۇرۇن شەكىللەندۈردى. شۇنىڭ ئۈچۈن، شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنى تونۇش ۋە تەتقىق قىلىشتا، جەزمەن شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ شەكىللىنىشى ۋە راۋاجلىنىشىنى كۆپ مەنبە بىر گەۋدىلەشكەن جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئەندىزىسىگە قويۇپ شەرھلەش كېرەك، جەزمەن شىنجاڭدىكى مىللەتلەر بىلەن ئىچكىرىدىكى مىللەتلەر ئۇزاق مەزگىل ئالاقىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، ئارىلىشىش ئارقىلىق ئورتاق بەرپا قىلغان جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسىنى كۆرۈش كېرەك، جەزمەن جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ يۇغۇرۇلۇپ تەرەققىي قىلىش تارىخىي قانۇنىيىتىدىن شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ ئۇيۇشۇش، ئورتاق جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشتەك تارىخىي ئاساسىي ئېقىمىنى كۆرۈش كېرەك.

  ئۈچىنچى، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ كۆپ مەنبە بىر گەۋدىلىشىش ئەندىزىسىدىن شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتى بىلەن جۇڭخۇا مەدەنىيىتى ئارىسىدىكى ئۆزئارا ئالاقىنى قېزىش ۋە شەرھلەش كېرەك

  ئۇزاق تارىخقا ئىگە، شانلىق جۇڭخۇا مەدەنىيىتى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇزاق تارىخىي تەرەققىيات داۋامىدىكى ئۇلۇغ ئىجادىيىتى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئەقىل- پاراسىتى ۋە ئىجادچانلىقىنىڭ جەۋھىرى. كۆپ مىللەتلىك، كۆپ مەدەنىيەتلىك بولۇش دۆلىتىمىزنىڭ بىر چوڭ ئالاھىدىلىكى، شۇنداقلا دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىياتىدىكى مۇھىم ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ. قەدىمدىن بۇيان، جۇڭخۇا مىللىتى تەبىئىي مۇھىت ۋە ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي تۇرمۇشنىڭ كۆپ خىللىقى تۈپەيلىدىن مول، كۆپ مەنبەلىك ھالەتنى نامايان قىلغان. ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتى بۈيۈك بىرلىككە كەلگەن جۇڭگو زېمىنىدا ئالماشتۇرۇلۇپ، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىپ، قوبۇل قىلىپ يۇغۇرۇلۇپ، بىر- بىرىدىن ئايرىلالمايدىغان مەدەنىيەت بىر پۈتۈن گەۋدىسىنى شەكىللەندۈرگەن، ئۇ كەڭ قورساق، دېڭىزدەك كەڭ كۆڭۈلگە ئىگە بولۇپ، باشقىلارنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى كۆپلەپ قوبۇل قىلىپ، ئاخىرىدا شانلىق جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى شەكىللەندۈردى. شىنجاڭ ياۋروپا- ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ كېسىشكەن ئورنىغا جايلاشقان، قەدىمدىن شەرق بىلەن غەرب مەدەنىيەت ئالماشتۇرىدىغان ئۆتەڭ بولۇپ، كۆپ مەنبەلىك مەدەنىيەت تەڭ مەۋجۇت بولۇش، ئالماشتۇرۇلۇش، بىر- بىرىنى تولۇقلاش، يۇغۇرۇلۇش شىنجاڭ مەدەنىيىتىنىڭ شەكىللىنىشى ۋە راۋاجلىنىشىنىڭ روشەن ئالاھىدىلىكى. جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنى غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى دەرۋازا ۋە ۋاسىتە بولۇش سۈپىتى بىلەن، شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتىگە باشتىلا جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ كۆپ مەنبە بىر گەۋدىلەشكەن تامغىسى بېسىلغان. مەسىلەن، دۇنياغا داڭلىق كارىز شىنجاڭ مەدەنىيىتى بىلەن ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك مەدەنىيىتى يۇغۇرۇلغانلىقىنىڭ مەھسۇلى. جۇڭخۇا مەدەنىيىتى سىستېمىسىنىڭ كەم بولسا بولمايدىغان تەركىبىي قىسمى بولۇش سۈپىتىدە، شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتى جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنىڭ مۇنبەت تۇپرىقىدىن ئۈزلۈكسىز ئوزۇق ئېلىپلا قالماي، بەلكى يەنە جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ شەكىللىنىشى ۋە راۋاجلىنىشىغا، جۇڭخۇا مەدەنىيىتى خەزىنىسىنى بېيىتىشقا تۆھپە قوشقان. يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ «قۇتادغۇبىلىك»، مەھمۇد كاشىغەرىنىڭ «تۈركىي تىللار دىۋانى»، قىرغىزلارنىڭ «ماناس» قاتارلىق كىلاسسىك ئەدەبىي ئەسەرلەرنىڭ ھەممىسى جۇڭخۇا مەدەنىيىتىدىن ئوزۇق ئالغان. شۇنىڭ بىلەن بىللە، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ مۇنبەت تۇپرىقىدا، شىنجاڭدىكى مىللەتلەرمۇ جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ شەكىللىنىشى ۋە راۋاجلىنىشىغا تۆھپە قوشقان، ئەدىب گۈەن يۈنشى، ئاگرونوم لۇ مىڭشەن قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى بۇنىڭ تىپىك مىسالى. شىنجاڭ مەدەنىيىتىنىڭ جۇڭخۇا مەدەنىيىتى بىلەن مۇناسىۋىتى يوق دەپ قارايدىغان، ئۆز مىللىتىنىڭ مەدەنىيىتىنى جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ سىرتىغا قويىدىغان ئاشۇ قاراشلارنىڭ ھەممىسىنى قەتئىي تۈزىتىش كېرەك. جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش تۇيغۇسىنى ئاشۇرۇش شىنجاڭدىكى مىللەتلەر مەدەنىيىتىنى گۈللەندۈرۈش، راۋاجلاندۇرۇشنىڭ جېنى، جۇڭخۇا مەدەنىيىتى يىلتىزىنى چىڭ ساقلىغاندىلا، شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتى شۇندىلا ئۈزلۈكسىز گۈللىنەلەيدۇ، راۋاجلىنالايدۇ، شۇندىلا رەڭدارلىقىنى جۇلالاندۇرالايدۇ.

  تۆتىنچى، دۆلىتىمىزنىڭ دىننى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش تارىخىي ئەنئەنىسىدىن شىنجاڭنىڭ كۆپ خىل دىن تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشتەك تارىخىي تەرەققىياتىنى تونۇش ۋە تەتقىق قىلىش كېرەك

  جۇڭگو كۆپ دىنلىق دۆلەت، خەن سۇلالىسىدىن بۇيان، تەدرىجىي ھالدا بۇددا دىنى، تويىن دىنى، ئىسلام دىنى، كاتولىك دىنى، خىرىستىيان دىنىدىن ئىبارەت بەش چوڭ دىن تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان ۋەزىيەت شەكىللەندى. تۈرلۈك دىنلار جۇڭگودىكى پەيدا بولۇش ۋە تەرەققىي قىلىش تارىخىي جەرياندا، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ ئۆزئارا قوبۇل قىلىش، ئوخشاشماسلىقلاردا بىرلىككە كېلىش روھىنىڭ تەسىرىدە، جۇڭگو جەمئىيىتىگە پائال ئۇيغۇنلىشىپ، جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپلا قالماستىن، يەنە ئۆزئارا قوبۇل قىلىش، يۇغۇرۇلۇش جەريانىدا، جۇڭخۇا مەدەنىيىتى خەزىنىسىنى بېيىتتى.

  شىنجاڭ قەدىمدىن تارتىپ كۆپ خىل دىن تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان رايون، تارىختا ئىپتىدائىي دىن، شامان دىنى، زوروئاستىر دىنى، بۇددا دىنى، تويىن دىنى، مانى دىنى، نېستورىيان دىنى، ئىسلام دىنى قاتارلىقلار ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ شىنجاڭدا كەڭ تارقالغان ۋە تەرەققىي قىلغان، ئوخشاش بولمىغان دىنلار شىنجاڭ رايونىدا بىرى يوقالسا، بىرى كۈچىيىپ، تەڭ مەۋجۇت بولۇپ، سىڭىشىپ، تەدرىجىي ھالدا ئىسلام دىنىنى ئاساس قىلغان، كۆپ خىل دىن تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان ئەندىزىنى شەكىللەندۈردى. لېكىن ئىسلام دىنى ئەزەلدىن شىنجاڭ رايونىدىكى بىردىنبىر دىن ئەمەس، ئىسلام مەدەنىيىتىمۇ شىنجاڭدىكى مىللەتلەر مەدەنىيىتىنىڭ جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىگە تەۋە بولۇشتەك ئالاھىدىلىكى ۋە يۆنىلىشىنى ئۆزگەرتەلمىدى. تارىخىي پاكىتلار شۇنى ئىسپاتلىدىكى، بىر دىن ياكى ئىككى دىننى ئاساس قىلىش، كۆپ خىل دىن تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش باشتىن- ئاخىر شىنجاڭدىكى دىنلارنىڭ ئۆزگىرىشىنىڭ ئاساسىي ئەندىزىسى بولۇپ كەلگەن، كۆپ خىل دىن ئىناق بىللە ئۆتۈش، سىڭىشىش، تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش شىنجاڭ رايونىدىكى دىنلار مۇناسىۋىتىنىڭ ئاساسىي ئېقىمى. ئىسلام دىنى شىنجاڭ رايونىغا تارقىلىپ كىرگەندىن كېيىن، ئىسلام مەدەنىيىتى مول ۋە چوڭقۇر مەزمۇنغا ئىگە جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ سىغدۇرۇشى ۋە يۇغۇرۇشى داۋامىدا، تەدرىجىي ھالدا جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ يادروسىغا توپلاندى ھەم روشەن رايون ئالاھىدىلىكى ۋە مىللىي ئالاھىدىلىكنى شەكىللەندۈردى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ مەقسەتلىك، قەستەن ھالدا «جۇڭگوچىسىزلاشتۇرۇش»ىغا قارىتا، دۆلىتىمىزدىكى ئىسلام دىنىنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇش شەرت. بىر تەرەپتىن، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ دىن ئەمەسلىكىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش كېرەك، ئۇ مىللىي بۆلگۈنچىلىك ۋە زوراۋانلىق، تېررورلۇقنىڭ ئىدىيە ئاساسى، شۇڭا دىنىي ئەسەبىي كۈچلەرگە قانۇن بويىچە قاتتىق زەربە بېرىش شەرت؛ يەنە بىر تەرەپتىن، دۆلىتىمىزدىكى ئىسلام دىنىنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ئىسلام دىنىنى دۆلىتىمىزنىڭ سوتسىيالىزم جەمئىيىتىگە تېخىمۇ ياخشى ئۇيغۇنلاشتۇرۇشقا يېتەكلەش كېرەك.

  رېئاللىق تارىخنىڭ راۋاجى ۋە داۋامىدۇر. تارىخنى توغرا چۈشەنگەندىلا، ئاندىن رېئاللىقنى تېخىمۇ چوڭقۇر تونۇغىلى ۋە كەلگۈسىنى توغرا ئىگىلىگىلى بولىدۇ. «بىر مىللەت، بىر دۆلەت جەزمەن ئۆزىنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى، نەدىن كەلگەنلىكىنى، نەگە بارىدىغانلىقىنى بىلىشى شەرت. بۇنى بىلسە، توغرا چۈشەنسە نىشانغا قاراپ قەتئىي تەۋرەنمەي ئىلگىرىلىيەلەيدۇ». باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تارىخ توغرىسىدىكى بۇ بايانى شىنجاڭنىڭ تارىخىنى تونۇش ۋە تەتقىق قىلىشتا مۇھىم يېتەكچىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە. شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ دۆلەت ئېڭى، پۇقرالىق ئېڭى ۋە جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇشتا، جەزمەن تارىخ ئارقىلىق شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلققە تۆۋەندىكىلەرنى بىلدۈرۈش كېرەك: شىنجاڭ قانداق قىلىپ ۋەتەن قوينىدا قەدەممۇقەدەم تەرەققىي قىلغان؛ شىنجاڭدىكى مىللەتلەر قانداق قىلىپ جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىدە يۇغۇرۇلۇپ شەكىللەنگەن؛ شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتى قانداق قىلىپ جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنىڭ مۇنبەت تۇپرىقىدا يىلتىز تارتىپ، ئۈزلۈكسىز ئالماشتۇرۇپ، ئارىلىشىپ، بېيىپ تەرەققىي قىلغان. بۇ بىر خىل تارىخىي تەپەككۇر بولۇپلا قالماستىن، يەنە بىر خىل تارىخىي پوزىتسىيە. تارىخ تەربىيەسى ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى ۋە يولى، شىنجاڭ تارىخىنى ئۆگىنىش ئارقىلىق بۇ بۆلىكىدىن ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزنىڭ شەكىللىنىش ۋە تەرەققىي قىلىش تارىخىنى چۈشىنەلەيمىز، تارىختا ھەر مىللەت خەلق ياراتقان شانلىق مۇۋەپپەقىيەت ۋە شانلىق مەدەنىيەتنى چۈشىنەلەيمىز، ئىنقىلابىي ئەجدادلارنىڭ ۋەتەن ۋە مىللەتنىڭ مۇستەقىللىقى، ئازادلىقى ئۈچۈن ئېلىپ بارغان جاپالىق كۈرەشلىرىنى چۈشىنەلەيمىز، بۇ ئارقىلىق ئۇلۇغ ۋەتەنگە بولغان قىزغىن مۇھەببىتىمىزنى ئۇرغۇتۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلىدىغان قەتئىي ئىشەنچىمىز ۋە قەتئىي ئىرادىمىزنى تۇرغۇزالايمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى