تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

خىزمەتكە ئېرىشىپ، تۇرمۇشتا ئۆزگىرىش بولدى

ئالدىنقى ئون ئايدا جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى ئېغىر نامرات ناھىيەلەر 82 مىڭ كىشىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق يۆلىدى

مۇخبىرىمىز لى چۈنشيا

  11- ئاينىڭ 14- كۈنى، شىنجاڭ جۇڭتەي گۇرۇھى خۇاتەي شىركىتى ئېتېن سېخىنىڭ ئىشچىسى ئىبراھىم مەتتۇردى پەخىرلەنگەن ھالدا مۇنداق دېدى: ھازىر مەن كارخانىنىڭ رەسمىيلەشتۈرۈش ئىمتىھانىدىن ئۆتۈپ، لاياقەتلىك ئىش ئورنى مەشغۇلات ئىشچىسى بولدۇم، ھەر ئايدا 4000 يۈەندىن 5000 يۈەنگىچە كىرىم قىلىمەن، ئاتا- ئاناممۇ مەندىن خۇشال.

  بۇ يىل 5- ئايدا، ئىبراھىم كەنتىدىكى باشقا 20 كىشى بىلەن بىرلىكتە شىنجاڭ جۇڭتەي گۇرۇھىنىڭ خۇاتەي شىركىتىگە يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلدى. ئۇ نەچچە ئايلىق دۆلەت ئورتاق تىل- يېزىقى، قانۇن بىلىملىرى ۋە مەشغۇلات ماھارىتى تەربىيەسى ئارقىلىق 9- ئايدا ئوڭۇشلۇق رەسمىيلىشىپ، تېخنىك ئىشچىغا ئايلاندى. ھازىر، شىركەتكە ئەمدىلا كىرگەن ۋاقتىدىكىگە سېلىشتۇرغاندا، ئۇنىڭدا باشقىچىلا ئۆزگىرىش بولدى، ئۇ پۇتۇڭخۇانى ياخشى سۆزلەپلا قالماي، روھىمۇ كۆتۈرەڭگۈ ئىدى، تەبەسسۇمىدىن ئىشەنچ ۋە ئوچۇق- يورۇقلۇقى چىقىپ تۇراتتى.

  ئىبراھىم بىلەن ئوخشىمايدىغىنى، پەيزاۋات ناھىيەسىنىڭ قىزىلسۇ يېزىسى باغتوغراق كەنتىدىكى نامرات ئاھالە تۇرسۇنجان ئابلىم «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ياردىمىدە، كەنت ئاھالە كومىتېتىنىڭ ئۇدۇلىدا «تۇرسۇنجان كاۋاپخانىسى» ئاچتى. «كۈندە نەچچە يۈز يۈەنلىك ساتالايمەن، بىر ئايدا ئاز دېگەندە 3000 يۈەندىن 4000 يۈەنگىچە پۇل تاپالايمەن، مۇشۇنداق بولغاندا، ئائىلەم ناھايىتى تېزلا نامراتلىقتىن قۇتۇلىدۇ». تۇرسۇنجان كېيىنكى ياخشى كۈنلىرىگە قارىتا ئىشەنچكە تولغانىدى.

  ئىبراھىم، تۇرسۇنجانغا ئوخشاش جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىدىكى تېخىمۇ كۆپ نامرات ئائىلىدىكى ئەمگەكچىلەر ئۆز جايىدا، يېقىن ئەتراپتا ئىشقا ئورۇنلىشىش، شىنجاڭ ئىچىدە رايون ئاتلاپ يۆتكىلىپ ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلەش قاتارلىق كۆپ خىل يوللار ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلىشىپ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشنى ئىشقا ئاشۇردى. 2018- يىلى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە ھۆكۈمەت شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دىققەتنى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستنىڭ ئېغىر نامرات ناھىيەلىرىدىكى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئائىلىلەردىكى ئەمگەكچىلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستنىڭ ئېغىر نامرات رايونلىرىدا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشنىڭ ئۈچ يىللىق يىرىك پىلانىنى تۈزۈپ يولغا قويدى. ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا قارىغاندا، 10- ئاينىڭ ئاخىرىغا قەدەر، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستنىڭ 22 ئېغىر نامرات ناھىيەسى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئائىلىلەردىكى جەمئىي 82 مىڭ ئەمگەكچىنى تەشكىللىك يۆتكىگەن، ئالتە ئايدىن يۇقىرى ئەمگەك توختامى ئىمزالىغانلار 75 مىڭ كىشى بولۇپ، مۇقىم ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتى %92كە يەتكەن.

  ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى دېھقان ئىشلەمچىلەر خىزمىتى باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشقارما باشلىقى لى خۇڭۋۇ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: يۆتكىلەلەيدىغان، تېخىمۇ مۇھىمى مۇقىملىشالايدىغان، قېپقالالايدىغان بولۇش كېرەك، مۇشۇنداق قىلغاندىلا، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشتە ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشكىلى بولىدۇ. ئاپتونوم رايونىمىز ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنىڭ مۇقىملىقىنى ئاشۇرۇشنى ئاساسلىق ھۇجۇم يۆنىلىشى قىلىپ، بىر تەرەپتىن، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى نامرات ئائىلىلەردىكى ئەمگەكچىلەرنىڭ ئالاھىدىلىكىگە قارىتا «ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش مەخسۇس تەربىيەلەش تۈر يۈرۈشلۈكى»نى ئېچىپ تاماملاپ، يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش شارائىتىنى ھازىرلىغان نامرات ئائىلىلەردىكى ئەمگەكچىلەردىن تەربىيەلەشكە تېگىشلىكلىرىنى تولۇق تەربىيەلەپ، ئۇلارنىڭ دۆلەت ئورتاق تىل- يېزىقى سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، نامرات ئائىلىلەردە ئاز دېگەندىمۇ بىر ئەمگەكچىنىڭ بىر ئىشقا ئورۇنلىشىش ماھارىتىنى ئۆگىنىپ ئىگىلىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى؛ يەنە بىر تەرەپتىن، ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئەمگەكچىلىرىنى تەربىيەلەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش باشقۇرۇش- مۇلازىمەت سىستېمىسى قۇرۇپ، «بىر تۈركۈمنى يۆتكەپ، بىر تۈركۈمنى كىرگۈزۈش، بىر تۈركۈمنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، بىر تۈركۈمنى كىرگۈزۈش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، تەشكىللىك يۆتكىلىپ ئىشقا ئورۇنلاشقانلارنى ھەقىقىي نام تۈزۈمى بويىچە باشقۇرۇشنى ئەمەلگە ئاشۇردى.

  بۈگۈنكى كۈندە، ئاپتونوم رايوننىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش ياخشى سىياسىتىنىڭ نەپ يەتكۈزۈشى بىلەن، جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىدىكى نامرات ئائىلىلەردىكى نەچچە ئون مىڭ ئەمگەكچى ئىشىكى ئالدىدىكى «ھەمراھ زاۋۇت» «نامراتلارنى يۆلەش سېخى»دا ئىشقا ئورۇنلاشتى، شىمالىي شىنجاڭ، شەرقىي شىنجاڭ رايونىدىكى دۆلەت كارخانىلىرى، ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتە بولمىغان كارخانىلاردا ئىشقا ئورۇنلاشتى، دۇكان، ئاشخانا، رېمونتخانا قاتارلىقلارنى ئېچىش ئارقىلىق ئىگىلىك تىكلەپ ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىشقا ئاشۇردى. ئۇلارنىڭ كىرىمى كۆپەيدى، چېھرىدىكى كۈلكىسى كۆپەيدى، ئىدىيەسى، قارىشى ئۆزگەردى، تۇرمۇش سۈپىتى ئۆستى، كەلگۈسىدىكى گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئۈمىدى تېخىمۇ كۆپەيدى.

  يېقىندا، شىنجاڭ جۇڭتەي خىمىيەسى فۇكاڭ ئېنېرگىيە چەكلىك شىركىتىنىڭ ئىشچىسى ئەمەتجان مامۇت بىلەن زۇلخۇمار ئابدۇۋەلى ئەر- خوتۇن ئىككىيلەن شىركەتنىڭ بىر يۈرۈش كاپالەتلىك تۇرالغۇسىنى تاللاپ سېتىۋالدى. ئاچقۇچنى ئېلىپ يېڭى ئۆيگە كىرگەن شۇ چاغلاردا، زۇلخۇمارنىڭ كۆزىگە ياش كەلدى. ئۇ: «ھاياجانلانغىنىمدىن كېچىچە ياخشى ئۇخلىيالمىدىم، پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسىتى بولمىغان بولسا، جەنۇبىي شىنجاڭدىن كەلگەن بىزدەك نامرات ئاھالىلەرنىڭ ئۈرۈمچىدىن ئۆي سېتىۋېلىشىنى كىممۇ خىيالىغا كەلتۈرسۇن، بىز مەڭگۈ پارتىيەنىڭ شەپقىتىگە مىننەتدارلىق بىلدۈرىمىز، ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزگە مىننەتدارلىق بىلدۈرىمىز» دېدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى