ئاپتونوم رايونلۇق بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى (ئاپتونوم رايونلۇق بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش كومىتېتى ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى)
ۋاڭ يۆبىن ئىنتىزام ۋە رېۋىزىيە جەھەتتىن تەكشۈرۈلۈۋاتىدۇ
ئۆز خەۋىرىمىز. ئاپتونوم رايونلۇق بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى(ئاپتونوم رايونلۇق بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش كومىتېتى ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى) ۋاڭ يۆبىن ئىنتىزامغا، قانۇنغا ئېغىر خىلاپلىق قىلغانلىق گۇمانى بىلەن، نۆۋەتتە ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى تەرىپىدىن ئىنتىزام ۋە رېۋىزىيە جەھەتتىن تەكشۈرۈلۈۋاتىدۇ.