تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

نۇرلان ئەبىلمەجىن ئاتۇشقا بېرىپ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى

  قەلب-كۈچنى مۇجەسسەملەپ، ئەڭ قىيىن ئۆتكەلدىن ھۇجۇم قىلىپ ئۆتۈش كېرەك

  ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز جاڭ يىڭچۈن خەۋەر قىلىدۇ: 11- ئاينىڭ 13- كۈنىدىن 14- كۈنىگىچە، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، رەئىس نۇرلان ئەبىلمەجىن نامراتلارنى يۆلەش ئالاقە نۇقتىسى بولغان قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ ئاتۇش شەھىرىگە بېرىپ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى ھەم نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، دىققەتنى باشتىن- ئاخىر باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، «بىرىكمە مۇشت» تەدبىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قەلب- كۈچنى مۇجەسسەملەپ، ئەڭ قىيىن ئۆتكەلدىن ھۇجۇم قىلىپ ئۆتۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قەتئىي ئۆز قەرەلىدە غەلىبە قىلىش كېرەك.

  نۇرلان ئەبىلمەجىن ئاتۇش شەھىرىنىڭ سۇنتاغ يېزىسىدىكى مېھرىم يېمەكلىك پىششىقلاش ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا كېلىپ، يېزا- كەنت كادىرلىرى ۋە دېھقانلار بىلەن سەمىمىي پاراڭلاشتى، ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ۋە كىرىم ئەھۋالىنى ئىگىلىدى. مەزكۇر ھەمكارلىق كوپىراتىپى 2014- يىلى تەشكىللىنىپ قۇرۇلغان، ھۆكۈمەتنىڭ ياردەم بېرىپ يۆلىشى بىلەن كۆلىمىنى كېڭەيتكەن، ھازىر ئىشلەۋاتقان 56 ئىشلەمچىنىڭ 49ى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئاھالە بولۇپ، ھەر بىر كىشىنىڭ ئايلىق ئوتتۇرىچە مائاشى 2500 يۈەنگە يېتىدۇ، ئىشلەپچىقارغان تورت، تۇش قاتارلىق مەھسۇلاتلىرى شەھەر رايونىدىكى ھەرقايسى ئوتتۇرا، كىچىك تاللا بازارلىرىدا سېتىلىدۇ. نۇرلان ئەبىلمەجىن مۇنداق كۆرسەتتى: نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ قىممىتى دەل جايىدا بولۇشتا، مۇھىم نۇقتىسىمۇ دەل جايىدا بولۇشتا، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ يۆلەش سالمىقىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇپ، كەسپىي ماھارەت ۋە دۆلەت ئورتاق تىل- يېزىقى تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، نامرات ئاممىنىڭ ئۆز يېرىدە، يېقىن ئەتراپتا ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولۇپ، تېخىمۇ كۆپ نامرات ئاممىنىڭ كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تايىنىپ نامراتلىقتىن مۇقىم قۇتۇلۇشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

  سۆھبەت يىغىنىدا، نۇرلان ئەبىلمەجىن ئاتۇش شەھەرلىك پارتكوم ۋە ھەرقايسى نامراتلارنى يۆلەش مەخسۇس تۈر گۇرۇپپىلىرىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمەت ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتىنى ئەستايىدىل ئاڭلىدى، شۇ شەھەرنىڭ يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىشتا قولغا كەلتۈرگەن ئۈنۈمىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشتىكى مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە تەخىرسىزلىك تۇيغۇسىنى كۈچەيتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى سىياسىي مەسئۇلىيەتنى قەتئىي زىممىگە ئېلىپ، پارتىيە، ھۆكۈمەتنىڭ بىرىنچى قول باشلىقلىرى ئۆزى تۇتۇپ، ئومۇمىي مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىش، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇش، ئورۇنلاشتۇرمىسىغا ئاساسەن، «ئالتىدە دەل جايىدا بولۇش»نى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، «يەتتە بىر تۈركۈم»، «ئۈچتە سالماقنى ئاشۇرۇش»نى كۈچەپ ئالغا سىلجىتىپ، بىرمۇ كەنتنى چۈشۈرۈپ قويماسلىق، بىرمۇ كىشىنى قالدۇرۇپ قويماسلىققا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. مەسئۇلىيەتنى چىڭىتىپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇشنى كۈچەيتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش خىزمىتىنىڭ ئەمەلىي بولۇشى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جەريانىنىڭ پۇختا بولۇشى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نەتىجىسىنىڭ ھەقىقىي بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. دەل جايىدا تەدبىر قوللىنىپ، نامرات ئاممىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشتىكى ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئۈنۈملۈك قوزغاش كېرەك. دىققەتنى باشتىن- ئاخىر باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، مۇقىملىق بىلەن نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى ئىككى قولدا تۇتۇش، ئىككىلا قول قاتتىق بولۇش، ئىككىنى ئىلگىرى سۈرۈش، قوش ھوسۇل ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. سىياسىي كېڭەش تەشكىلاتلىرى باش نىشانغا مۇلازىمەت قىلىش، باش نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىشنىڭ مۇھىم نۇقتىسى قىلىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىلگىرى سۈرۈشتە بۇرچنى زىممىگە ئېلىپ، رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشقا ياردەم بېرىشكە چارە كۆرسىتىشى ۋە كۈچ چىقىرىشى كېرەك.

  تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغان مەزگىلدە، نۇرلان ئەبىلمەجىن باغۋەنچىلىك مەيدانى كەنتىگە بېرىپ، قوشماقلاشقان تۇغقىنى ۋاڭ گېڭچاڭ ئائىلىسىدىكىلەرنى يوقلىدى ۋە ئۇلاردىن ھال سورىدى. تۇغقانلىرىنىڭ ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش ئۆيىگە كۆچۈپ كىرگەنلىكى، يېڭى ئۆينىڭ ئازادە، يورۇق ئىكەنلىكى، تۇرۇبا سۈيى، تەبىئىي گازنىڭ ئۆيگىچە ئۇلانغانلىقىنى كۆرگەن نۇرلان ئەبىلمەجىن ئىنتايىن خۇشال بولدى، ئۇ ۋاڭ گېڭچاڭنى باغۋەنچىلىك تېخنىكىسىنى ئۆگىنىپ، تىرىشىپ ئىشلەپ بېيىش باشلامچىلىرىدىن بولۇشقا، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ياخشىلاپ، باشقىلارغا ياردەم بېرىشنى خۇشاللىق دەپ بىلىشكە، پائال تۆھپە قوشۇپ، بالدۇرراق پارتىيەگە كىرىشنى قولغا كەلتۈرۈشكە رىغبەتلەندۈردى.

  ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇئاۋىن رەئىس، قوشۇمچە باش كاتىپ جاڭ بو تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى